ياۋروپا مۇبتىلا بولغان كىرىزىستىن چىقالارمۇ؟ (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (12)

934735
ياۋروپا مۇبتىلا بولغان كىرىزىستىن چىقالارمۇ؟ (ئاۋازلىق)

 

دۇنيا كۆزنىكى (12)

«ياۋروپا مۇبتىلا بولغان كىرىزىستىن چىقالارمۇ؟»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ياۋروپا مۇبتىلا بولغان كىرىزىستىن چىقالارمۇ؟» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ياۋروپادىكى كۈنسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئايرامچىلىق، فاشىزم، ناتسىزىم، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش شەكىللىرىنى تەھدىت قاتارىدا كۆرۈش ۋە بارغانچە ئىچىگە بېكىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر گەرچە مۇسۇلمانلارنى ۋە كۆچمەنلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تالاش تارتىش قىلىنسىمۇ، ئەسلىدە ياۋروپانىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان كىرىزىس ئىكەنلىكىنى ئالدىنقى ئانالىزىمىزدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يەنە بىر ماقالىمىزدىمۇ ياروپا باشتىن كەچۈرىۋاتقان ۋەزىيەتنى تۈركىيەنىڭ 28فېۋرال ۋەقەسىگە ئوخشاتقان ئىدۇق[1]. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا كۆرە، 2017يىلىدا گېرمانىيەدە پەقەتلا مۇسۇلمانلارغا 950 قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 3 قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال مەسلىسىنىڭ ئاللى بۇرۇن كونتىروللۇق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئەجىبا ياۋروپا مۇبتىلا بولغان چۈشكۈنلىكنىڭ ئىچىدىن چىقالارمۇ؟ 

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ كىرىزىسىڭ سەۋەبلىرىگە قاراپ چىقىرشقا توغرا كېلىدۇ.

 

يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنىقسىزلىق

 

رۇسىيە، ئامېرىكا، تۈركىيە، ھىندىستان ۋە لاتىن ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيەتلىرى دۇنيادا 2دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۇنيا تۈزۈمنىڭ ئەمدىلىكتە قاراسلاپ يېرىلىشقا باشلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ ئېنىقسىزلىق بارلىق دۆلەتلەردە مۇئەييەن دەرىجىدە يىرىكچىلىك ۋە ئىككلىنىش پەيدا قىلماقتا. ئەنئەنىۋىي ئىتىپاقداشلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەر قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر قايتىدىن لايىھەلەنمەكتە. دۆلەتلەر ئارىسىدا لاگىرسىمان ئىتىپاقداشلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەرنىڭ ئورنىغا، مۇئەييەن مەسىلىنى مەركەز قىلغان ئىتتىپاقداشلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەر ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا.

 

غەرب ئەللىرىنىڭ يەرشارىلىشىشتىن يېتەرلىك مەنپەئەت ئالالماسلىقى

 

ياروپا ۋە ئامېرىكا يەرشارىلىشىشتىن يېتەرلىك درىجىدە پايدا ئالالمىدى. خىتاي، ھىندىستان، بېرازىلىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ باسقۇچتىن ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان دۆلەتلەر بولدى. شۇ ۋەجىدىن ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر ئىلگىرى ئۆزلىرى چېمپىيونى بولۇشقان ئەركىن سودا، تاموژنىلارنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق يەر شارىلىشىش سىياسەتلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ئىش قىلىدىغان ھالغا كېلىپ قالماقتا. يەرشارىلىشىش باشقۇچىدىن كۈتكىنىدەك پايدا ئالالماسلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ياۋروپادىكى تۇرغۇنلۇق، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، پىسخىئولوگىيەلىك نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە سەلەبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. غەربتىكى سىياسىي باياناتلار ۋە ئەمەلىيەتلەر يەرشالىشىشقا قارشى يۆنىلىشكە قاراپ تىز ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ ئەھۋاللار غەربنىڭ نۇقتى نەزىرى بويىچە چۈشنىشلىك بولسىمۇ، بىراق يەرشارىلىشتىن پايدا ئالغان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە مۇتەخەسىسىلەر، زىيالىيلار ۋە سىياسىي رھبەرلەرنىڭ سابىق يەرشلىشىشقا قارشى باياناتلارنى داۋاملاشتۇرۇشى، «ھەقىقەتتىن خەۋىرى بارمۇ يوقمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا.

 

ياۋروپانىڭ كۆپسانلىق ئاساسىدىكى بىر ئۆتمۈشىنىڭ بولماسلىقى

 

ياۋروپادىكى كىرىزىسنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى يەرشارىلىشىش ھەرىكىتىگە زىت كىملىك، كەلتۈر ۋە مەنسۇبىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىن ۋە نامايان ھالغا كەلگەنلىكىدۇر. ئوخشاش بولمىغان مەنسۇبىيەتلەر ئۇزاق دىيالاردا، مەملىكەتلىرىدە چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، بىراق قوشنىسى، خىزمەتدىشى، خوجايىنى ياكى ئىشچىسى بولغان تەقدىردە ئەھۋال ئۆزگەرمەكتە. چۈنكى ياۋروپانىڭ بۇ ئەھۋالىنى سىڭدۈرەلىگۈدەك كۆپ خىللىق كىملىككە ئىگە بىرەر ئۆتمۈشى بولۇپ باققان ئەمەس. ياۋروپانىڭ كۆپ سانلىق ۋە كۆپ خىللىق ئاساسىدا تۇرمۇش كەچۈرۈش تەجرىبىسى پەقەت مۇشۇ بىر ئەسىرلىك تارىخقىلا ئىگە. بىر ئەسىر دېگەنلىك، تارىخچىلارنىڭ نەزىرىدە تېخى تۈنۈگۈن دېگەنلىك بولىدۇ.

 

نىشانسىز رەھبەرلەر

 

ياۋروپادىكى مەركىزىي ئوڭچىل ۋە سولچىل پارتىيەلەر، ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاشقۇنلۇقلارغا قارشى مۆتىدىللىقنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشنىڭ ئورنىغا، پەقەتلا قوللىغۇچىلارنى زىيان تارتماسلىق ئۈچۈن رادېكاللىشىشقا قاراپ ماڭماقتا. بۇ ئەھۋال يېڭى فاسىست ۋە يېڭى ناتسىزىم ئېقىمىدىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى توسۇپ قالالمىغانغا ئوخشاش، مەركىزىي ئوڭچىل ۋە سولچىل پارتىيەلەرنىڭمۇ ئاشقۇنلۇققا يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ياۋروپادا سىياسىي ھاكىمىيەت تېخىمۇ بەك رادېكال ئوڭچىللار تەرەپكە ئاغماقتا.

 

ئاسېمىلە قىلىنغانلارنىڭ تەسىرى

 

ئۆز دۆلەتلىرى بىلەن مەلۇم مەسلىلەر كېلىپ چىققانلىقى تۈپەيلى ياۋروپادا پاناھلانغان، خەلق ئىچىدە ئېتىبارى بولمىغان تۇرۇغلۇق سىياسىي ساھەگە دىنامىت بولۇپ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان، ئازلىرى ياۋروپادا ئاسېمىلە بولۇپ بولغان كىشىلەر، ئۆزلىرى كەلگەن دۆلەتلەر بىلەن تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ بەك زەھەرلىمەكتە. ياروپامۇ ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرىۋاتقان بۇ خىل كىشىلەر يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاسېمىلە بولمىغان، ئۆز كىملىكلىرى ۋە كۈلتۈرلىرىنى ياشنىتىۋاتقانلارغا ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان كۆچمەنلەرگە قارشى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك پوزىتسىيەلەردە بولماقتا. دەرۋەقە ئۆز دۆلەتلىرىدىكى كۆچمەنلەرنى ۋە كۆچمەنلەر كەلگەن دۆلەتلەرنى ئۆزلىرى رىغبەتلەندۈرىۋاتقان ۋە ئاسېمىلە قىلىپ بولغان كىشىلەر ئارقىلىق چۈشىنىش، ياۋروپانى تېخىمۇ بىنورمال، تېخىمۇ تەھدىتكار، تېخىمۇ يېقىمسىز ۋە تېخىمۇ ئىچىگە بېكىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. ئاسېمىلە بولغان قانۇنلۇق كىشىلەردىن باشقا يەنە، غەرب دۆلەتلىرى قۇچاق ئاچقان كۆچمەنلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە تەۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ پاۋورپانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان پائالىيەتلىرىنى زەھەرلەۋاتقان نۇقتىلىق ئامىللاردىن بىرسىدۇر.

ياۋروپانىڭ كىرىزىسلىرىنىڭ سەۋەبلىرى يۇقىرىقىدەك ئىزاھلىنىدىغانلا بولسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ كىرىزىستىن چىقالىشى مۇمكىن بولىدىغاندەك كۆرۈنمەيدۇ. چۈنكى يۇقرىقى سەۋەبلەر بۈگۈن ياكى ئەتىلا ئۆزگىرىپ كېتەلەيدىغان سەۋەبلەر ئەمەس. بەزىدە بۇ خىل كىرىزىسلەرگە دۇچ كەلگەندە خەۋپكە تەۋەككۈل قىلالايدىغان غايىلىك رەھبەرلەرلا دۆلەتلىرىنى كىرزىستىن چىقىرالايدۇ. ئەمما ئەپسۇسكى ياۋروپادا غايىلىك رەھبەرلەرنىڭ سانى ۋە رولى كۈنسىرى تۆۋەنلەپ كەتمەتكە. 

بۇنداق ئەھۋالدا زىيالىيلار بىلەن مۇتەخەسسىلەر مۇھىم رول ئەينىيالىشى مۇمكىن. ياۋروپا مۇبتىلا بولغان بۇ كىرىزىس ۋە كىرىزىستىن قانداق قۇتلۇشقا دائىر ياۋروپادىكى ئەركىنلىكنى ياقىلايدىغان، كۆپخىللىقنى قوللايدىغان ئېقىمدىكىلەر يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزلىرىنى نامايان قىلالمايۋاتماقتا.

گېرمان ناتېسىزمى ۋە ئىتالىيە فاشىسىزمىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ قېرى قىتئەنىڭ زىيالىرىنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى بىلەلمەي قىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق بۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى كىرىزىسنى توختىتىپ، ئارقىغا ياندۇرالىغۇدەك سەۋىيەدە ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ساداسى كۈنسىرى قىسىلماقتا. ئىرقىي ئايرىمچى پارتىيەلەرنىڭ قوللاشقا ئېرشىش نىسبىتى ئاشماقتا. ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسى تارايماقتا. بۇ ساھەلەر ھازىرچە پەقەت مۇسۇلمانلارغا ۋە كۆچمەنلەرگىلا تارايتىلغانلىقى ئۈچۈن ئانچە ھېس قىلىنماي كەلمەكتە.

بىز ياۋروپا دۇچار بولغان بۇ كىرىزىستىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغانلىقىدىن ئەپسۇسكى ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەسمىز. دەسلەپتە ياۋروپادىكى پەرقلىق كىشىلەرنى ئاندىن ياۋروپانىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن يامان كۈنلەر كۈتىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز. بۇ قارىشىمىزنىڭ خاتا بولۇپ چىقىشىنى راستىنلا ئىنتايىن خالايمىز ۋە شۇنى تىلەيمىزكى، ياۋروپا بۇ قېتىم يەنە بىر دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى خاتالىقلىرىنى تونۇپ يەتكەي. بارغانسىرى قاراڭغۇلىشىۋاتقان كەلگۈسىنىڭ، تارىيىۋاتقان ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قەيەرگە سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاي. شۇنداقتىمۇ بىز ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلايلى! يازمىلىرىمىز ئارقىلىق بولسىمۇ، ياۋروپا مۇبتىلا بولغان كىرىزىس ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش، چىقىش يولىنى كۆرسىتىش ۋە ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرايلى!

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

(ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر