تۈركىيەنىڭ 32 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك پېرىزىدېنتلىق سايلىمى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (17)

958633
تۈركىيەنىڭ 32 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك پېرىزىدېنتلىق سايلىمى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (17)

«تۈركىيەنىڭ 32 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك پېرىزىدېنتلىق سايلىمى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «تۈركىيەنىڭ 32 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك پېرىزىدېنتلىق سايلىمى»تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

تۈركىيە 2018يىلى 24ئىيۇندا ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۆلەتلەردە كۆرۈلىدىغان بىر شەكىلدە تارىخىدىكى 32 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلام ۋە تۇنجى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

تۈركىيەدە تۇنجى ئومۇمىي سايلام ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدە 1876يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئارقىدىن يەنە، 1878-، 1908 -، 1912 -، 1914 - ۋە 1919يىللىرى بولۇپ جەمئىي 6 قېتىم ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە بولسا، بىر پارتىيەلىك ھاكىمىيەت مەزگىلىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 25 قېتىم ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. بىر پارتىيەلىك ھاكىمىيەت دەۋىردە 1923 -، 1927 -، 1931 -، 1935 -، 1939ۋە 1943يىللىرىدا جەمئىي 6 قېتىم ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. 1946يىلى كۆپ پارتىيەلىك ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا ئۆتكەندىن بۇيان جەمئىي 19 قېتىم ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. 2018يىلى 24ئىيۇندا بولسا، كۆپ پارتىيەلىك ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا ئۆتكەندىن بۇيانقى 20تۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزىلىدۇ. 

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلگەن 1876يىلىدىن 24ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامغىچە بولغان بۇ 142 يىلدا، جەمئىي 32 نۆۋەت سايلام ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ. يەنە بىر تەەرپتىن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلمەي قالغان ئوتتۇرا مەزگىللەرمۇ بار.

 

ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى سايلاملار

 

شۈبھىسىزكى، ھەر بىر سايلامنىڭ ياكى سايلام مەزگىلىنىڭ ئۆزىگىچە ئالاھىدىكى بولىدۇ. ئوسمانلى دەۋرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار پادىشاھلىققا ئوخشاش ئەنئەنىۋى، خەلىپىلىك ۋە شەيخۇل ئىسلاملىققا ئوخشاش ئورگانلا مەۋجۇت دەۋرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردۇر. تۈركىيە دېموكراتىيە، خەلىپىلىق ۋە شەيخۇل ئىسلاملىققا ئوخشاش ئورگانلار مەۋجۇت بولغان دەۋرەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا تۈركىيەدە ئىسلام بىلەن دېموكراتىيەنىڭ ئۆزئارا ماسلىشالايدىغان ياكى ماشلىشالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەڭ كۆپ تالاش تارتىش مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

1923يىلىدىن 1943يىلىغىچە بولغان بىر پارتىيەلىك ھاكىمىيەت دەۋرىدە، گەرچە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە رۇخسەت قىلىنمىسىمۇ، سايلاملارنىڭ يەنىلا داۋاملاشقانلىقى، ئوسمانلى دەۋرىدە باشلانغان سايلام ئەنئەنىسىنىڭ ئۇنۇتىلىشى، غەرب فاشىسىزمى ۋە ناتسىزىمىگە يۈزلىنىشى تۈپەيلىدىن قىلىپلاشمىغان بىر شەكىلدە سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۆزگىچە مەنا ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە.

*** ***** *** ***** ***** *****

تۈركىيە 1946يىلىدا كۆپ پارتىيەلىك دۆلەت سىستېمىسىغا ئۆتتى. 1876يىلىدىن 1943يىلىغىچە بولغان سايلاملار ئىككى دەرىجىلىك ۋە 1946يىلىدىن بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلغان سايلاملار بىر دەرىجىلىك بولۇپ كەلدى. ئىككى دەرىجىلىك سايلام سىستېمىسى بۈگۈنكى ئامېرىكىنىڭ سايلام سىستېمىسىغا ئوخشىشىپ كېتەتتى. بۇ سىستېمىدا سايلىغۇچىلار ئىككىنچى سايلىغۇچىلارنى، ئىككىنچى سالىغۇچىلار بولسا پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. ئىككى دەرىجىلىك سايلامنى يېغىپ قىلىپ ئېيتقاندا، ئومۇمىي سايلام بېلىتىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.

2018يىلى 24ئىيۇندا بولسا، تۈركىيە ئومۇمىي سايلام بىلەن بىرلىكتە تارىخىدىكى تۇنجى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 1976يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتنى قۇرۇشقا مەسئۇل پىرېزىدېنت ئايرىم ئايرىم سايلاپ چىقىلىدۇ.  تۈركىيەدە جۇمھۇر رەئىش مەركەزلىك ھۆكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن زورۈر ئىكەنلكىگە دائىر 2017يىلىدىكى سايلامدىن ئىلگىرى يازغان «ئۆتكۈر تەسىرلىك، مۇقىم ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سىستېمىسى» ناملىق كىتابىمغا قارىساڭلار بولىدۇ.

 

سايلاملارنىڭ مەنىسى

 

دېموكراتىيە، كۈچىنى ئاساسەن ئۆز قوينىدىكى ھۆكۈمەتتىن ئەمەس، بەلكى ئىشقا ئاشۇرغان قانۇنلۇق ئاساسىدىن ئالىدۇ. ئۆتمۈشتە سىياسىي سىستېمىلارنىڭ قانۇنلۇق ئاساسى ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار بار ئىدى. كەلگۈسىدىمۇ باشقا ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بىراق ھازىرقى دۇنيادىكى دېموكراتىيە، سىياسى سىستېمىلارنى ئىجتىمائىي قانۇنلۇق ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان بىردىن بىر ئۇسۇل بولسا كېرەك. شۇڭا سايلام ئارقىلىق بىر سىياسىي سىستېمىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنلۇق كۆرۈلىشى ۋە تەستىقلىنىشى، دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ بىر پۈتۈنلىشىشى ۋە زىچ ھەمكارلىشىشى نۇقتىسىدىن تولىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. سايلام ئارقىلىق خەلقتىن كۈچ ئالغان سىياسىي سىستېمىلار ھەم ئىچكى جەھەتتە، ھەم خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئۆتكەن بولىدۇ.

ئىجتىمائىي قانۇنۇلۇق سالاھىيىتى بولمىغان سىياسىي سىستېمىلار ئۈچۈن دەل ئەكسىچە بىر ئەھۋال بار. بۇ خىل ھاكىمىيەت سىستېمىلىرى دۆلەت ئىچىدە بارغانچە ئېغىر بېسىم، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى دەپسەندە قىلسا، خەلقئارادىمۇ ئۆز خەلقىدىن كۈچ ئالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىگە قارشى تېخىمۇ بەك خەلقئارالىق ئاكتىيورلارغا تايىنىشقا مۇھتاج بولىدۇ.

دېموكراتىيە ۋە زامىنىۋىلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارايدىغان بولساق، سىياسىي سىستېمىلارنىڭ ئىچىدىكى خەلقلەر تەرىپىدىن قانۇنلۇق كۆرۈلۈپ ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىنىڭ نە قەدەر مۇھىلىقىنى ئاسانلا كۆرۈۋالالايمىز. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان، باياشات دۆلەتلىرى دېموكراتىك دۆلەتلەردۇر. ئەڭ كۆپ مەسىلە كۆرۈلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسا، دېموكارتىيەگە قارشى دۆلەتلەردور.

بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، بىر دۆلەتتە تىنچلىق، خاتىرىجەملىك ۋە مۇقىملىقنىڭ مەنبەسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش ۋە ئەركىنلىككە ئوخشاش قىممەت قاراشلارغا ئىگە بولغان ياكى بولمىغانلىقىدۇر. چۈنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پەقەت بۇ قىممەت قاراشلار ئارقىلىق ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىك بولمىغان يەردە تەرەققىياتتىن قەتئىي سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

*** *** * **** ** *** ****

دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئەڭ كونكېرت ئۈلگە كۆرسىتىشكە بولىدىغىنى، تۈركىيەنىڭ 2000يىلىدىن كېيىنكى يولغا قويغان سىياسەتلىرىدۇر. 28فېۋرال ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش جەريانىدا ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە دېموكراتىيەگە زىت بېسىم ئىشلىتىش خاراكتېرلىق سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 2000 دوللارغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. 2000يىللاردىن كېيىن ئەركىنلىكنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، دېموكراتىيەنى ۋە كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 10 مىڭ دوللاردىن ئاشتى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى سايلامنى 1876يىلى ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارايدىغان بولساق، دېموكراتىيە تارىخىنىڭ نۇغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ 142يىل جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان دۆلەت تۈزۈملىرىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، تۈركىيە ئاساسەن دېموكراتىك تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۆتمۈشىگە قارايدىغان بولساق، دېموكراتىيەگە قارشى سىياسەتلەرنى يولغا قويمىغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ ناتسىزىمى ۋە ئىتالىيەنىڭ فاشىسىزىمغا ئوخشاش دېكتاتورلۇقلارغىمۇ پاتمىغانلىقىنى كۆرىمىز.

2000يىللاردىن كېيىن تۈركىيە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەربىي ھاكىمىيەتلەرنى ئارقىغا چۆرۈپ تاشلىدى. گېرمانىيە ئاۋستېرىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىيەچىلىك سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى ئۈچۈن يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشىگە شۇنداقلا سىياسىي ھەق ھوقۇقلارغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، تۈركىيە بېسىپ بولغان مۇساپىلەر ۋە دېموكراتىيە تەجرىبىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن يول كارسىتىدىغان ئۈلگە بولۇش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قىزىقىدىغانلار تۈركىيەنىڭ 142 يىللىق سايلام تەجرىبىسىنى، سايلاملارنىڭ بىۋاستە سوتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىلايىغانلىقى ۋە خالىغان كىشىنىڭ كۆزىتىشىگە ئوچۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق ئامىللار بىلەن بەلكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك سايلىمىنىڭ تۈركىيەدە ئىشقا ئېشىۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆرەلىشى مۇمكىن. 

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر