مىسىردىكى ئۆلۈم جازالىرى ۋە يېقىنلىشىۋاتقان سايلاملار

مىسىردا بىر ھەپتە ئىچىدە 19 مەھبۇسقا بېرىلگەن جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىخۋانغا مەركەزلەشتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.

887220
مىسىردىكى ئۆلۈم جازالىرى ۋە يېقىنلىشىۋاتقان سايلاملار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مىسىردا بىر ھەپتە ئىچىدە ھەربىي سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ۋە بارلىق ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش يوللىرى ئېتىلگەن 19 مەھبۇسقا بېرىلگەن جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىخۋان (مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى) غا مەركەزلەشتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.

سىنا يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلغان 15 كىشىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇش ھۆكمى2017-يىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە 26-دېكابىر ئىجرا قىلىنغان ۋاقىتتا كەفر ئەششەيخ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى دەپ تۇتۇلغان تۆت مەھكۇمغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى، ئارىدىن پەقەت بىر ھەپتە ئۆتۈپلا 2018-يىل 2-يانۋار ئىجرا قىلىندى.

بىر ھەپتە ئارىلىق بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، جازالىرى ئىجرا قىلىنغان بۇ مەھبۇسلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بەيت ئەماقدىسقا ئوخشاش ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. ھەققىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ دەرھال ئىجرا قىلىنغان بىرىنچى گۇرۇپپا بولغان 15 مەھبۇسنىڭ ئىچىدە «ئىخۋان» ئەزاسى بولغان ياكى بۇ تەشكىلات بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى. بىر ھەپتە ئىچىدە قاھىرە دائىرىلىرىدىن مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىدى.

پەقەت ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، 2-يانۋار (سەيشەنبە) سەھەردە ۋە ئوخشاشلا ئىسكەندىرىيە بۇرج ئەلئەرەب تۈرمىسىدىكى تۆت مەھبۇسقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئەھۋال قىسمەن ئۆزگەردى.

مىسىرنىڭ سىرتىدىكى ئىخۋانغا يېقىن بولغان تاراتقۇ ئورگانلىرى مەسىلىنى تېخىمۇ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا مۇنازىرە قىلىشقا ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سوت باسقۇچلىرىنى تەنقىد قىىلشقا باشلىدى. ئىخۋانغا يېقىن مەنبەلەرنىڭ بۇ ئەھۋالدىن ھەيران قالغانلىقى نەزەردىن قاچمىدى.

قاھىرە دائىرىلىرىدىن ۋە ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان، بىراق رەسمىي بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار ئارىسىدا ئىخۋان ئەزالىرىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان.

نام-شەرىپىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان ۋە تەشكىلاتقا ناھايىتى يېقىن بولغان كىشىلەرنىڭ دەپ بېرىشىچە، 2-يانۋاردا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان تۆت مەھبۇسنىڭ ھەممىسى ئىخۋانغا ئەزا كىشىلەر ئىكەن، ئۇنىڭ ئالدىنقى سەيشەنبە كۈنى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان 15 مەھبۇسنىڭ ئىككى نەپىرى ئىخىۋان ئەزاسى ئىكەن.

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، سەككىز كۈن ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان 19 مەھبۇسنىڭ ئالتە نەپىرى ئىخۋان ئەزاسى بولسا، نېمە ئۈچۈن ئىخۋان بۇن ھەقتە بايانات ئېلان قىلمايدۇ؟

ئىخۋاننىڭ مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلماسلىقىدا ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بار. بۇ سەۋەبلەردىن بىرىنچىسى، گۇماندارلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشى ۋە بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشىدۇر.

ئىخۋاننىڭ بۇ مەھبۇسلارغا ئىگە چىقىشى، تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئەيىبلەشكە  ئىسپات بولۇپ بېرىشى ياكى بۇ ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىنى ۋە تاراتقۇلارنى پايدىلىق شارائىتقا ئىگە قىلىدۇ. پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى يېقىنلىشىپ قالغان بىر ۋاقىتتا، بارلىق سوت يوللىرى ئېتىلگەن ۋە پەقەت پىرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى كەچۈرۈم قىلىشى ياكى بېرىلگەن جازانى تەستىقلاشتىن ئىبارەت ئىختىيارىغا قالغان مەھكۇملارغا ئىگە چىقىش، ئىخۋانغا زىيان سېلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى سەۋەب، يېقىنلىشىۋاتقان سايلاملاردىن بۇرۇن خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتىش. مىسىر خەلقى ئاخىرقى مەزگىللەردە مال باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ۋە يانچۇقىنى ئويلايدىغان ھالغا كەلدى. بۇنىڭغا، ھۆكۈمەت جاۋابكار دەپ قارىلىۋاتىدۇ. مەھبۇسلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىش، كېچىكتى دېگەندە ئالدىمىزدىكى ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلان قىلىنغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەممە ئادەم بوزەك قىلىپ ئوينايدىغان ۋە ھاكىمىيەتلەر «قورقۇنچلىق» دەپ كۆرسىتىپ پايدىلىنىدىغان ئىخۋاننى قايتىدىن نىشان تاختىسىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.

ئۈچىنچىدىن، ئەھمەت شەفىق مەسىلىسى. ئىخۋاننىڭ ئۆلۈم جازالىرىغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى ياكى قاتتىق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى، سابىق پىرېزىدېنت مۇبارەك دەۋرىدىكى سابىق باش مىنىستىرلاردىن ئەھمەت شەفىق پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولغان ئەھۋالدا ئەھمەت شەفىق بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش شەكلىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئىخۋاننىڭ سايلاملاردىن بۇرۇن خەلقنىڭ دىققىتىنىڭ تاراتقۇلار ئارقىلىق قايتىدىن ئۆزىگە قارىتىلىشىنى ۋە قايتىدىن «دۈشمەن» ئېلان قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئاۋاز چىقارماسلىق يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇنداقتا، ئاۋاز چىقارماي جىم تۇرۇش قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

بىرىنچى، ئىخۋان جىمجىتلىقىنى داۋاملاشتۇرغان ياكى نارازىلىقىنى ئاۋاز چىقارماي ئىپادىلەش يولىنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى ئىخۋاننىڭ رەھبىرىي قاتلىمىغا سوزۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشەلەرنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ئىخۋان كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد بەدى تەشكىلاتنىڭ 2-نومۇرلىق رەھبىرى ھايرات شاتىر، «ھۆررىيەت ۋە ئادالەت پارتىيەسى» نىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد ئەلبىلتاجى ۋە پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسام ئەلئاريان، سابىق پارلامېنت باشلىقى سائاد ئەلقەتاتنى قاتارلىق كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئىدى. بۇ كىشىلەرگە ئادەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. بەزى گۇماندارلار توغرىسىدىكى سوت ھۆكۈملىرى يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقلىنىشى داۋام قىلىۋاتقان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان ئۆلۈم جازالىرى توغرىسىدىكى سوتلار ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئىككىنچى، 2018-يىل ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلان قىلىنغان سايلاملارغىچە سوت تەرتىپلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىخۋاننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن بىر قانچە كىشىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئېھتىماللىقدىن پەيدا بولىدىغان ئەندىشەلەرنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر