«تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تۈزەش مۇمكىنمۇ؟»

تەتقىقاتچى ئىبراھىم كالىننىڭ «تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تۈزەش مۇمكىنمۇ؟» تېمىلىق ماقالىسى

823473
«تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تۈزەش مۇمكىنمۇ؟»

تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياۋروپالىق رەھبەرلەرنىڭ تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىك ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشلىرىغا باغلىق.

تۈركىيە 2005-يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات ئەزا دۆلەت سالاھىيىتىدە تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ خىل سالاھىيەت ۋە مۇناسىۋەت دەسلەپ كىشىگە ھاياجان بېغىشلايدىغان ۋە ئىستىقباللىقتەك بىلىنگەن ئىدى، بىراق ئارىلىقتىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋەزىيەت دەل ئەكسىچە بولۇپ چىقتى، ھاياجان ۋە ئىستىقبالنىڭ ئورنىغا ئۈمىدسىزلىك، ئىشەنچىسىزلىك دەسسىدى.  

رايون ۋە دۆلەت خاراكتېرلىك كىرىزىسلەر ۋە مەسىلىلەر تۈركىيە  بىلەن بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولدى، ھەتتا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىنى ئاستىلىتىۋەتتى. شۇڭا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ قايتىدىن تەڭشىلىشى شەرت، ھەر ئىككىلى تەرەپ ئادىل، باراۋەرلىك ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنىسىپغا ئاساسەن  ھەرىكەت قىلغاندا ئاندىن بۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. تۈركىيەگە قارىتىلغان تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەر، ھەتتا تەھدىتلەر ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرگە قىسقا ۋاقىت پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتتە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. روشەنكى، نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى پاسىللىرىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتتى ، ئەتراپىمىزنى قورشىۋالغان يەرشارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلەر، تىزگىنسىز ئىرقچىلىق، يەرلىك مىللەتچىلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك قاتارلىق سەلبىي ھادىسىلەر مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا. مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئىختىلاپلار ۋە ئوخشىماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلمىغان تەقدىردە دۇنيادا تىنچلىق ئورنىتىش ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىناق ياشاش مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان دۈشمەنلىك سىياسىتى نوقۇل ئوڭچىل ئىدىيە ۋە  ئېقىمنى قوبۇل قىلغان شەخس ۋە گۇرۇھلارغا قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئىچكى سىياسەتنىڭ غوللۇق ئامىللىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئون يىل ئىلگىرى ئادەتتىكى بىر مەسىلە سۈپتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئەۋال نۆۋەتتە غول سىياسەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئاشقۇن مىللەتچىلىككە كۆز يۇمۇش بېسىقشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنى دېيىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق:  ياۋروپادا ئەۋجىگە چىققان ئەردوغان دۈشمەنلىكى نوقۇل ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە سۈركىلىش پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مىليونلارچە تۈركىيە پۇقراسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.

تۈركىيە ھازىر نە 1963-يىلى ئەينى دەۋىردىكى ياۋروپا ئىقتىسادىي بىرلەشمە گەۋدىسىگە ئەزا بولماقچى بولغان دۆلەت ئەمەس، نە 1999-يىلى نامزات ئەزا سالاھىيىتى بېرىلگەن دەۋىردىكى تۈركىيە ئەمەس. نوپۇسىمىز 1960-يىلدىن بۇيان ئۈچ ھەسسە، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىمىز 80 ھەسسە ئاشتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، بىر قىسىم كىشىلەر ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسىمۇ كۈنىمىزدىكى ياۋروپامۇ 2000-يىللاردىكى ياۋروپا ئەمەس، كۈنىمىزدىكى ياۋروپا يېڭىچە-ناتسىسىزىم، ئاشقۇن ئىرقچىلىق، كۆچمەنلەر، مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىش قاتارلىق سەلبىي ھادىسىلەر ئەۋجگە چىققان قىتئە ھالىتىگە قالدى. ياۋروپادا بارغانچە يامانلىشىپ بېرىۋاتقان بىخەتەرلىك شارائىتلىرى بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشىكىنى ئېتىۋېتىشىدەك غەلىتە قىلمىشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۈرك خەلقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇساپىسىنى قوللاش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە سۇسلاشتۇرۇۋەتتى.

ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر مەدەنىيىتىمىزنى، خەلق تەرىپىدىن سايلانغان رەھبىرىمىزنى ۋە مەنپەئەتىمىزنى بىۋاستە ھۇجۇمغا نىشانى  قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە ياۋروپانى ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىرىپ كەلدى. مەسىلەن، 1917-يىلى ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم(ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)دىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن كۆرۈشتى. ئەردوغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بولۇپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە قارشى چىققانلارنى قوللاش،  ئىسلاھات ياقلىغۇچىلىرى ۋە ياۋروپادىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىسلاھاتنى تەرغىپ قىلىدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە توسالغۇ بولۇش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ ئەكسىچە يەنىلا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى مەسئۇلىرى بىلەن بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەن جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا قەتئىي بەل باغلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئەپسۇس، ياۋروپادا ئەۋجىگە چىققان ئاشقۇن مىللەتچىلىك ھادسىسى بۇ يولدا قەدەم تاشلىنىشىغا توسالغۇ بولدى.

گېرمانىيەدە ئۆتكەن ئاي ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار يەنە بىر قېتىم تۈركىيە بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قارشى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان دۈشمەنلىك قىلمىشىنىڭ غول سىياسىي ئېقىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى. گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا تۈركىيە توغرۇلۇق ئاساسسىز باياناتلارنى بېرىشكەن بولسىمۇ، سايلام نەتىجىلىرى مۇنداق بىر ئاچچىق رىئاللىقىنى كۆرسىتىپ بەردى:  باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ پارتىيەسىنى 2013-يىلدىكى سايلاملاردا قوللىغان بىر مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى، بۇ قېتىمى سايلاملاردا ئانگېلا مېركېلنى ئەمەس ئاشقۇن مىللەتچى پارتىيە AfD نى قوللاپ ئاۋاز بەردى. بولۇپمۇ، شەرقىي گېرمانىيەدە ئوڭچىل ۋە سولچىل ئاشقۇن گۇرۇھ ۋە ئېقىملار چوڭ پارتىيەلەرگە قارىغاندا مۇئەييەن دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن بەكرەك، گېرمانىيە ئىقتىسادىي تازا گۈللىنىۋاتقان مەزگىلدە ئاشقۇن گۇرۇھ ۋە ئېقىملارنىڭ باش كۆتۈرۈشى نامراتلىق بىلەن ئاشقۇنلۇق ئوتتۇرىسىدا ئەنئەنىۋى تەرىقىدە ھاسىل بولغان مۇناسىۋەت ئۈستىدىمۇ تالاش-تارتىشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يول قويۇش ۋە بېسىقتۇرۇش سىياسىتى بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى ئىشقا يارىمىغان ئىدى، شۇڭلاشقا كۈنىمىزدىمۇ ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى كەسكىن دېيەلەيمىز. بىز تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىمىز دەپ قارايمىز. تۈركىيە بارغانچە خەتەرلىك ھالەتكە كېلىپ قېلىۋاتقان دۇنيادا ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، لېكىن بىز قوش ئۆلچەم سىياسەتلىرىنى، تەھدىتلەرنى ۋە ئوچۇق-ئاشكارە دۈشمەنلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز ۋە بۇلارغا ئاداققىچە قارشى تۇرىمىز.  

تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ياۋروپالىق رەھبەرلەر بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تەڭسىزلىك ۋە ئادالەتسىزلىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە تۈزۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداقلا تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىك مايىللىقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، تۈركىيەنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلانغان رەھبىرىگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ۋە تۈركىيەگە ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر