تۈگىمەس قايغۇمىز قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 29 (ئاۋازلىق)

775308
تۈگىمەس قايغۇمىز قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا

تۈگىمەس قايغۇمىز قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلار پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشكە لايىق. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.[1]»

قۇددۇس ھەققىدىكى بىر ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دېيىلىدۇ: 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەپىقىسى ھەزرەتى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر كۈنى «يا رەسۇللاھ! بىزگە بەيتىل مۇقەددەس ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن» دەپ تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئۇ يەر ھەم مەھشەر، ھەم مەنشەر يېرىدۇر، يەنى يېڭىدىن تېرىلىش يېرىدۇر. ئۇ يەرگە بېرىڭلار ۋە ناماز ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ يەردە ئوقۇلغان بىر ناماز باشقا يەردىكى مىڭ نامازغا باراۋەردۇر» دېدى. ھەزرەتى مەيمۇنە ئانىمىز: «ئۇنداقتا كىرىشكە كۈچىمىز يەتمىسە قانداق قىلىمىز يا رەسۇللاھ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شامدانلىرىنى يېقىشى ئۈچۈن زەيتۇن يېغىنى ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتىڭلار، كىم شۇنداق قىلسا، ئۇ يەرگە بارغاندەك ۋە ناماز قىلغاندەك بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى[2]

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ھەر كاتتا پەيغەمبەرلەرنىڭ تەۋھىد كۈرىشىگە ساھىبخانلىق قىلغان، ئۈچ ساماۋىي دىننىڭ قىبلىسى بولغان، ئىسمى ۋە ئەتراپى مۇقەددەس ھەم مۇبارەك قىلىنغان بىر شەھەرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار!

بۇ شەھەر دەل قۇددۇستۇر. ھەرەم شەرىپتۇر. يەنە بىر ئىسمى بىلەن بەيتىل مۇقەددەستۇر. مىڭلىغان يىلدىن بۇيان نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى بولغان بۇ جەلىبكارلىق مەركىزى قۇددۇس ۋە ئەتراپىدا ھەزرىتى ئىبراھىم، ھەزرىتى ئىسمائىل، ھەزرىتى يۈسۈف، ھەزرىتى مۇسا، ھەزرىتى سۇلايمان ۋە ھەزرىتى ئىساغا ئوخشاش نى كاتتا پەيغەمبەرلەر ياشىغان ئىدى. ئىسلامنىڭ تۈنجى قىبلىگاھى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېراجغا چىققان جاي بولغان مەسجىدى ئەقسامۇ دەل ئۈشۇ ئۇلۇغ قۇددۇستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇڭا بۇ بەيتىل مۇقەددەس بىلەن قەلب رىشتىمىزنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىشنى شۇ يەردىن باشلاشنى بىزلەرگە تەۋسىيە قىلغان ئىدى[3].   

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇددۇس ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ فەتھى قىلغاندىن كېيىن خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن بولۇپ، بولۇپمۇ ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئىنساپ ۋە ئادالەت بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، باشقا ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭ جان ۋە ماللىرىغا شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىكىگە قەتئىي مۇداخىلە قىلمىغان ئىدى. ھەتتا ئىسلام سىرتىدىكىلەرمۇ ئۆز ئارىسىدىكى كېلىشەلمەسلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ئادالەت سىستېمىسىغا ئىلتىجا قىلىشاتتى. ئىسلام دىنىمىزنىڭ چەكسىز پەزىلىتىنىڭ ھەممىنى تەڭ باغرىغا باسىدىغان ئىددىيە - قاراشلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسىنى خەلىل دەرۋازىسىنىڭ ئىچكى تېمىدىكى يازمىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئۇ يەرگە: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، ئىبراھىم خەلىلۇللاھ» (يەنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئىبراھىم ئاللاھنىڭ دوستىدۇر»  دەپ يازدۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن ساماۋىي دىنلار پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەڭ قوبۇل قىلىدىغان ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى قۇددۇسنىڭ سېپىللىرىغا ئويدۇرغان ئىدى. 

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! شۇنى ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ھالدا بىلدۈرمەكچىمىزكى، تارىختا دارۇسسالام يەنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك مەركىزى دەپ نام ئالغان قۇددۇس ئۇزۇندىن بۇيان ئازاب ئىچىدە تۇرماقتا. تۈنجى قىبلىگاھىمىز بولغان مەسجىدى ئەقسا يارىلانغان ھالدا تۇرماقتا. قۇددۇس بۈگۈنكى كۈندە ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىپ، تىنچلىق يۇرتى ئەمەس، خاتىرجەمسىزلىكنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. ھەر بىر بۇلۇڭىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يادىكارلىقىلىرى ئورۇن ئالغان بۇ قەدىمىي شەھەر خاتىرجەملىككە قاتتىق تەشنا بولماقتا. پەيغەمبەرلەر دىيارىدا كۈنىسىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى شۇنداقلا ئەڭ مۇقەددەس مەنىۋىي بايلىقى ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا. بىگۇناھ ئىنسانلار رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلمەكتە. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز جامەلىرىدە ئىبادەت قىلىشىمۇ زالىملارچە ۋە ۋەھشىيلەرچە مەنئىي قىلىنماقتا. 1967 – يىلىدىن بۇيان مەسجىدى ئەقسادا تۈنجى قېتىم ئالدىنقى ھەپتە جۇمە نامىزى ئوقۇلۇشى چەكلەندى. شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، بىر ئىبادەتخانىنى ئىبادەتكە تاقاپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي، ھېچ قانداق دىنىي تايانچى ۋە ھېچ قانداق ئادىمىيلىككە ئۇيغۇن تەرىپى بولمايدۇ. ئىنسانلارنى ئىبادەتخانىلىرىدىن مەھرۇم قىلغانلار ۋە ئىباردەتخانىلارنى تالان - تاراج قىلغانلار ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق ھۇكۈم قىلىدۇ:

«ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلار پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشكە لايىق. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[4].» 

ئەزىز قېرىنداشلار! رايونىمىز ئېغىر ئازابلارنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر مەزگىلدە مەسجىدى ئەقسا ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلار مۆتىدىل تىنچلىقپەرۋەر ھەر قانداق ئىنساننى ئەندىشىگە مۇبتىلا قىلماي قالمايدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پەيغەمبەرلەرنى باغرىغا باسقان بۇ مۇبارەك زېمىندا پات يىقىندا ئىشغالىيەت ئاخىرىلىشىدۇ. مۆتىدىللىق، ئىنساپەرۋرەلىك ۋە تىنچلىق ھاكىم بولىدۇ.  مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولغان قۇددۇستا ساغلام ئەقىلنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشى ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىزدۇر. 

شۇمۇ بىر ھەقىقەتكى، مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىخىمىزدا بىزنى يەرگە قارىتىدىغان قانۇنسىزلىق، باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ئاياغ ئاستى قىلىش، زۇلۇم ۋە ۋەھشىيلىك دېگەنگە ئوخشاش ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئىشلارنى قەتئىي قىلىپ باقمىدۇق. بىراق بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان بۇ بارلىق ئازاب ئوقۇبەتلەر، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلاردىن ئېلىشىمىز كېرەكلىك ئىبرەتلەر باردۇر. بىز بالدۇرراق ئۈممەت ئېڭى بىلەن قېرىنداشلىقىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. بىر بىرىمىزنىڭ ئابىرويى، ھەق – ھوقۇقى ۋە ئىگىلىكىنى قوغدىشىمىز لازىم. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېڭىدىن ئەزىز بىر ئۈممەت بولالىشى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز بار كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز لازىم. 

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىخ بويىچە قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا بىلەن بولغان قەلب رىشتىمىزنى ھېچ قاچان ئۈزۈپ باقمىدۇق ۋە قەتئىي ئۈزمەيمىز. مانا بۇ ئاڭ بىلەن بۈگۈنكى مۇبارەك جۈمەدە رەببىمىزگە قول ئېچىپ مۇنۇ دۇئالارنى قىلىمىز.

ئى ئاللاھىم! قۇددۇستىكى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق زۇلۇمغا ئۇچىرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازابىنى چىن يۈرىكىمىزدىن ھېس قىلىدىغان قىلغىن!

ئى ئاللاھىم! بىزنى بەسىرەتسىز، پاراسەتسىز، ۋىجدانسىز، زالىملارنىڭ يېنىدا قىلمىغىن!

ئى ئاللاھىم! مەسجىدى ئەقسانى ۋە باشقا ئىسلام دىيارلىرىنى ئىشغال قىلماقچى بولغانلارغا پۇرسەت بەرمىگىن! مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلغىن! بىزلەرنى قايتىدىن ئەزىز بىر ئۈممەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا نىسىپ قىلغىن! شۇ مۇبارەك جۈمە كۈنىنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن! ئامىن!!!!

 

 


[1] - سۈرە بەقەرە، 114 ئايەت 

 

[2] - ئىبنى ماجە/ ناماز بابى 196 – ھەدىس ۋە ئەبۇ داۋۇد/ ناماز بابى، 14 – ھەدىس

[3] - ئەبۇ داۋۇد/ ناماز بابى، 14 – ھەدىس ۋە ئىبنى ماجە/ مەناسىك بابى 49 - ھەدىس

[4] - سۈرە بەقەرە، 114 ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر