ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىدىن شەرقىي ئاسىيا ۋەزىيىتىگە نەزەر

شىمالىي كورېيەنىڭ، بولۇپمۇ ئىيۇل ئېيىدا پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەر خىل ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى، شەرقىي ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

787728
ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىدىن شەرقىي ئاسىيا ۋەزىيىتىگە نەزەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: شەرقىي ئاسىيادىكى كەسكىن ۋەزىيەت ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس. شىمالىي كورېيەنىڭ، بولۇپمۇ ئىيۇل ئېيىدا پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەر خىل ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى، شەرقىي ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىگە تەھدىت سېلىشلىرىمۇ ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 9-ئاۋغۇست ئاگاھلاندۇرۇپ: «شىمالىي كورېيە ئۆزىگە ياخشى بولسۇن دېسە، ئامېرىكاغا قارشى تەھدىت سالماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق غەزەپكە دۇچ كېلىدۇ» دېدى. شىمالىي كورېيە بۇنىڭغا، ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى گۇام ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن بومباردىمان قىلىدىغانلىقىنى جار سېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرى.

ئامېرىكانىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ 60 تىن ئارتۇق يادرو ئوق بېشى ياسىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىراق، مۇتەخەسسىسلەر شىمالىي كورېيەنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئېيتقان ساندىكىدەك يادرو ئوق بېشى يوقلۇقىنى ئېيتماقتا.

ئۇنداقتا، شىمالىي كورېيە راستىنلا ئامېرىكانىڭ گۇام ئارىلىنى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن بومباردىمان قىلغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگىمۇ؟ شىمالىي كورېيە يادرو ئوق بېشىنى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئورنىتالايدىغان تېخنىكىغا ئىگىمۇ؟ ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىدىن پايدىلىنىۋاتامدۇ؟ ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە جېدىلى خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ ياكى ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بۈگۈنكى «كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ يىراق شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر