سۈرە ھەج ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 31 (ئاۋازلىق)

784384
سۈرە ھەج ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ئەنبىيانىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە ھەجنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ھەج ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

بۇ ئىسىم سۈرىدىكى 4 ــ رۇكۇنىڭ «وَأَذِّن فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ» «كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن» دېگەن 2 ـ ئايىتىدىن ئېلىنغان.

نازىل بولغان ۋاقتى:

بۇ سۈرىدە، مەككىدە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغان ھەر ئىككى خىل سۈرىلەرگە خاس خۇسۇسىيەتلەر ئورتاق كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ. دەل شۇ ۋەجىدىن مۇپەسسىرلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ زادى قەيەردە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە بەزى ئىختىلاپلار پەيدا بولغان. ئەمما بىز «ئۇنىڭ بىر قىسمى مەككىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە، يەنە بىر قىسمى مەدىنە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە نازىل بولغان بولغاچقا، مەزمۇن ۋە بايان ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ھەر ئىككى دەۋرگە خاس ئەشۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر ئۇنىڭغا تەڭ مۇجەسسەملەشكەن» دەپ قارايمىز. ئۇنىڭ دەسلەپكى قىسمى مەزمۇن ۋە بايان ئۇسلۇبى نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ ھىجرەتتىن سەللا ئىلگىرى، ئاخىرىقى مەككە دەۋرىدە نازىل بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەمدە سۈرىنىڭ  «ئۇلار ياخشى سۆزگە ھىدايەت قىلىندى. ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى» دېگەن 24 ـ ئايىتىگە كەلگەندە تامام بولىدۇ. ئاندىن «كاپىرلارغا، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا،...» دېگەن 25 ـ ئايىتىدىن باشلاپلا تۇيۇخسىزدىن مەزمۇن تۈسى ئۆزگىرىدۇ. مۇشۇ يەردىن سۈرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان كېيىنكى قىسمىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ.

ئۇنىڭ ھىجرەتتىن كىيىنكى دەسلەپكى زۇلھەججە ئېيىدا نازىل بولغان بولۇش ئىھتىمالىمۇ يېراق ئەمەس. چۇنكى 25 ـ ئايىتىدىن  41 ـ گىچە بولغان ئايەتلەر مۇشۇ نۇقتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ھەمدە 39 ـ ۋە 40 ـ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىمۇ بۇ نۇقتىنى كۈچلەندۇرۇپ بېرىدۇ. بەلكىم ئەينى چاغدا مۇھاجىرلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ، تېخى يېڭىلا مەدىنىگە كەلگەن بولغاچقا، ئۆز شەھىرىنىڭ ھەج ۋاقتىدىكى ئىجتىمائىي مەنزىرىسى يادىدىن كېچىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىنى تاللىغانلىقلىرى ئۈچۈنلا يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇرلاپ، ھايىتىغا كۈلپەت سىلىۋاتقان، مەسجىدى ھەرەمنىڭ يولىنى تاقىۋېلىپ، ئۇلارنى ھەرەم زىيارىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان زالىم مەككە مۈشرىكلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا ئاللاھ تەرىپىدىن رۇخسەت نازىل قىلىنىشىنى قاتتىق ئارزۇ قىلىۋاتقان چاغ بولىشىمۇ مۇمكىن.

مانا بۇ خىل رۇھى كەيپىيات دەل ئەشۇ ئايەتلەرنىڭ نازىل بولىشىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن مەسجىدى ھەرەمنىڭ ھەج ئۈچۈن بىنا قىلىنغانلىقى، ھەج پائالىيىتى بولسا، پەقەت بىرلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەنلىكى، ئەمما بۇگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭدا شېرىكچىلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بىرلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ يوللىرى توسىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئاندىن دۆلەتتىن زالىملارنى تازىلاپ، توغرا تۈزۇم ئورنۇتۇش ۋە يامانلىقنى باستۇرۇپ، ياخشىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ زالىملارغا قارشى جەڭ قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

بۇ ئايەت ھەققىدە ئىبنى ئابباس، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، زەييىد ئىبنى ئەسلەم، مۇقاتىل ئىبنى ھەييان ۋە قەتەدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارغا ئوخشاش كاتتا مۇپەسسىرلەر «بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى ئايەت ئىدى» دەپ توختالغان ھەمدە يەنە ھەدىسلەردىكى ۋە تەرجىمېھاللاردىكى بايانلارمۇ ئەشۇ قېتىمقى روخسەتتىن كىيىنلا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دەرھال قۇرەيش ئەھلىگە قارشى ئەمەلىي پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. تۇنجى قىتىم ھىجرىيەنىڭ 2 ـ يىلى سەفەر ئېيىدا مۇسۇلمانلار قىزىل دېڭىز تەرەپكە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، ئۇ ”دەۋۋان غازىتى“ ۋە ”ئەبۋا غازىتى“ دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولغان. 

***** ***** ***** ****** ***** ****     

تېماتىك مەزمۇنى:

بۇ سۈرىدە مەككە مۈشرىكلىرى، سادىق مۆمىنلەر شۇنداقلا مەيدانى يوق، ئىرادىسىز، مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل جامائەگە خىتاب قىلىنىدۇ.

مۈشرىكلەرگە قىلىنىۋاتقان خىتاب مەككىدە باشلىنىپ، مەدىنىدە تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۈشرىكلەر قاتتىق ئاگاھلاندۈرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر تەرسالىقنى تاشلىماي، ئاساسسىز، جاھىلانە پىكرىڭلاردا چىڭ تۇرىۋالدىڭلار. ئاللاھنى قويۇپ، ھېچقانداق كۈچ ـ قۇدرىتى بولمىغان مەبۇتلارغا ئېسىلىۋالدىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى چەتكە قاقتىڭلار. ئەمدى سىلەرنىڭ ئاقىۋېتىڭلار خۇددى سىلەردىن ئىلگىرى مۇشۇنداق يول تۇتقان قەۋملەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنى چەتكە قېقىپ، ئۆز قەۋمىڭلار ئىچىدىكى ياخشىلارنى زۇلۇم ـ سىتەم ئوبېكتى قىلىۋېلىش ئارقىلىق ماھىيەتتە ئۆزىڭلارغا زىيان سالدىڭلار، بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۈستىڭلارغا يېغىش ئالدىدا تۇرغان ئاللاھنىڭ غەزەپ ــ نەپرىتىدىن ئەمدى سىلەرنى مەبۇتلىرىڭلار ھەرگىز قوغداپ قالالمايدۇ» دەپ تەنبىھ بېرىلىدۇ. بۇ خىل تەنقىد، ئاگاھلاندۇرۇشلار بىلەن بىرگە يەنە ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش تەڭ ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، سۈرىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نەسىھەت قىلىش ۋە ئەسكە سىلىش بىلەن بىرلىكتە تەۋھىد بىلەن ئاخىرەتنىڭ ھەقىقەتلىكىگە دائىر دەلىللەر شېرىكچىلىككە قارشى ئۈنۈملىك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ

ئىرادىسىز مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان خىتابتا ئاللاھنىڭ بەندىچىلىكىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما بۇ يولدا ئۇچرايدىغان خەتەرلەرگە بەرداشلىق بېرىشنى خالىمايدىغان مۇسۇلمانلار قاتتىق تەنقىد قىلىنىدۇ. ئۇلارغا: «خۇشالىق، راھەت ـ پاراغەت نىسىپ بولغان ئەھۋالدا ئاللاھغا بەندە بولىدىغان، ئەمما ئاللاھ يولىدا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ قالسا، بەندىچىلىكنى تاشلايدىغان بۇ زادى قانداق ئىمان؟ ھالبۇكى، سىلەرنىڭ بۇ پوزىتسىيەڭلار ھەرگىزمۇ قىسمىتىڭلارغا ئاللاھ پۈتۈپ قويغان جاپا - مۇشەققەتتىن سىلەرنى ساقلاپ قالالمايدۇ» دېيىلىدۇ.

*** *** ** *********** ********

سادىق مۆمىنلەرگە قىلىنىۋاتقان خىتاب ئىككى خىل تەرىزدە داۋام قىلغان بولۇپ، بىرى مۆمىنلەر بىلەن بىرگە كەڭ خەلق ئاممىسىغا، يەنە بىرى مەخسۇس سادىق مۆمىنلەرگە قارىتىلىدۇ.

بىرىنچى خىتاپتا مەككە مۈشرىكلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مەسجىدى ھەرەم يولىنى تاقىۋالغانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ھەجدىن توسۇشقا ھېچقانداق ھەققى يوقلىقى، ياكى قانداقتۇر مەسجىدى ھەرەم ئۇلارنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەسلىكى تىلغا ئىلىنىدۇ. بۇ يالغۇز ھەققانىي قىلىنغان تەنقىد بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىياسىي نۇقتىدىن قۇرەيش ئەھلىگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن باشقا ئەرەپ قەبىلىلىرىنىڭ ئىددىيىسىدە «قۇرەيش ئەھلى ھەرەمنىڭ مۇتىۋەللىسىمۇ ياكى خۇجايىنىمۇ؟ ناۋادا خۇسۇسىي ئۆچمەنلىكى تۈپەيلى بىرەر جامائەنى ھەجدىن تۇسوپ قويۇشقا بۈگۈنكىدەك يول قويۇلسا، كىيىنچە ئۇلار كىمنى يامان كۆرسە، شۇنى ھەرەمگە كىرىشتىن توسىدىغان، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشىنى چەكلەيدىغان بولۇپ قالمامدۇ؟» دېگەن سۇئالنى پەيدا قىلغان ئىدى.

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسجىدى ھەرەمنىڭ تارىخى ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىنا قىلغانلىقى ۋە بارلىق ئىنسانلارغا ئومومىي يۈزلىك ھەج قىلىش ئىزنى بەرگەنلىكى، ئەشۇ دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا مەيلى يەرلىك ياكى سىرتتىن كەلگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ھوقوقتا تەڭ بارۋەرلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇلارغا: «ھەرەم قانداقتۇر شېرىكچىلىك ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىرلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان ئىدى، ئەمما ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش چەكلىنىپ، بۇتقا چوقۇنۇش يولغا قويۇلغىنى نېمىسى؟» دېيىلىدۇ.

ئىككىنچى خىتابتا قۇرەيش ئەھلىنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرال كۈچى ئىشلىتىپ جاۋاپ قايتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىش بىلەن بىرگە ھوقۇق قولغا كەلگەندىن كىيىن مۇسۇلمانلارنىڭ قايسى خىل تەرىزدە ئىش تۇتۇشى ۋە قايسى مەقسەتتە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكى ئېيتىپ بېرىلىدۇ. بۇ تېمىنى سۈرىنىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. 

ئاخىرىدا ئىمان ئەھلىگە ”مۇسۇلمان“ دېگەن نامنى بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا: «سىلەر دەل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي ئىز باسارلىرى، بىز سىلەرنى دۇنيادا بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇشقا تاللىدۇق. ئەمدى ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاياتىڭلارنى باشقىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېسىل ئۈلگىگە ئايلاندۇرىشىڭلار لازىم. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىشىڭلار لازىم» دېيىلىدۇ.

بۇ سۇرىنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن سۈرە بەقەرە ۋە سۈرە ئەنفالنىڭ قىسقىچە چۇشەندۇرۇشىگە بىر قۇر قاراپ چىقىش تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

**** ***** **** **** ** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە مۆئمىنۇننىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر