قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (27)

تۆۋەندە سۈرە كەھىفنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

767096
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (27)

سۈرە كەھىف ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۇرىنىڭ 1 ــ رۇكۇسىنىڭ «إِذْ أَوَى الْفِتْيَةُ إِلَى الْكَهْف» «ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى» دېگەن 9 ــ ئايىتىدىن ئىلىنغان بولۇپ، بۇ پەقەت «كەھىف»  دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن سۈرە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

نازىل بولغان ۋاقتى:

مەككە دەۋرىنىڭ 3 ـ باسقۇچىدىن تارتىپ نازىل بولغان سۈرىلەر دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بىز ئىلگىرى سۈرە ئەنئامنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشىدە مەككە دەۋرىنى تورت چوڭ باسقۇچقا بۆلگەن ئىدۇق. شۇ ھېساب بويىچە مەككە دەۋرىنىڭ 3 ـ باسقۇچى تەخمىنەن پەيغەمبەرلىك كەلگەن 5 ـ يىلدىن باشلىنىپ، تاكى 10 ــ يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ باسقۇچنىڭ ئىككىنچى باسقۇچتىن پەرىقلىنىدىغان تەرىپى شۇكى، ئىلگىرى قۇرەيش مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامنىڭ دەۋىتىنى ۋە جامائىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن رەت قىلىش، مەسىخىرە قىلىش، تۆھمەت قىلىش، قورقۇتۇش، ھىلە ئىشلىتىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئەمما ئۈچىنچى دەۋرگە كەلگەندە ئىقتىسادى بېسىم قىلىش، قاتتىق ئۇرۇپ ـ تىللاپ، جەبىر ـ زۇلۇم سېلىش قاتارلىق ئەشەددى ۋاستىلارنى قوللىنىشقا باشلىدى. ھەتتا بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار مەككىنى تاشلاپ، ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى بولسا، ئەبۇ تالىب ئايمىقىغا قامال قىلىپ، جەمئىيەتتىن ۋە ئىقتىسادىي ئىلىم ـ بىرىمدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلىدى. بۇ دەۋىردە ئەبۇ تالىب ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە رەزىياللاھا ئەنھادىن ئىبارەت ئىككى كىشى يەنى، قۇرەيشنىڭ ئىككى چوڭ جەمەتى ئۆز تەسىرىگە تايىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئارقا تۈۋرۈك بولغان ئىدى. پەيغەمبەرلىك كېلىپ 10 ـ يىلى بۇ ھەر ئىككى كشىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن تەڭ مەككە دەۋرىنىڭ 4 ــ باسقۇچى باشلاندى. بۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە كۈن كەچۈرىشى تېخىمۇ قىيىنلاشقان بولۇپ، ھەتتا ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

سۈرە كەھىفنىڭ مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۇنىڭ جەبىر ــ زۇلۇم تېخى رەسمى ئەۋجىگە چىقىپ كەتمىگەن، ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش ۋەقەسىمۇ تېخى مەيدانغا كەلمىگەن، ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە نازىل بولغانلىقىنى مۆلچەرلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەينى چاغدا زۇلۇم قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئەسھابۇل كەھىفنىڭ قىسسىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىمانىنى قوغداش يولىدا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۇرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشقان ئىدى.

مەزمۇنى: 

بۇ سۈرە مەككە مۈشرىكلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سىناپ بىقىش يوزىسىدىن ئەھلى كىتاپلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە «ئەسھالبۇل كەھىف زادى كىملەر ئىدى؟»، «خىزىر ھەققىدىكى قىسسىلەرنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى نېمە؟»[1]، «زۇلقەرنەيننىڭ ھىكايىسىچۇ؟» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئۈچ خىل سوئالىغا جاۋاپ ئورنىدا نازىل قىلىنغان ئىدى. بۇلار ئەسلىدە خىرىستىيانلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىغا ئائىت قىسسىلەر بولۇپ، ھىجاز رايۇنلىرىدا ئانچە كۆپ ئوموملاشمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئەھلى كىتابلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىمنى ھەقىقەتەن غەيىپتىن ئالامدۇ، يوقمۇ؟ سىناپ بىقىش غەرىزىدە بۇ قىسسىلەرنى تاللىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىش بىلەن بىرگە بۇ قىسسىلەرنى مەككىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىسلام بىلەن كۇپىر ئوتتۈرىسىدىكى كۆرەشلەرگە ئۇدۇللاپ بەردى.

 1 ـ ئەسھابۇل كەھىف ھەققىدە توختالغاندا، «ئۇلار دەل قۇرئاندا ئوتتۈرىغا قويۇلىۋاتقان تەۋھىد ئەقىدىسىگە قائىل ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مەككىدىكى ئىزىلىۋاتقان ئاشۇ ئازغىنە بىر تۇركۇم مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەۋمىنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ دەل مەككە مۈشرىكلىرىنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەسى بىلەن ھېچقانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيتى» دېيىلىدۇ.

ئاندىن بۇ قىسسە ئارقىلىق ئىمان ئەھلىگە: «گەرچە كۇپپارلار مۇتلەق ئۈستۈنلىكتە بولسىمۇ، ھەتتا جەمىيەتتە مۇسۇلمانلارغا نەپەسلىنىش شارائىتى بىرىلمەيۋاتقان بولسىمۇ، باتىلنىڭ ئالدىدا قەتئىي باش ئەگمەسلىك لازىم. بەلكى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ، تەقدىرگە تايانغان ھالدا ئاتلىنىپ چىقىش لازىم» دەپ تەلىم بىرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە مەككە كۇپپارلىرىغا قارىتا: «ئەسھابۇل كەھىفنىڭ بۇ قىسسىسى ئاخىرەت ئەقىدىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئوچۇق پاكىتتۇر. خۇددى ئەسھابۇل كەھىفنى شۇنچە ئۇزۇن زامانغىچە غاردا ئۇخلۇتۇپ، يەنە ئويغاتقىنىغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ سىلەرنىمۇ ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تۇرغۇزۇشى، سىلەر ئىنكار قىلىۋاتقاندەك ئۇنچە ئەقىلدىن يىراق ئىش ئەمەس» دېيىلىدۇ.

2 ـ ئەسھابۇل كەھىفنىڭ قىسسىسى جەريانىدا مەككە كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئازغىنە يېڭى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قىلىۋاتقان زۇلۇم ـ سىتەملىرى، مەسخىرە، كەمسىتىشلىرى ھەققىدە سۆز قىلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر تەرەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يوليورۇق بىرىپ، زالىملار بىلەن كېلىشىپ قىلىشقا ياكى كەمبەغەل سەپداشلىرىدىنمۇ بەكرەك مەككە كاتتىۋاشلىرىغا ئەھىمىيەت بىرىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتە مەككە كاتتىۋاشلىرىغا تەنبىھ بىرىپ: «بۇ بىر قانچە كۈنلىك ھاياتلىق مەئىشەتلىرىڭلار بىلەن ئۇنچە غادىيىپ كەتمەڭلار، بەلكى مەڭگۈ مەنپەئەتلىك بولغان ياخشىلىقنى تەلەپ قىلىڭلار» دېيىلىدۇ.

3 ـ خىتاب داۋامىدا ھەم كۇپپارلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بولالايدىغان ھەم مۆمىنلەرگە تەسەللى بولالايدىغان تەرىزدە ھەزرىتى خىزىر بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسسىلەر ئارقىلىق «ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن تەركىپ تاپقان بۇ كاتتا ئىلاھىي سىستېمىنىڭ قايسى خىل ھېكمەتلەر ئاساسىدا يۈرىشىۋاتقانلىقى سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىن مەخپى بولغاچقا، سىلەر ھەممىلا ئىشتا <بۇ نېمىشقا پەيدا بولدى؟>، <بۇ نېمە بولۇپ كەتتى؟>، <پاھ! ئەجەپ ئىش بولدىيا؟> دەپ، ھەيران قالىسىلەر. ھالبۇكى، غەيىپ پەردىسى كۆتىرىلگەن ھامانلا بارلىق ئىشلارنىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق بولىۋاتقانلىقىنى، سىلەرگە يامان بىلىنىۋاتقان ئىشلارنىڭمۇ ئاقىۋەت ياخشى نەتىجە ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر» دەپ تەلىم بىرىلىدۇ.

4 ـ ئاندىن زۇلقەرنەيننىڭ قىسسىسى بايان قىلىنىپ، سۇئال سورىغۇچىلارغا: «سىلەر ئۆزەڭلەرنىڭ ئەشۇ كىچىككىنە ھۆكمرانلىقىڭلاردىن شۇنچە پەخىرلىنىپ كېتىسىلەر. ھالبۇكى، زۇلقەرنەين بولسا، شۇنچە كاتتا ھۆكۇمران ۋە شۇنچە تەڭداشسىز ئىستىلاچى ھەمدە شۇنچە مىسلىسىز ۋاستىلەرنىڭ خوجايىنى بولغان تۇرۇپمۇ، ئۆز ھەقىقىتىنى بىردەملىك ئېسىدىن چىقىرىپ قويمايتتى. ھەر دائىم ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا ئىتائەتكە باش ئىگىپ تۇراتتى. ئەمما سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئەشۇ كىچىككىنە باغۇ ـ باھارىڭلارنى <قەتئىي خازاڭ بولمايدۇ> دەپ قاراۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، زۇلقەرنەين بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ مۈستەھكەم سىپىلنى قوپۇرغان چىغىدىمۇ يەنىلا <بۇ سىپىلگە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالاغىلا ئىشىنىش كېرەك. بۇ سىپىل ئاللاھ خالىغان چاققىچە دۈشمەنلەرنى توسۇپ تۇرالايدۇ. ئاللاھنىڭ خاھىشى باشقىچە بولغان ھامانلا، بۇ سىپىلدە كامار، تۆشۈك، يېرىقلاردىن باشقا نەرسە قالمايدۇ> دەيتتى» دەپ تەلىم بىرىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، كۇپپارلارنىڭ سۇئاللىرىنى ئۆزىگە ياندۇرغان ھالدا جاۋاپ بەرگەندىن كىيىن خىتاب ئاخىرىدا دەسلەپتە دىيىلگىنىدەك: »تەۋھىد بىلەن ئاخىرەت مۇتلەق ھەقىقەتتۇر. سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، شۇ ئاساستا ئۆزىڭلارنى ئىسلاھ قىلغانلىقىڭلار ھەمدە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جاۋاپكارلىقىڭلارنى تونۇغان ئاساستا دۇنيالىق ھاياتىڭلارنى ياشىغانلىقىڭلار، ئۆزەڭلار ئۈچۈنلا پايدىلىقتۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر، ئۆز ھاياتىڭلارنى ئۆزەڭلار نابۇت قىلىۋالىسىلەر، قىلغان ئەمەللىرىڭلارمۇ پۈتۈنلەي نەتىجىسىز بولۇپ قالىدۇ» دېگەن تەنبىھلەر تەكرارلىنىدۇ.

**** ** *** **** **** ***** ****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە مەريەمنىڭ ئاتىلىشى تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 

 


[1]  رىۋايەتلەردە «ئىككىنچى سوئال ”رۇھ“ ھەققىدە سورالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا سۈرە بەنى ئىسرائىلنىڭ 10 ــ رۇكۇسىدا جاۋاپ بېرىلگەن ئىدى» دېيىلىدۇ. ئەمما سۈرە كەھىف بىلەن سۈرە بەنى ئىسرائىلنىڭ نازىل بولۇش ئارىلىقىدا نەچچە يىللىق پەرىق مەۋجۇت، يەنە كېلىپ، سۈرە كەھىفتە ئىككى ئەمەس، ئۈچ قىسسە بايان قىلىنغان. بىز دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ئىككىنچى سوئال ”رۇھ“ ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ھەزرىتى خىزىر ھەققىدە سورالغان دەپ قارايمىز. قۇرئان كەرىمدە بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنى تەكىتلەيدىغان ئىشارىلەرمۇ ماۋجۇت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر