تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

925180
تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتى

تۈركىيە «كۆپ يۆنىلىشلىك سىياسەت چۈشەنچىسى» بويىچە ھەرىكەت قىلغاندىن بۇيان، ئافرىقا بولۇپ نۇرغۇن جايدا يېڭى ئىشلارنى روياپقا چىقاردى. ئافرىقا سىياسىتى دائىرىسىدە بولسا تۈركىيە نۇرغۇن ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى، دېپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ ئىستىراتېگىيەلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى. تۈركىيەنىڭ «مۇستەملىكچىلىك»ئىدىيەسى بىلەن ھەرىكەت قىلماي، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز-ئارا مەنپەئەتكە تايانغان ئاساستا مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدا نەتىجىگە ئېرىشىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالجرىيە، مورىتانىيە، سېنېگال ۋە مالى قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇشى ئەمەلىيەتتە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەمدۇر.

 

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا سوممىسى 15 يىل ئىچىدە 6 ھەسسە ئېشىپ 17 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى. تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سالغان مەبلىغى 2003-يىلى 100 مىليون دوللار بولغان بولسا، 2017-يىلى 6 مىليارد 500 مىليون دوللارغا چىقتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  بۇ قېتىمقى  ئافرىقا زىيارىتىدىمۇ نۇرغۇن سودا كېلىشىمى ئىمزالنىشتىن باشقا، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يېڭى نىشانلار بېكىتىلدى. مەسىلەن، تۈركىيە بىلەن سېنېگال ئارىسىدىكى 250 مىليون دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 400 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈش نىشان قىلىندى.

 

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىنسانىي ياردەم سىياسىتىدۇر. تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتى قانداقتۇر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكچى ئىدىيەسى بويىچە ئەمەس، بەلكى «ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىدىيەسى»گە ئاساسەن شەكىللەنمەكتە. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالجىرىيەدىكى ۋاقىتىدا ئالجىرىيەلىك بىر مۇخبىر ئەردوغاندىن: «تۈركىيە ئالجىرىيەنى مۇستەملىكىسى دەپ قارامدۇ» دەپ سوئال سورىدى. ئەردوغان بۇ سوئالغا: «ئۇنداق بولغان بولسا ئىدى، سىز ماڭا سوئالنى فىرانسۇزچە ئەمەس تۈركچە سورىغان بولاتتىڭىز؟»دەپ جاۋاب بەردى، ئەردوغاننىڭ بۇجاۋابى تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكچى ئىدىيەسىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە نىسبەتەن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانىي ياردەملەرنى قىلغان دۆلەت بولۇشى تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي تاشقىي سىياسەتكە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاچارلىق، قۇرغاقچىلىق ۋە نامراتلىققا قارشى كۈرەشلەردە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان تۈركىيە يەنە ئۇرۇشنىڭ زىيانىغا ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىمارلارغىمۇ ياردەم قولىنى ئۇزاتماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي سىياسىتىنى مۇنداق خۇلاسىلىدى: «قۇرغاقچىلىق ئافرىقىنىڭ تەقدىرى بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرى تەقدىرى ئەمەس. ئافرىقىدا سىياسىي مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش  قانداق مۇھىم بولسا ، ئافرىقا خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان  ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىش ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. »

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىىتى دائىرىسىدە ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرىدىن تاشقىرى تۈركىيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەزىنە ئىشلىرى ئىدارىسى، كوللېكتىپ تۇرالغۇلاشتۇرۇش ئىدارىسى، ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، ئالىي مائارىپ كىرېدىت ۋە يۇرتلار ئىدارىسى، تۈركىيە قىزىلئاي ساخاۋەت جەمئىيىتى، باش مىنىستىرلىققا قاراشلىق  تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى ۋە يۇنۇس ئەمرە ۋەقپىسى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئافرىقىدا تۈركىيەنىڭ رەسمىي ئورۇن ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلىرى نۇرغۇن پىلان-لايىھەنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭغا ماس ھالدا تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدە بەزى مۇھىم لايىھەلەرنى روياپقا چىقاردى. قىسقىسى، تۈركىيە بىلەن بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈچەيمەكتە.

تۈركىيە شىركەتلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نۆۋەت جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە قۇرۇلۇش-بىنكارلىق شىركەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا سىياسىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسلە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپ ۋە ئورۇنلار بولۇپ، تۈركىيە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ بۇ تەشكىلاتقا تەۋە مەكتەپلەرنى تاقىۋېتىپ تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى تۇنىس، تانزانىيە، سۇدان، سومالى، سېنېگال، سان تومې ۋە پىرىنسىپى، سېررالېئون، سېنېگال، نىگېر، مورىتانىيە، مالى، كونگو، گامبىيە، چاد ۋە جىبۇتى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 88 دەك مەكتەپتە تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر