قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەپرىقە چىقارماقچى بولغانلارغا دىققەت!! (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 06 - 2018

902421
قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەپرىقە چىقارماقچى بولغانلارغا دىققەت!! (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى ھاياتلىق بەخىش ئىتىدىغان نەرسىگە چاقىرسا، چوقۇم ئۇ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئوتتۇرسىغا كىرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر» (سۈرە ئەنفال 24ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس  شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرگە ئىككى نەرسە قالدۇرىمەن. ئۇلارغا مەھكەم ئېسىلىدىغانلا بولساڭلار، يولۇڭلاردىن قەتئىي ئېزىپ كەتمەيسىلەر. بۇلار ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبرىنىڭ سۈننىدۇر» (مۇئەتتا، تەقدىر بابى 3- ھەدىس)

ئەزىز قېرىىنداشلار! بۈگۈنىمىزنىڭ ۋە ئەتىمىزنىڭ، دۇنيامىزنىڭ ۋە ئاخىرىتىمىزنىڭ بەختىيارلىقىنى بەرپا قىلىدىغان رەھبىرىمىز قۇرئانى كەرىمنىڭ بىرىنچى بولۇپ، ئەمەلىي ھايات بىلەن ئۇچرىشىدىغان، چۈشۈنۈلىدىغان  ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان يېرى سۈننەتتۇر. شۇڭا بىز 14 ئەسىردىن بېرى روشەن دىنىمىز بولغان ئىسلامنى دەل مانا بۇ ئىككى تۈپ ئاساسىي مەنبەدىن ئۆگىنىپ كەلمەكتىمىز.

قۇرئان كەرىم بىزگە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىشنىمۇ بۇيرىيدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى بۇيرۇش بىلەن تەڭ پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلۇغ كىتابىمىزنى بىزگە تەلىم بەرگەن كىشى دەل پەيغەمبىرىمىزدۇر. مانا بۇ ئەقىدە ئاساسىدا قۇرئان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈلگىلىك رولى بىلەن ئەمەلىي تۇرمۇش شەكلىگە ۋە مىزانىغا ئايلانغان ئىدى. قۇرئاننىڭ نۇرى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەڭداشسىز ئۈلگىلىك رولى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىنى رەتكە سالغان كىشىلەر تۇغرا يولدىن ئادىشىپ قالمايدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! مەۋجۇتلۇق غايىمىزنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنى ۋە پەقەت ئۇنىڭغىلا بەندە بولۇشنى بۇيرىغان. شۇڭا ھاياتى بويىچە ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىىشنىڭ ئالدىدا بويۇن ئەگمىگەن، ھەرقانداق شارائىتتا ئىززىتى ۋە شەرىپىگە لايىق قەتئىي مەيداندا چىڭ تۇرغان پەيغەمبىرىمىز بولسا، ھەقىقىي ئىماننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە  قانداق ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى سۈننەتلىرى بىلەن بىزگە كۆرسىتىپ قويغان.

قۇرئان كەرىم ئىمانىمىزنى تېرىك تۇتىدىغان ۋە بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەردە بولىشىمىزنى بۇيرىغان بولۇپ، بۇ ئىبادەتلەرنىڭ تەپسىلاتىنى، مەسىلەن نامازنى قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، روزىنى قانداق تۇتىدىغانلىقىمىزنى، زاكاتنى قانداق بېرىدىغانلىقىمىزنى، ھەجنى قايسى شەكىلدە ئادا قىلىدىغانلىقىمىزنى، جۇملىدىن رەببىمىزگە قانداق تەلەپكە لايىق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بولسا، پەيغەمبىرىمىز بىزگە ئەمەلىي شەكىلدە ئۆگەتكەن.

قۇرئان كەرىم ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىققا قارشى چىقىشنى، ھەق ۋە ھەققەتنى قوللاشنى، ئىشەنچلىك ئادەم بولۇشنى، مېھرى  شەپقەتلىك ۋە ئالىي ئەخلاقلىق بولۇشنى بويرىغان بولسا، بۇ ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ ھەممىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرگەندە ياخشى بىر مۆئمىن بولغىلى بولىدىغانلىقىنى، پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سۈننەتلىرى ئارقىلىق تەلىم بەرگەن.

ئەزىز قېرىنداشلار! تارىخ شاھىدكى، بىز مۇسۇلمانلار ھەر دائىم ئۇلۇغ كىتابىمىزغا چىن يۈرەكتىن باغلاندۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتىمىز چوڭقۇرلاشتى. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىگە ھوزۇر بەخىش ئېتىدىغان سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى توغرا چۈشۈنۈپ، توغرا ئىجرا قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۈلگىلىك بىر ئۈممەت بولدۇق. بىراق بىز بۇ ئۇزۇلمەس رىشتىمىزنى ۋە مۇھەببىتىمىزنى ئەمەلىيەتىمىزدە ئىسپاتلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان، قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغان ئىلىم – ئىرپان، ئىرادە ۋە جاسارەتتىن ئۇزاقلىشىشىشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ، كۈچ قۇدرىتىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇشقا باشلىدۇق ۋە ئاجىزلاشتۇق. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەر بىزنى ئىگە قىلماقچى بولغان رۇھ ۋە غايىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، سەل قاراشقا باشلىغاندىن تارتىپ، جاھالەت ئازغىلا دومىلىدۇق.

ئەمدىلىكتە ئۈممەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئازاب ۋە قېيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ، قايتىدىن ئىنسانىيەتكە خاتىرجەملىك، تىنچلىق ۋە مەدەنىيەت تەقدىم قىلالايدىغان بىر ئۈممەت بولالىشىمىزنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلۇغ كىتابىمىزنىڭ ئىمان ئېيتقۇچىلىرى ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مەھكەم ئېسىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

دىنىمىزنى توغرا ئۆگىنىپ، توغرا ئىجرا قىلىش جەھەتتە بۇ ئىككى ئاساسلىق مەنبەدىن قەتئىي ئايرىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. قۇرئان ۋە ھەدىس - شەرىپلەرنىڭ ئارىسىدا مۇساپە پەيدا قىلىپ، بۇ ئەڭ مۇقەددەس بايلىقلىرىمىزنى سۇيىئېستىمال قىلىش ئارقىلىق كۈچ توپلاش ۋە نەپ ئۇندۇرۇشنىڭ كويىدا يورگەنلەرگە قارشى سەگەك بولۇشىمىز ۋە دىققەت قىلىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ ئاخىرىقى كىتابى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئوتتۇرىسىدا تەپرىقچىلىق پەيدا قىلماستىن، تۇرمۇشقا بۇ ئىككى پەنجىرىدىن تەڭ قارايدىغان، دىنىغا ۋە مىللىتىگە ۋاپادارلىق بىلەن مەھكەم باغلانغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمگەك سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەرزەنتلىرىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن تەڭ ئوزۇق ئالغان ئىمانىي تۇيغۇ بىلەن، ئىبادەتكە ھىرىسمەن ۋە ئەخلاق ئېڭىغا ئىگە قىلىپ يېتىشتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالماس ۋەزىپىمىزدۇر. ئەۋلادلىرىمىزنى ياخشى بىر مۆئمىن قىلىپ تەربىيەلەش ھەممىمىزنىڭ غايىسى بولىشى لازىم. تۆۋەندە بۇ غايىگە ھەسسە قوشۇدىغان يەنە بىر ئەنگۈشتەرنى سىلەرگە خاتىرلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

سىلەرگىمۇ مەلۇمكى قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجزمىھالى ۋە نۇقتىلىق دىنىي بىلىملەر مەكتەپلىرىمىزدە تاللاش خاراكتېرلىك دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلمەكتە. شۇڭا پەزەنتلىرىمىزنىڭ بۇ دەرسلەرنى تاللىشى ئۈچۈن كېرەكلىك سەزگۈرلۈك بىلەن ئىش تۇتايلى! رەببىمىزنىڭ ئامانىتى بولغان يۈرەك پارىلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياشايدىغان ئەۋلادلار قىلىپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۈستىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇمايلى!

ئاللاھ پەرزەنتلىرىمىزنى ئاتا - ئانىسىغا خەيرىلىك، دىنى، مىللىتى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ بەرسۇن ئامىن!!!  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر