«ھىجرەت» ۋە ئۇنى سۇيىئىستېمال قىلغانلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 39 (ئاۋازلىق)

817034
«ھىجرەت» ۋە ئۇنى سۇيىئىستېمال قىلغانلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

 

 

 ئەزىز قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار؛ ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنتايىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» (سۈرە بەقەرە، 218 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس – شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«مۇسۇلمان؛ ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلىدىن باشقا مۇسۇلمانلار ئەمىن بولغان كىشىدۇر. ھىجرەت قىلغۇچى بولسا، ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىلەرنى تاشلىغان كىشىدۇر» (بۇخارى)

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدىنقى ھەپتە مۇھەررەم ئېيىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈتىۋالدۇق. ھىجرىيە كالىندارى بويىچە يېڭى يىلغا قەدەم قويۇشنىڭ شاتلىقىغا چۆمۈلدۇق. بىزنى يېڭى يىلغا يەتكۈزگەن ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ - سانالار بولسۇن. جەننەتتىن يەر يۈزىگە قەدەم بېسىشىمىز بىلەن باشلانغان ھېجرەت ھېكايىمىزنىڭ يەنە جەننەتكە يېتىپ بېرىش بىلەن ئاخىرىلىشىشىنى ئاللاھتىن تېلەيمىز. بۇ يېڭى يىلىمىز ئىسلام ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن خاتىرجەملىك ۋە نىجاتلىققا ۋەسىلە بولسۇن، ئامىن!

ئەزىز قېرىنداشلار! ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى، ئادىمىيلىك پەزىلىتىدىن ۋە بەندىچىلىك ئېڭىدىن ئۇزاقلاشقان جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قالدۇقلىرى قەتئىي ھەزىم قىلالمىغان ئىدى. مەككىلىك مۈشرىكلەر ئۇلارغا بىر شاھىت، خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرۇغۇچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن رەھمەت پەيغەمبىرىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بېسىم ۋە زۈلۈملارنى راۋا كۆرگەن ئىدى. ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپ، ئۇ ئارقىلىق قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشنىڭ ئورنىغا، چەتكە قېقىشقان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتىغا سۇيىقەست قىلشماقچى بولغان بولۇپ، بۇ زۇلۇم ۋە بېسىم مۇھىتىدا ئىسلامنى تارقىتىش ۋە تەتبىق قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىنى كۆرگەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپتە ساھىبىلەردىن بەزىلەرنى ھىجرەتكە يولغا سالغان ئىدى. ئاخىرىدا ئۆزىمۇ پىداكارلار يۈرتى مەدىنىگە كەتكەن ئىدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ساھابىلىرىنىڭ مانا بۇ مۇقەددەس سەپىرى «ھىجرەت» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر ھىجرەت ياكى ئادەتتىكى بىر كۆچۈش ئەمەس ئىدى - ئەلۋەتتە.

ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە كالىندارنىڭ باشلىنىش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان «ھىجرەت» مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، بىر يېڭىدىن تۇغۇلۇش كۈنى ھسابلىنىدۇ. چۈنكى ھىجرەت بىلەن تەڭ ئىسلامنىڭ ئالىي ھەقىقەتلىرى مەدىنىدىن پۈتۈن دۇنياغا دولقۇنسىمان كېڭىيىشكە باشلىغان ئىدى.

ھىجرەت؛ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن ساۋاقلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولۇپ، بىرىنچى بولۇپ، ئۇ قانداۇقتۇر قېچىش ئەمەس، دەل ئەسكىچە مۇقەددەس قىممەت قاراشلارنىڭ يەر يۈزىگە يېيىلىشى ۋە ياشنىتىلىشى ئۈچۈن باشلانغان مۇقەددەس سەپەردۇر. زوراۋانلىقتىن رەھىم – شەپقەتكە، ئاسارەتتىن ئازادلىققا ئاتلىنىشنىڭ باشلىنىشى شۇنداقلا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋە پەقەت  ئۇنىڭغىلا قۇل بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئىزھارىدۇر.

ھىجرەت؛ ئىسلام داۋاسى ئۈچۈن ئاتا – ئانىدىن ۋە پەرزەنتلىرىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئىبرەتلىك ھەمدە تولىمۇ مۇشەققەتلىك بىر قىسسەسىدۇر. ھىجرەت؛ يارىنى، دىيارىنى ۋە مال – مۈلكىنى ئاللاھ ئۈچۈنلا ھېچ ئىككىلەنمەستىن تاشلاپ چىققان مۇھاجىرلار بىلەن ئۇلارنى باغرىغا باسقان ئەنسارلارنىڭ داستانىدۇر. بۇ داستاندا پىداكارلىق، قېرىنداشلىق، ۋاپادارلىق، بىرلىك ۋە باراۋرەەلىك، سۆيگۆ، ئۆزئارا ھۆرمەت، ھەمبەھىرلىشىش، قۇچاقلىشىشلار بار. قىسىقىسى ھىجرەت؛ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە، ئادىمىيلىكنىڭ پەزىلىتىگە، رەھمەت ۋە مەدەنىيەتكە قەلبىنى ئاچقانلارغا نىسبەتەن ئېگىلمەس ئىرادىنىڭ نامايەندىسى بولسا، بۇ ئالىي قىممەت قاراشلارغا تەتۇر قارىغانلارغا نىسبەتەن، زىياندىنلا ئىبارەتتۇر.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىس - شەرىپىنىڭ رۇھى بويىچە، ھىجرەت؛ ھارام ۋە گۇناھلارنى تاشلاپ، ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا چىن قەلبىدىن باغلىنىشنىڭ ۋە ساداقەتلىك ئۈممەت بولۇشنىڭ غەيرىتى شۇنداقلا سەمىمىيەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ھىجرەت؛  ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ھەر تۈرلۈك پەسكەش ھېس تۇيغۇ، ئىش ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ھىجرەت؛ باتىلدىن، ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن، ئۆمرىنى ئىسراپ قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ئارزۇ – ھەۋەسلەردىن ئۇزاقلىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەق، ھەقىقەت ۋە ئەخلاق يولىدا ئىلگىرىلەش، جۈملىدىن ئاللاھ ياراتقان پاك تەبىئىتىنى مۇھاپىزەت قىلىش، شېرىك، كۇپىر ۋە مۇناپىقلىقتىن ئۇزاق تۇرۇپ، ئىمانىغا سادىق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

قېرىنداشلار! ھىجرەت ئەخلاقىغا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆلچىمى؛ ئاللاھقا ھەقىقي بەندە  ۋە رەسۇلىغا ئۈممەت بولۇش ئېڭى بىلەن يەر يۈزىگە ياخشىلىقنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر. سۆيگۈ، ھۆرمەت، ھەمبەھىرلىشىش، ياردەملىشىش تۇيغۇسى بىلەن سەمىمىي شەكىلدە قېرىندېشىغا، مىللىتىگە ۋە ئالىي قىممەت قاراشلىرىغا چىن يۈرەكتىن باغلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا ئىسلامنىڭ ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە ھەر تۈرلۈك خائىنلىقلارنى قىلغانلارنىڭ «ھىجرەت» دېگەن سۆزنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇشقا ترىشىشلىرى، بىھۆدە ئۇرۇنۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. بۇنداقلارنىڭ «ھىجرەت» دېگەن سۆزنىڭ شەنىنى بۇلغاپ، مۇبتىلا بولۇشقان ئازغۇنلۇقلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە باشقىچە ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇشلىرىمۇ ئەسلىدە «ھىجرەت» دېگەن مۇقەددەس سۆزنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! كېلىڭلار بۇ مۇبارەك جۇمە سائەتلىرىدە ياخشىلىق ۋە خەيرىلىك ئىشلارغا ھىجرەت قىلايلى! ھەقىقىي مۇھاجىر بولۇشقا ۋەدىلىشەيلى! سالىھ ۋە سادىق بەندە بولۇش، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئارىمىزدا قايتىدىن ياشنىتىش، جۈملىدىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىنىڭ تەجەللىسى بولالايدىغان ھىجرەتلەرگە ئاتلىنىش ئۈچۈن مانا بۈگۈنكى كۈنىمىزنى يېڭىدىن تۇغۇلىدىغان كۈنىمىز بىلەيلى! پەيغەمبەرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلىم بەرگەنگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن ئۇزاقلىشايلى! بۇ ئارقىلىق بىزلەرمۇ ھىجرەت ساۋابىغا سازاۋەر بولايلى! 

قەلبىمىزنىڭ يەسرىبى؛ ئىسلامنىڭ نۇرى بىلەن ئەخلاق – پەزىلەتنى يايىدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نۇر چاچىدىغان مەدىنە - مۇنەۋۋەرەگە ئايلانسۇن!

ھاياتلىق سەپىرىنى مۇقەددەس ھىجرەتكە ئايلاندۇرالىغانلارغا  ۋە ھىجرەتنىڭ مەنزىلى ئاللاھنىڭ رىزاسى بولغانلارغا بەخت يار بولسۇن!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر