قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (29)

تۆۋەندە سۈرە تاھانىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

775616
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (29)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە مەريەمنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە تاھانىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە تاھا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

نازىل بولغان ۋاقتى:

سۈرە تاھە، سۈرە مەريەم بىلەن يېقىن مەزگىللەردە نازىل بولغان  بولۇپ، بەلكىم ھەبىشىستانغا ھىجرەت قىلىش ۋەقەسى جەريانىدا ياكى شۇنىڭدىن كىيىن نازىل بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ھەر ھالدا، شۇنىسى ئىنىقكى، بۇ سۈرە ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى نازىل بولغان ئىدى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئائىت ئەڭ مەشھۇر ئىشەنچلىك رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:

ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش نىيىتىدە كېتىۋاتقىنىدا يول ئۈستىدە بىرسى ئۇنىڭغا: «ئالدى بىلەن ئۆز ئۆيىڭدىن خەۋەر ئالغىن، سىڭلىڭ بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى بۇ يېڭى دىننى قوبۇل قىلىپ بولغىلى نە ۋاخ!» دەيدۇ.

بۇنى ئاڭلاپ ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇدۇل سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ــ دە؛ سىڭلىسى فاتىمە بىنتى خەتتاب رەزىيەللاھا ئەنھا بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى سەئىد ئىبنى زەييىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئولتۇرۇپ، ھەزرەتى خەبباب ئىبنى ئارەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر سەھىپە ئۇگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. فاتىمە بىنتى خەتتاب ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېرگەنلىكىنى كۆرۇپ دەرھال سەھىپىنى يوشۇرىۋالىدۇ. ئەمما ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلاۋەت ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغان بولغاچقا دەسلىۋىدە ئازراق سوراق قىلىپ باقىدۇ، كىيىن سەئىد ئىبنى زەييىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇرۇشقا باشلايدۇ. ھەتتا ئۇنى توسماقچى بولغان سىڭلىسىىنىڭمۇ بېشىنى يېرىۋېتىدۇ. ئاخىرىدا سىڭلىسى بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى بىرلىكتە: «شۇنداق بىز مۇسۇلمان بولۇپ بولدۇق، ئەمدى قولىڭدىن كەلگىنى قىل!» دەيدۇ.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىڭلىسىنىڭ بېشىدىن قان ئاققانلىقىغا قاراپ بىر ئاز پۇشايمان قىلىدۇ ۋە «ماڭا سىلەر ئوقۇۋاتقان ھېلىقى سەھىپىنى كۆرسىتىڭلار» دەپ تۇرىۋالىدۇ. سىڭلىسى ئالدى بىلەن ئۇنى يىرتىپ تاشلىماسلىققا قەسەم قىلدۇرغاندىن كىيىن ئاندىن: «سەن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ بۇ پاك سەھىپىنى تۇتساڭ بولمايدۇ» دەپ، تۇرىۋالىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ غۇسلى قىلىپ، ھېلىقى سەھىپىنى ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭدا دەل مۇشۇ تاھە سۈرىسى يېزىلغان بولۇپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئوقۇپ كېتىۋىتىپ ئىختىيارسىز ھالدا: «نېمە دېگەن ياخشى سۆزلەر بۇ!»  دەپ سالىدۇ.

باياتىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەنھۇنىڭ ئاياق تىۋېشىنى ئاڭلاپ، دەرھال يوشۇرۇنىۋالغان خەبباب ئىبنى ئارەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى ئاڭلاپ، سىرىتقا چىقىدۇ ۋە «ئاللاھ گۇۋاھكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاللاھنىڭ سىنى تۆھپە قوشتۇرىدىغانلىقىدىن ئۈمۈتۋارمەن. چۈنكى تېخى تۈنۈگۈنلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئا قىلىپ: <ئى ئاللاھ! ئوبۇل ھەكەم ئىبنى ھەششام (يەنى ئەبۇ جەھىل) ياكى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىككىسىنىڭ بىرىنى ئىسلامغا ھامىيلىق قىلىدىغان قىلغىن!> دەپ تىلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئادىم. دېمەك ئى ئۆمەر! ئەمدى ئاللاھ تەرەپكە ماڭغىن! ئەمدى ئاللاھ تەرەپكە ماڭغىن!» دەيدۇ.

بۇ سۆزلەر ئۇنىڭدىكى قالدۇق ئۆچمەنلىكلەرنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەزرىتى خەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە بىرىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھوزورىدا ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش ۋەقەسىدىن سەللە كىيىن يۈز بەرگەن ۋەقە ئىدى.

**** **** *** **** **** ***** ***

تېماتىك مەزمۇنى:

سۈرە تاھە «ئى مۇھەممەد ! سىنى بېكاردىن ــ بىكار ئاۋارىچىلىققا تىقىپ قويۇش ئۈچۈن قۇرئاننى نازىل قىلغىنىمىز يوق. سەندىن قانداقتۇر <تاغ چوقىلىرىدىن سۈت دەريالىرىنى ئېقىتىپ بېرىش، ئىشەنمىگۈچىلەرنى زادى ئىشەندۈرمەي قويماسلىق، باشبالتاق، قاششاق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن تولدۇرۇۋەتمەي قويماسلىق> دېگەنلەر تەلەپ قىلىنغىنىمۇ يوق. بۇ پەقەت ئاللاھتىن قورقۇيدىغانلارنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋاپكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلىنىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئوڭشىلىپ كېتىشى مەقسەت قىلىنغان نەسىھەت ۋە ئەسكەرتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئاسمان، زېمىننىڭ خوجايىنى نازىل قىلغان كالامدۇر. ئاللاھدىن باشقا ھاچقانداق ئىلاھ يوق. مانا بۇ باشقىلارنىڭ ئىشىنىش، ئىشەنمەسلىكىگە باقمايدىغان ئىككى قەتئىي ھەقىقەتتۇر.» دېيىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ مۇقەدىمىدىن كېيىنلا دەرھال مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى داۋام قىلىدۇ. گەرچە ھىكايە شەكلىدە بايان قىلىنغان بۇ قىسسىدە ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەتكە ئالاقىدار بىرەر ئىشارە ماۋجۇت بولمىسىمۇ، ئەمما سۆزلىنىۋاتقان مۇھىت بىلەن ۋەزىيەتنى بىرلەشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، مەككە ئەھلىگە نىسبەنەت مەلۇم نەرسىلەرنىڭ سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ سۆزلۈكلىرىدە ئەمەس، بەلكى سۆز ئارىلىقىدا ھېس قىلالايمىز.

بۇنىڭ تەپسىلاتىدىن ئىلگىرى شۇنى ياخشى چۈشىنىۋېلىش لازىمكى، ئەرەب زېمىنىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ خىلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيە، ئىددىلوگىيە جەھەتتىكى ئۇستۈنلىكى ھەمدە رىم، ھەبەشىستان خىرىستىيانلىرىنىڭ ئوموملاشقان تەسىرى تۇپەيلىدىن پۈتكۇل ئەرەپ زېمىنىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنالاتتى. مانا بۇ ھەقىقەتنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا سۆز ئارىلىقىدا مەككە ئەھلىگە تەكىتلىنىۋاتقان تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەستايىدىل نەزەر سېلىش لازىم.

1 ـ «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنى ھىچقاچان سورۇن تۈزۈپ، ئادەم توپلاپ، داپ داراڭشىتىپ، ناغرا - سۇناي چېلىپ، <بۈگۈندىن ئېتىۋارەن پالانى پەيغەمبەر بولىدۇ> دەپ، ئاتا قىلغان ئەمەس. بەلكى ھەممىلا پەيغەمبەرگە خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغاندەك مەخپىي يوسۇندا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان. ئەمدىلىكتە ئاراڭلاردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنلا پەيغەمبەر بولۇپ ئۇتتۇرىغا چىققانلىقىغا سىلەر نېمە ئۈچۈن <ئەجىبا، ئاسماندىن ئۈنلۇك جاكارلانماي تۇرۇپ ياكى پەرىشتىلەر زېمىنغا چۈشۇپ، داپ داراڭشىتماي تۇرۇپ، پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىنىپ قالامدۇ؟> دىگەن ئېتىرازلارنى بىلدۈرىسىلەر؟ ئىلگىرى زادى كىمگە شۇنداق جاكارلاپ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىنىپتىكەن؟»  

2 ـ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇرىغا قويىۋاتقىنى (يەنى تەۋھىد، ۋە ئاخىرەت ئەقىدىسى) ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغىمۇ پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىنىۋاتقان مەزگىلدە تەلىم بېرىلگەن ئىدىغۇ!»

3 ـ «خۇددى بۈگۈن مۇھەمەد ئەلەيھىسسالام ھىچقانداق  ئەسكەرسىز، مال ــ بايلىقسىز ھەققانىيەتنىڭ بايراقدارى بولۇپ ياپ يالغۇز ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندەك، مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق ئۇلۇغۋار ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، زالىم پىرئەۋننى ئاسىيلىقتىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋىتىلگەندە ئۇنىڭمۇ ھىچقانداق ئەسكىرى يوق ئىدىغۇ! ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلىرى ئەنە شۇنداق ئاجايىپ بولىدۇ. مەديەندىن مىسىرغا كېتىۋاتقان بىر مۇساپىرنى چاقىرىپ، ئۇنى دەۋرنىڭ ئەڭ زالىم ھۆكۈمرانى بولغان پىرئەۋن بىلەن قارشىلىشىشقا بۇيرىدى. بەك تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاندا ناھايىتى كەلسە، بىر تۇغقىنىنى يارىدەمچى قىلىپ بەردى. ئەمما بۇ ئۇلۇغ خىزمەت ئۈچۈن ھىچقانداق دەبدەبىلىك ئەسكەرلەرنى، ئات ياكى پىللارنى ھەمراھ قىلمىدىغۇ!»

4 ـ «بۇگۇن مەككە ئەھلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئىشقا سىلىۋاتقان بۇ زۇلۇم ئېتىرازلارنى، گۇمان، تۆھمەتلەرنى ۋە ھىلە ــ مىكىر، سۈيقەستلەرنى ئەينى چاغدا پىرئەۋنمۇ ئوخشاشلا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشلەتكەن ئىدىغۇ! ئاقىۋەتتە كىملەرنىڭ قانداقلارچە ئۆز تەدبىرى بىلەن مەغلۇپ بولۇشقانلىقىنى ۋە كىمنىڭ قانداق غەلىبە قىلغانلىقىنى مانا كۆردۈڭلارغۇ! ئاللاھنىڭ ئاجىز پەيغەمبىرىمۇ ياكى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىمۇ؟» دېيىلىدۇ.

*** *** ** **** ** ** *****

بۇ تەكىتلەر ئارقىلىق ئۆز نۆۋېتىدە يەنە مۇسۇلمانلارغىمۇ تەسەللىي بېرىلىپ، «ئۆزىڭلارنىڭ كۈچ ـ قۈۋۋەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقىڭلارغا، قۇرەيش كۇپپارلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەڭلار، ئاللاھنىڭ قولى ئارقىدا ماۋجۇتلا بولغان ھەرقانداق ئىش چوقۇم ئۇتۇغلۇققا ئېرىشمەي قالمايدۇ» دېيىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىر سېھرىگەرلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ھەق ئايدىڭلاشقان ھامانلا ئۇلارنىڭ ھىچنەرسىدىن قورقماي، دادىللىق بىلەن ئىمان ئېيتقانلىقى، پىرئەۋننىڭ سۇيقەست قىلىش خەۋپى ئۇلارنى ئىمان يولىدىن قىلچە چەتنىتەلمىگەنلىكى سۆزلەپ بېرىلىدۇ.

ئاخىرىدا بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ تارىخىدىن دەلىل كەلتۈرۈلۈپ، ئاللاھ تائالا نامو ــ نىشانىنى قالدۈرۈشنىمۇ خالىمايدىغان ھەرقايسى ياسالما ئىلاھ، مەبۇتلارنىڭ ئەمەلدىن قىلىش باسقۇچى نەقەدەر كۈلكىلىك بولىدىغانلىقى، مۇھەمەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇتپەرەسلىك ۋە شېرىكچىلىككە قارشى قىلىۋاتقان بۇگۇنكى ھەرىكىتى قانداقتۇر تارىختىكى تۈنجى ھەرىكەت ئەمەسلىكى بايان قىلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنىڭ بۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان كۆرەشلەرگە ئالاقىدار ئىشلار بىر قۇر ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئاندىن قىسقىچىلا ۋەز ــ نەسىھەت قىلىپ: «ھەر ھالدا قۇرئان سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆز تىلىڭلاردا نازىل قىلىنغان نەسىھەت ۋە ئەسكەرتىشتۇر. ئۇنىڭغا قۇلاق سالساڭلار، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالساڭلار ئۆزەڭلارغىلا پايدىلىق. ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار يەنىلا يامان ئاقىۋىتىنى ئۆزىڭلار تېتىيسىلەر» دېيىلىدۇ.

ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنىپ، «سىلەرنىڭ تۇتۇۋاتقىنىڭلار دەل شەيتانغا ئىتائەت قىلىش يولىدۇر. چۇنكى شەيتاننىڭ دامىنىغا ۋاقىتلىق دەسسەپ سىلىش ئەلۋەتتە ئىنسان  ساقلىنىپ بولالمايدىغان بىر ئىش. ئەمما خاتالىقىنى كۈرسىتىپ بېرىپ نەسىھەتنىڭ ئۈستىگە نەسىھەت قىلىۋاتقان چاغدىمۇ يەنىلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالماسلىق، گويا زېيىنى ئۆزىگىلا بولىدىغان، ئىككىنچى بىرسىنىڭ ھىچ يېرى بىر نەرسە بولۇپ قالمايدىغان ئۆز پۇتىغا پالتا چاپقانلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئەڭ توغرا يول شۇكى، خاتالىقىڭلار كۆرسىتىلگەن ھامانلا خۇددى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئۇنى ئېتىراپ قىلىپ، تەۋبە قىلىشڭلار ۋە ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلار لازىم» دېيىلىدۇ.

ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، «بۇ ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئىشىدا ئالدىراقسانلىق قىلماڭلار، چۇنكى ئاللاھ تائالانىڭ قائىدىسى شۇكى، ئۇ ھەرقانداق قەۋمنى كۇپىرلىق قىلىشى بىلەن تەڭلا جازالاپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئوڭشىلىۋېلىشىغا خېلى ئۇزۇن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ھودۇقماستىن، قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا سەبىرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىپ قۇرئاننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ كېتىۋېرىڭلار» دېيىلىدۇ.

**** ***** **** **** ** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئەنبىيانىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر