سۈرە نۈر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - 4

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 36 (ئاۋازلىق)

814637
سۈرە نۈر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - 4

سۈرە نۈر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - 4

تىماتىك مەزمۇنى:

يۇقىرىقى تۇنجى قىتىملىق ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجىمى مەزگىلىدە ئېھزاب سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى 6 رۇكىسى نازىل قىلىنغان ۋە ئىككىنچى قىتىملىق ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇمى مەزگىلىدە بۇ پۈتۈن نۈر سۈرىسى نازىل قىلىنغان ئومومىي ئەھۋاللار. بۇ ئارقا كۆرىنىشلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ھەر ئىككى سۈرە رەت بويىچە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىكى ئەھكلاملار ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ھېكمەتلەرنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىپ كەتكىلى بولىدۇ.

دەرۋەقە مۇناپىقلار ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۇنلىكى ھىساپلىنىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك مەيدانىدا مۇسۇلمانلارنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئەخلاقىي ھۇجۇمىغا قارىتا ئاللاھۇ تائالا غەزەپلىك خىتابلارنى نازىل قىلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى ئۇلارغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ئۈندەشنىڭ ئورنىغا، تەلىم ـ تەربىيە بىرىشنى، ئەخلاقىي كۆرەشتىكى كەم قالغان بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشنى، جۈملىدىن بۇ كۆرەشتە مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىشنى چىڭ تۇتتى.

يۇقىرىدا سىلەر زەينەب رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ تويىغا نىسبەتەن مۇناپىق، كۇپپارلارنىڭ قانداق پىتنە دۇلقىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۇپ ئۆتتىڭلار، ئەمدى ئالدى بىلەن ئېھزاپ سۈرىسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدا پىتنە دولقۇنى راسا ئەۋجىگە چىققان ئەشۇ ۋەزىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن زادى قانداق يوليورۇقلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى كۆرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. سۈرە ئېھزاپتىكى يوليورۇقلارنىڭ تەرتىپى تۇۋەندىكىچە:

1 ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ئاياللىرىغا ئىززەت ـ ھۆرمىتى بىلەن ئۆيلىرىدە مەھكەم ئۆلتۇرىشى ھەققىدە ھۆكۈم نازىل قىلىندى ۋە ئۇلارنىڭ ياسىنىپ ـ جابدۇنۇپ سىرىتلارغا چىقماسلىقى، يات ئەرلەر بىلەن سۆزلىشىشكە توغرا كەلگەندە، ئەرلەرنىڭ ئورۇنسىز تامالاردا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يېقىملىق، مۇلايىم ئاۋازدا سۆزلەشمەسلىكى بەلگىلەندى. (ئېھزاب سۈرىسى 32 ـ ۋە 33 ـ ئايەتلەرگە قارالسۇن)

2 ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە يات ئەرلەرنىڭ رۇخسەتسىز كىرىشى مەنئىي قىلىندى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراشقا توغرا كەلسە، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراش كېرەكلىكى ھەققىدە يوليورۇق بېرىلدى. (ئېھزاب سۈرىسى 53 ـ ئايەتكە قارالسۇن)

3 ـ مەھرەم ئەرلەر بىلەن غەيرى مەھرەم ئەرلەرنىڭ پەرقى بەلگىلەندى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ئاياللىرىنىڭ يېقىن مەھرەم تۇققانلىرىلا ئۆيگە ئەركىن كىرىپ، چىقسا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. (ئېھزاب سۈرىسى 55 ـ ئايەتكە قارالسۇن)

4 ـ مۇسۇلمانلارغا «پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاتارىدا سانىلىدۇ. ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن خۇددى ئۆز ئاناڭلارغا شەھۋانىي قاراشتا بولۇش ھارام بولغىنىغا ئوخشاشلا ھارام ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇلارغا نىسبەتەن پاك نىيەتتە بولىشى لازىم» دەپ يول يورۇق بېرىلدى. (ئېھزاب سۈرىسى 53 ـ ۋە 54 ـ ئايەتلەرگە قارالسۇن)

5 ـ مۇسۇلمانلارنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، پەيغەمبەرگە ئازار يەتكۈزۈشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ لەنەتىگەۋە ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان تۈپكى ئامىل ئىكەنلىكى، خۇددى شۇنىڭدەك ئىككىنچى بىر مۇسۇلماننىڭ ئىززەت ـ ئابىرويىغا دەخلى يەتكۈزىش ۋە تۆھمەت قىلىشنىڭمۇ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. (ئېھزاب سۈرىسى 57 ـ ۋە 58 ـ ئايەتلەرگە قارالسۇن)

6 ـ بارلىق مۇسۇلمان ئاياللارغا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، سىرىتقا چىقىش زورۇر بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، ھەممە ئەزايىنى ئوبدان يېپىنچاقلاپ، رومال ئارتىپ چىقىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. (ئېھزاب سۈرىسى 59 ـ ئايەتكە قارالسۇن)

**** ***** ***** ***** ****** *****

ئاندىن مەدىنەنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيىتىدە ”افك“ ”بۆھتان“ ۋەقەسىدىن ئىبارەت شىددەتلىك پىتنە دۇلقۇنى كۆتىرىلگەندە، ئىجتىمائىي جەمىيەتكە ۋە قانۇنغا ئائىت ئەھكام، يوليورۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ نۈر سۈرىسى نازىل قىلىندى. ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن جەمىيەتنى بۇزۇقچىلىقتىن ھەم بوزۇقچىلىقنىڭ يامرىشىدىن شاقلاش، ناۋادا بۇزۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىدا تولۇق چارە قوللىنىش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى.

بىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنە شۇنداق نازۇك، پىسخىكىلىق ۋەزىيەتتە ئىنسانىيەت تۈرمۇشىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يۈكسەلدۈرۈشكە نىسبەتەن قانداق ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي، قانۇنىي تەدبىرلەرنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مەقسىدىمىزنى چۆرىدىگەن ھالدا، بۇ سۈرىدە نازىل بولغان مەزكۈر ئەھكام، يوليورۇقلارنىڭ خۇلاسىسىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمىز.

1 ـ دەسلىۋېدىنلا جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دەپ، قارار قىلىنغان زىنانى (نىسا سۈرىنىڭ 15 ـ ۋە 16 ـ ئايەتلىرىگە قارالسۇن) جازالاشقا تېگىشلىك جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈز دەررە ئۇرۇش جازاسى تەيىن قىلىندى.

2 ـ ئەخلاقسىز ئەر، ئاياللارنى جەمئىيەتتىن ئايرىپ تاشلاش ھۆكۈم قىلىندى ۋە ئىمان ئەھلىنىڭ ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى مەنئىي قىلىندى.

3 ـ باشقىلارغا زىنانى تۆھمەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە تۆت گۇۋاھنى ھازىر قىلالمىغانلار ئۈچۈن سەكسەن دەررە ئۇرۇش جازاسى بەلگىلەندى.

4 ـ ناۋادا ئەر ئۆز ئايالىغا تۆھمەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ”لەئان“ (لەنەتلىشىش)[1] قائىدىسى تۇرغۇزۇلدى.

5 ـ مۇناپىقلارنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھا ئەنھاغا چاپلىغان تۆھمەتلىرىنى رەت قىلغان ئاساستا ئالاھىدە يوليورۇق بېرىلدى ۋە: « ھەر بىر ياخشى ئادەمگە قىلىنغان تۆھمەتلەرنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىپ كېتىۋەرمەڭلار، ھەم ئۇنى ئوتتۇرىدا تارقىتىپ يۈرمەڭلار. ناۋادا شۇنداق ئىغۋالار تارقاۋاتقان بولسا، ئۇنى ئېغىزدىن ئېغىزغا يۈتكەپ يۈرمەستىن، بەلكى باستۇرۇش ۋە يوقۇتۇپ تاشلاشقا ھەركەت قىلىش لازىم» دەپ كۆرسەتمە بېرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە بىر پىرىنسىپال ھەقىقەت چۈشەندۈرۈلۇپ، «ياخشى ئادەملەر ياخشى ئاياللار بىلەن ئەپ ئۆتەلەيدۇ. ناچار ئاياللارنىڭ قىلىقلىرى ياخشى ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىگە بىرقانچە كۈنمۇ ماسلىشالمايدۇ. ياخشى ئاياللارنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ پاك روھى ناچار ئەرلەرگە ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەرلەرگىلا ماس كېلەلەيدۇ. ناۋادا سىلەر پەيغەمبىرىڭلارنىڭ ياخشى، بەلكى ئەڭ ياخشى ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي بىلىدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا بىر ناچار ئايالنىڭ سۆيۇملۇك رەپىقە بولالايدىغانلىقىنى ئەقلىڭلار قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن؟ يەنە كېلىپ، زىنا قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان رەزىل ئايالنىڭ ئىپلاس تەبىئىتى ئاللاھنىڭ رەسۇلىدەك شۇنچە پاك زاتقا قانداقمۇ مۇناسىپ كەلسۇن؟ دېمەك، پەسكەش كېشىلەرنىڭ چاپلىغان بۆھتانلىرىغا ئېشىنىپ يۈرۈش ئۇياقتا، ھەتتا ئېتىبار بېرىشكىمۇ ياكى ”ئىھتىماللىقى مۇمكىن“ دەپ قاراشقىمۇ قەتئىي بولمايدۇ. ئالدى بىلەن كۆزىڭلارنى يوغان ئېچىپ، بۆھتان چاپلاۋاتقان كىشىنىڭ كىملىگىگە شۇنداقلا بۆھتان چاپلىنىۋاتقان كىشىنىڭمۇ كىملىگىگە ياخشىراق قاراپ چىقىشىڭلار لازىم» دەپ كۆرسەتمە بېرىلدى.

6 ـ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە پىتنە ـ ئىغۋا تارقىتىۋاتقان، شەھۋانىي ئىشلارنىڭ يامرىشىغا ئۇرىنىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ «ئۇلار رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى جازالىنىشقا ھەقلىق» دەپ بەلگىلەندى.

7 ـ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى چوقۇم ياخشى گۇمان ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك، دېگەن ئومومىي قائىدە بەلگىلەندى. ھەمدە جىنايىتى ئىسپاتلانمىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ گۇناھسىز ھېساپلىنىدىغانلىقى، ھەرگىزمۇ «گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمىغۇچە گۇناھكار» دەپ گۇمان قىلىپ يۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئوقتۇرۇلدى. 

**** ********* ******

8 ـ بارلىق كىشىلەرگە ئومومىي يوليوروق بېرىلىپ، بىر ـ بىرىنىڭ ئۆيىگە رۇخسەتسىز كىرمەسلىكى تەكىتلەندى.

9 ـ ئەر، ئايال ھەممەيلەننىڭ نەزەرلىرىنى تۆۋەن تۇتىشى كېرەكلىكى، بىر ـ بىرىگە تىكىلىپ قاراش ۋە بىر ـ بىرىنى ماراش مەنئىي قىلىندى.

10 ـ ئاياللارغا ئۆز ئۆيلىرىدە بېشى بىلەن كۆكرىكىنى يىپىپ ئۆلتۈرۈش ھۆكۈم قىلىندى.

11 ـ ئاياللارغا يەنە يىقىن مەھرەم تۇققانلىرى ۋە ئۆي خادىملىرىدىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدىدا ياسىنىپ ـ جابدۇنغان ھالدا يۈرمەسلىك ھۆكۈم قىلىندى.

12 ـ ئاياللارنىڭ سىرىتقا چىققاندا زىننەتلىك ۋە پەدازلىق جايلىرىنى مەھكەم ئورىشى، ھەمدە يەنە ئاۋازلىق زىننەت بويۇملىرىنى تاقاپ سىرىتقا چىقماسلىقى تىكىتلەندى.

13 ـ جەمئىيەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ توي قىلماي بويتاق يۈرىشى يىرگىنىشلىك ئىش دەپ بەلگىلەندى ھەمدە توي قىلمىغانلارنىڭ تۇيىنى قىلىپ قويۇش، ھەتتا قول دېدەكلەرنىڭمۇ بويتاق يۈرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىق قاتتىق تەكىتلەندى. بۇنىڭ سەۋەبىي شۇكى، بويتاقلىق ھەم شەھۋانىيەتنى ئالقىشلايدىغان، ھەم شەھۋانىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىردىن بىر ئامىل. بويتاق كىشىلەر باشقا ھېچقانداق ئىشلارنى سادىر قىلمىدى دېگەندىمۇ، يەنىلا شەھۋانىي پاراڭلارغا ۋە ئۇنى تارقىتىپ يۈرىشكە ئامراق كېلىدۇ.

14 ـ قول دېدەكلەرنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ”مۇكاتىبەت“u ”تۆختاملىشىش“ يولى ئېچىپ بېرىلدى. خوجايىن ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ”مۇكاتىب“ ”توختاملاشقان“ قۇل - دېدەكلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە يارىدەمدە بولۇش ھۆكۈم قىلىندى.

15 ـ دېدەكلەرنى نۇمۇس ساتقۇزۇپ تىجارەتكە سېلىش قەتئىي مەنئىي قىلىندى. بۇنىڭ شەۋەبى شۇكى، ئەرەپلەردە دېدەكلەرنى شۇ خىل كەسىپكە سىلىش ئوموملىشىپ قالغان ئىش ئىدى. دېمەك، بۇ ھۈكۈم ئارقىلىق پاھىشەخانىلار قانۇنەن ئومومىي يۈزلىك مەنئىي قىلىندى.

16 ـ ئائىلىۋى تۇرمۇشتا خادىملار ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارغا نىسبەتەن بوش ۋاقىتلاردا (يەنى ئەتىگىنى، چۈشتە، ۋە كېچىلەردە) ئەر، ئايال، چوڭلارنىڭ ھوجرىلىرىغا رۇخسەتسىز كىرمەسلىك قائىدىسى بەلگىلەندى. ھەتتا كىچىك بالىلارغىمۇ ھوجرىلارغا رۇخسەت سوراپ (يەنى ئالدى بىلەن ئىشىكنى قېقىپ) كېرىش ئادىتىنى سىڭدۇرۇش تەكىتلەندى.

17 ـ ياشانغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئۆز ئۆيلىرىدە باشلىرىدىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ ئولتۈرسىمۇ جائىز بولىدىغانلىقى، ئەمما ”تەبەررۇج“ (ياسىنىپ، جابدۇنۇپ ئۆزىنى كۆرسىتىش) تىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىملىقى كۆرسىتىلدى ھەمدە ياشانغاندىمۇ يەنىلا باشنى ئوراپ ئولتۇرسا، ئەۋزەل بولىدىغانلىقى جىكىلەندى.

18 ـ قول، پۇتى يوق مىيىپلارغا، تۆكۇر، قارىغۇ قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىپ، ناۋادا ئۇلار رۇخسەتسىز باشقىلارنىڭ يېمەك، ياكى ئىچمەكلىرىنى ئېلىۋالغان بولسا، ئۇلارنىڭ خىيانەتچى ياكى ئوغرى قاتارىدا سانالمايدىغانلىقى، ئۇلارغا ھېچقانداق جازا بېرىلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

19 ـ يىقىن تۇققانلار ۋە تەكەللۇپسىز دوسلارغا نىسبەتەن بىر ـ بىرىنىڭ ئۆيىدە خۇددى ئۆز ئۆيىنىڭ تامىقىنى يەۋاتقاندەك رۇخسەتسىز تاماق يېيىش ھوقوقى بېرىلدى. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى كىشىلەر بىر ـ بىرىگە تېخىمۇ يىقىنلاشتۇرۇلدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش پەردىلىرى يىرتىپ تاشلاندى. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا مىھرى ـ مۇھەببەت، ئىخلاس ۋە قويۇق مۇناسىۋەت پەيدا قىلىش شۇنداقلا پىتنە ـ پاساتلارنىڭ سوقۇنۇپ كېرىۋىلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئۆز ـ ئارا مۇناسىۋەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش مەقسەت قىلىندى.

****  ******** *********

يۇقارقى يوليۇرۇقلار بىلەن بىرلىكتە كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەتتە كىملەرنىڭ مۇناپىق شۇنداقلا كىملەرنىڭ ھەقىقىي مۆمىن ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقالىشى ئۈچۈن مۇناپىقلار بىلەن مۆمىنلەرنىڭ گەۋدىلىك پەرىقلىرى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىنتىزامى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۈچەيتىلدى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچىلىغان پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدا كۇپپارلار بىلەن مۇناپىقلار دائىم ھەسەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىكى ئىنتىزامچانلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچلىك ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىشى كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى.

پۈتۈن نۈر سۈرىسى جەريانىدا مەزكۇر نۇمۇسسۇزلارچە قىلىنغان پىتنە ھۇجۇمىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئاچچىقلىنىش ھىسسىياتىنى ئۇچراتقىلى بولماسلىقى دەل يۇقارقى بارلىق تېمىلار ئىچىدىكى ئاجايىپ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئالاھىدە گەۋدىلىك نۇقتا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۇنكى بۇنداق غەزەپلىنەرلىك شارائىتتا ئومومەن ئاچچىقلىنىشتىن قەتئىي ساقلانغىلى بولمايدۇ. ناۋادا سىلەر نۇر سۈرىسى نازىل بولغان چاغدىكى ئەشۇ ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارغا ۋە بايان ئۇسلۇبىغا قاراپ چىقىدىغان بولساڭلار، شۇنچە غەزەپلىنەرلىك شارائىتلاردىمۇ، قانداق سوغۇققانلىق بىلەن قانۇن چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭدا ئىسلاھات مەقسەت قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ، ھېكمەتلىك يوليورۇقلارنىڭ ۋە تەلىم ـ تەربىيە، نەسىھەتلەرنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي تۇرالمايسىلەر.

مانا بۇنىڭدىن يالغۇز ھەرقايسى پىتنە ـ پاسات مەزگىللىرىدە ۋە چىدىغۇسىز غەزەپلىك شارائىتلاردا قانداق ئېغىر ـ بېسىقلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىش لازىملىقى، ھېكمەت ۋە چىدامچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇھىم ساۋاق ھاسىل قىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىسلىسىز يۈكسەكلىكتىن ئىنسانلار ئارىسىدىكى بۇ مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەرگە نەزەر تاشلاۋاتقان بىر زاتنىڭ خالىس ھىدايەتكە رەھنىمالىق قىلىش ۋەزىپىسىنى پىتنىلەر تەسىرىدىن پۈتۈنلەي خالىي ھالدا، قانداق ئادا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ مۇھىم چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. قۇرئاننىڭ ھەرگىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇھىم پاكىتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭدا، (گەرچە ئۇ ھەرقانچە يىراقنى كۆرەلەيدىغان مۇتەپەككۈر زات بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ) يۇقارقىدەك ئۆزىنىڭ ئىززەت ـ ئابرويىغا نۇمۇسسۇزلارچە ھۇجۇم قىلىنىۋاتقان شارائىتتا ھەربىر ئېسىل كىشىدە پەيدا بولىشى تەبىئېي بولغان غەزەپلىنىش ھىسسىياتلىرى چوقۇم ئىپادىلەنگەن بولاتتى.

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە فۇرقاننىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1]  - ”لەئان“نىڭ مەنىسى ”بىر ــ بىرىگە لەنەت قىلىش“ دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما فىقھىي (شەرئىي قانۇن) ئۇقۇمىدا ئۇنىڭ مەنسى «ئەرنىڭ ئۆز ئايالىغا تۆھمەت قىلىشىنى ۋە قازى ئالدىدا تۆت قىتىم قەسەم ئېچىپ  بەشىنچى قىتىمدا ”ئەگەر مەن يالغان ئېيتقان بولسام، ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن“ دېيىشىنى شۇنداقلا ئايالنىڭمۇ خۇددى شۇنىڭدەك قەسەم ئېچىشىنى، ئاندىن نىكاھ ئۇزىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرىدۇ. (تەرجىماندىن)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر