قۇربانلىق قىلىش- ئاللاھقا يېقىن بولۇش ئىزدىنىشىدۇر

تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بۈگۈنى جۈمە خۇتبىسى:«قۇربانلىق قىلىش- ئاللاھقا يېقىن بولۇش ئىزدىنىشىدۇر»

796810
قۇربانلىق قىلىش- ئاللاھقا يېقىن بولۇش ئىزدىنىشىدۇر

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئېيتقىنكى، شۇبھىسىز نامىزىم، ئىبادەتلىرىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم پەقەتلا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.» (سۈرە ئەنئام 162 - ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئادەم ئەۋلاتلىرى قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قۇربانلىق قىلىشتىنمۇ بەكرەك سۆيۈملۈك ئىبادەت قىلغان بولمايدۇ» (تىرمىزى)

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھقا مەنىۋىي جەھەتتىن يېقىنلىقىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىزگە ۋەسىلە بولىدىغان قۇربان ھېيتىمىزنىڭ شاتلىقى يەنە بىر قېتىم قەلبلىرىمىزنى لەرزىگە سېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىزلەرنى بۇ مۇبارەك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن ئۇلۇغ رەببىمىزگە چەكسىز ھەمدۇ - سانالار بولسۇن! ئالدىمىزدىكى جۇمە كۈنى ھەممىمىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە كۈتىۋالىمىز.  قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدىغان ساۋابنىڭ ۋە قۇربان ھېيتنىڭ شاتلىقىغا چۆمىمىز. ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز بولغان «ئاللاھنىڭ رىزالىقى»غا ئېرىشىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! دەرۋەقە قۇربانلىق قىلىش، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ تىرىشچانلىقىدۇر. قۇربانلىق ئەسلىدە، ساداقەت، ئاللاھقا ئۆزىنى ئاتاش، سۆيگۈ، ۋاپادارلىق ۋە ھەمبەھىرلىشىشنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر.

قۇربانلىق قىلىش، سان - ساناقسىز ھېكمەت ۋە ئىبرەتلەرگە تولغان مەنىۋىي سەپەردۇر. بۇ سەپەردە ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت ئېمتىھانىغا دۇچ كەلگەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھابىل ۋە قابىل ئىسىملىك ئەۋلادلىرىنى ئەسكە ئالىمىز.  بۇ ئېمتىھاندا ئىخلاس ۋە قانائەت ئۇتۇققا ئېرىشىپ، سەمىمىيەتسىزلىك ۋە تاماخورلۇقنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتى ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتتۇر.

قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭ ساداقەت ۋە ئۆزىنى ئاتاش ئېمتىھانىدىن ئۆتكەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى خاتىرلەيمىز. بۇ ئېمتىھاندا ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە يۈرەك پارىسى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قول ئىلكىدىكى ھەممە نەرسىسنى ئاللاھ يولىدا ھېچ ئىككىلەنمەستىن پىدا قىلالايدىغانلىقى نامايان بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر مۆئمىنلەر ساداقەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئاللاھقا ئۆزىنى ئاتاشنىڭ ئەڭ ئېسىل ئۈلگىسى سۈپىتىدە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ كەلمەكتە. چۈنكى قۇربانلىق قىلىشتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپادارلىقى، پىداكارلىقى ۋە سەخىيلىقى مەۋجۇت. بۇ ئەنگۈشتەرلەر ئۇنىڭ ئۈممىتى ئىچىدە، قۇربانلىق، ھەمبەھىرلىشىش، ياردەملىشىش ۋە قېرىنداشلىق ئېمتىھانىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

مۆھتىرەم قېرىنداشلار! قۇربانلىقلىرىمىز بىر تەرەپتىن بىزنى رەببىمىزگە يېقىنلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادىمىيلىكىمىزگە چوڭقۇر مەنە قوشىدۇ. قۇربانلىق ئەڭ مۇھىمى بىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەسلىتىدۇ. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۇنتۇغان قىممەت قاراشلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرىشىمىزگە ۋە سىراتەل مۇستەقىمدە مۇستەھكەم تۇرىشىمىزغا ۋەسىلە بولىدۇ.

قۇربانلىق ئەسلىدە نەپىسنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە قۇل بولۇپ قالماسلىقنى، بەندىچىلىكنىڭ ھەر بىر پايىسىنى  چىن سەمىمىيەت بىلەن بېسىپ ئورلىشىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى قۇربانلىقىمىز رەببىمىزگە سۇنۇلغان سەمىمىيەت ۋە بەندىچىلىكنىڭ جاكاسىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتتىن بىزلەرنى مۇنداق خەۋەردار قىلىدۇ:

«قۇربانلىقنىڭ نە گۆشلىرى، نە قانلىرى ئاللاھقا يېتىپ بارمايدۇ. ئاللاھقا يېتىپ بارىدىغىنى پەقەتلا تەقۋالىقىڭلاردۇر، سەمىمىيىتىڭلاردۇر» (سۈرە ھەج، 37 – ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇربانلىق ئاللاھ يولىدا ياخشىلىق قىلىش ۋە ھەمبەھىرلىشىشنىڭ نامايەندىسىدۇر. مۇھتاجلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ غىرىپ – غۇرۋا، ئىگە چاقىسىزلارنىڭ يۈزىنى شاتلىققا چۆمدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. قۇربان ھېيت ئوينىيالمايدىغانلارنى ھېيت شاتلىقىمىزغا شېرىك قىلىشتىىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھقا يېقىنلىشىش بىلەن بىرگە قوشنىلىىمىزغا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىزغا، ئايال، بالا – چاقا ، دوست - يارەنلىرىمىزگە يېقىنلىشىشتىن ئىبارەتتۇر. قۇربانلىق مانا بۇ نۇقتىدىن ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرگە شۇنداقلا ئىلگىرى بىز كۆرۈپمۇ باقمىغان ناتونۇش دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سوزغانلىقىمىزدۇر.

ناماز، زاكات، روزا

خۇددى ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئىبادەت بولغانغا ئوخشاش، قۇربانلىق قىلىشمۇ ئۆزگىچە بىر ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يوقسۇللارغا، ئىگە چاقىسىزلارغا، ئېھتىياجلىق كىىشلەرگە ياردەم  ۋە ياخشىلىق قىلىش، قانداق گۈزەل ئىبادەت بولۇپ ھېسابلانسا، قۇربانلىق قىلىشمۇ شۇنداق گۈزەل ئىبادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىبادەتنىڭمۇ ئۆزىگە خاس شەرت، قائىدىلىرى مەۋجۇت. قۇربانلىق قىلىشتا مۇھىم بولغىنى مۇسۇلماننىڭ كېرەكلىك شەرتلەرگە توشقان ھايۋاننى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا بىۋاستە ئۆزى قۇربان قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتىنى ئىقتىسادىي ياردەمگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! دىنىي ئىشلار ئىدارىمىز بىلەن تۈركىيە دىنايەت فوندىي جەمئىيتىمىز بۇ يىلمۇ ۋاكالەت بىلەن قۇربانلىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا ساخاۋەتچى خەلقىمىزنىڭ قۇربانلىقلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق قېرىنداشلىق راشتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ ئەزىز قېرىنداشلىرىغا ھەدىيە قىلىدىغان ھەر بىر قۇربانلىقىنى، ئادىمىيلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنىڭ، جۈملىدىن ئىنساپ ۋە كۆيۈم شەپقەتنىڭ يوقۇلۇپ كەتمىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتىغا ئايلاندۇرىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ ياردەمسۆيەرلىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان قۇربانلىقلار، چارىسىزلارغا «مانا بىز بار!» دېيەلىگەنلىكىمىز، مۇھتاجلارغا «مانا بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا!» دېيەلىگەنلىكىمىز، يوقسۇللارغا «مان بىز سىلەر بىلەن باراۋەر» دېيەلىگەنلىكىمىز، بولىدۇ. 

قۇربانلىق ئىئانە قىلىش پائالىيىتى 1سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ. ھەرقايسى مۇفتىلىكلىرىمىز دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ خىزمەت قىلىپ ئىئانە توپلايدۇ. ھەممىزنىڭ قۇربان ھېيتقا خاتىرىجەملىك بىلەن ئېرىشىشىنى شۇنداقلا  قۇربانلىقلىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشىنى تېلەيمىز. ئامىن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر