ياراتقۇچى، ياشاتقۇچى ۋە ھىدايەت قىلغۇچى ئىللاھتۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 30 (ئاۋازلىق)

779700
ياراتقۇچى، ياشاتقۇچى ۋە ھىدايەت قىلغۇچى ئىللاھتۇر

ياراتقۇچى، ياشاتقۇچى ۋە ھىدايەت قىلغۇچى ئىللاھتۇر

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ ئاللاھ ھەم مېنى ياراتقۇچى ھەم ماڭا ھىدايەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاغرىپ قالسام ئۇ ماڭا شىپالىق بېرىدۇ. ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ. ئۇمۇد قىلىمەنكى، قىيامەت كۈنى ئۇ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغفىرەت قىلىدۇ.» (سۈرە شۇئەرانىڭ 78 – ئايىتىدىن 82 – ئايىتىغىچە)

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ مەككە مۇشرىكلىرىنى باتىل ئېتىقادىدىن شۇنداقلا ئىنساننىڭ غۇرۇرى ۋە سالاھىيىتىگە ماسلاشمايدىغان ئادەتلىرىدىن ۋاز كەچتۇرەلمىگەن ئىدى. ئۇلار تەۋھىد ئەقىدىسىگە ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە قەتئىي يېقىن كەلگىلى ئۇنىمايتتى. بىر كۈنى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، «بىزگە پەرۋەردىگارىڭنى تونۇتقىن» دېدى.  بۇنىڭغا قارىتا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئىنتايىن ئىخچام بىر شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋە ئىنسانىيەتكە ئاللاھنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تونۇشتۇرىدىغان ئىخلاس سۈرىسىنى نازىل قىلىپ بەردى.  ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:

«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ - ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھ قا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.» (سۈرە ئىخلاس)

مۆھتىرەم قېرىنداشلار!  ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىم باشتىن ئاخىر ئاللاھ تائالانى تونۇتىدىغان بىر ئۇلۇغ كىتابىمىزدۇر. ئىنسانغا ئىماننى، ئۆزىنى ئاتاشنى، ئىبادەتنى، ئىنساندەك ھايات كەچۈرۈشنى ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدىغان يوليورۇقىمىزدۇر. بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە ئاللاھنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە چۈشەندۈرىدىغان شۇئەرا سۈرىسىنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتلىرىنى سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلەشمەكچىمەن.

بۇ سۈرىدە « ئۇ ئاللاھ ھەم مېنى ياراتقۇچى ھەم ماڭا ھىدايەت قىلغۇچىدۇر» دېيىلىدۇ. يەنى، پەيغەمبەرلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق بىزلەرگە سىراتەل مۇستەقىمنى، توپتوغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر. ئۇنداقتا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاخىرىغىچە بۇ يولنىڭ يولۇچىسى بولۇش، يامانلىقتىن ئۇزاق تۇرۇپ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە دۇنياغا ياخشىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

سۈرىدە « ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېيىلىدۇ. يەنى بىزلەرگە يېگەن ھەر بىر لوقمىنى ۋە ئىچكەن ھەر بىر تامچە سۇنى بەخش ئەتكۈچى ئاللاھتۇر. ئۇنداقتا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ھەر دائىم ھالال رىزىقنىڭ كويىدا بولۇش، ھەر بىر نېمەتنىڭ ۋە ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرنىڭ بىزگە ئاللاھ تاپشۇرغان ئامانەتلەر ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىق، باياشاتلىق ۋە نامراتلىقنىمۇ ئىلاھى ئىمتېھاننىڭ ۋاستىسى قاتارىدا كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك «ھەرقانداق ئەھۋال ۋە ھەرقانداق شارائىتتا ئاللاھقا ھەمدۇ - سانا ئېيتىمەن» دېيىش ئارقىلىق شۈكرى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

سۈرىدە «ئاغرىپ قالغىنىمدا ئاللاھ ماڭا شىپالىق بېرىدۇ» دېيىلىدۇ. يەنى دەرت - ئەلەمدىن خالاس قىلىدۇ، چارىسزلارغا چارە، ئۈمىدسىزلەرگە ئۈمىد بولىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، دەرت – ئەلەملىرىمىز، چارىسىزلىقلىرىمىز ۋە ئشەنچىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلماقچى بولغانلارغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەسلىكتۇر. پەقەت ئاللاھنىڭلا رەھمىتىگە سېغىنىش، يالغۇز ئاللاھقىلا تايىنىپ، «بارلىق ئىشلار بىر ئىمتېھان» دېگەن ئاڭنى تىكلەپ، كېسەللىكلەر ۋە مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش، قەتئىي ئىرادە ۋە تەۋەككۈرچىلىككە كۆكرەك كېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

سۈرىدە « ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ» دېيىلىدۇ. يەنى، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ بىردىنبىر خوجايىنى ئاللاھتۇر. ھايات بەرگۈچى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ئالغۇچىمۇ ئاللاھتۇر. ئۇ ئۆلىمىمىزدىن كېيىن بىزلەرنى قايتىدىن تېرولدۈرىدۇ. قىلغان - ئەتكەنلىمىزنىڭ ھېسابىنى سورايدۇ. ھەممەيلەنگە ھەقلىق بولغىنىنى كەم قىلماستىن ئاتا قىلىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز ئاخىرقى نەپىسىمىزگە قەدەر ئىمانىمىزغا سادىق بولۇش، ئۆمرىمىزنى سالىھ ئەمەللەر بىلەن بەرىكەتلەندۈرۈش، ھەر دائىم ئۆلۈم ۋە ھېساب كۈنىگە تەييار تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. 

سۈرىدە «ئۇمۇد قىلىمەنكى، قىيامەت كۈنى ئۇ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغفىرەت قىلىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەر دائىم ئۇنىڭدىن رەھمەتنى ئۈمىد قىلىشمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىمانىدا سادىق بولغانلارنى، ئۆزىگە چىن قەلبىدىن باغلانغانلارنى ھەرگىز يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، خاتالىقتا تەرسالىق قىلماسلىق، ئاجىزلىقىمىزنىڭ ئېتىراپى ھېسابلىنىدىغان تەۋبىمىز بىلەن، نادامەتنىڭ ئىزھارى بولغان ئىستىغپارىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ «تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى» دېگەن سۇپىتىگە سېغىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بىزلەرگە ئەبەدىي نىجاتلىقنى ۋەدە قىلغانلارغا ئىشەنمەسلىك، نىجاتلىقىمىزنىڭ پەقەت قۇرئاننىڭ رەھبەرلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك سۈنەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزگەن بىر ئۆمۈر نەتىجىسىدە، پەقەت ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا باغلىق ھالدا قولغا كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! خۇتبىمىزنى سۈرە شۇئەرادا ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىزلەرگە تەلىم بەرگەن مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز؛

ئى رەببىمىز! بىزلەرگە ئۆز دەرگاھىڭدىن ھېكمەت ئاتا قىلغىن، بىزلەرنى سالىھ بەندىلىرىڭ قاتارىدا قىلغىن! ئارقىمىزدىن كېلىدىغان نەسىللىرىمىزنىمۇ بىزلەرنى ياخشىلىق ۋە توغرىلىق بىلەن ئەسلەيدىغانلاردىن قىلغىن! بىزلەرنى ئېسىل جەننىتىڭنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن! ئىنسانلار قايتىدىن تېرىلدۈرىلىدىغان كۈندە بىزنى شەرمەندە قىلمىغىن! ئامىن!!!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر