سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

955130
سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى

سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەنىڭ دۇما رايونىغا خىمىيەۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قوزغىشى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئەسەدنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 14-ئاپرېل شەنبە كەچتە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغالدى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ ھەربىي ھەرىكەت كەڭ كۆلەملىك بولۇشتىن بەكرەك، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى «جازالاش»تۈسىنى ئالدى.

سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغانلىقىغا 7 يىلدىن ئارتۇق بولدى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى، يارىلاندى، نۇرغۇن ئادەم يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئۆزگە مەملىكەتلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى، قىسقى سۈرىيەدە ئېغىر پاجىئەلەر يۈز بەردى، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن سۈرىيەلىكلەرگىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىلىرىدىن بولغان ئەسەدكە بۇرۇن ئەمەس نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم خىمىيەۋى قوراللار ئىشلەتكەندە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ؟ سۈرىيە مەسىلىسىدە بۇرۇنلاردا ئاكتىپ بولمىغان فىرانسىيە نېمىشقا ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قول تىقىدۇ؟ ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەگە قاراپ دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى تەرتىپى ۋە تۈزۈمىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر