قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (21)

تۆۋەندە سۈرە يۈسۈفنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى، قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

740540
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (21)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ھۇدنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە يۈسۈفنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى، قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى  ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە يۈسۈف ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

نازىل بولغان ۋاقتى ۋە سەۋەپلىرى:

بۇ سۈرىنىڭمۇ مەككىدىكى ئاخىرقى دەۋردە، يەنى، قۇرەيش ئەھلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش، ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش ياكى قاماققا ئېلىش پىلانىنى ئويلىشىۋاتقان مەزگىلدە نازىل بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى مەزمۇنىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەينى چاغدا مەككە كۇپپارلىرى (بەلكىم يەھۇدىلارنىڭ ئىشارەت قىلىشى بىلەن بولسا كېرەك) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن «بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ مىسىرغا بىرىشىغا نېمە سەۋەپ بولغان؟» دەپ سۇئال سۇرىغان ئىدى. ئەرەپلەر بۇ قىسسىدىن پۇتۇنلەي بىخەۋەر بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قەدىمىي ھىكايە، چۆچەكلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە تىلغا ئىلىنمايتتى. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئىلگىرى بۇ توغرۇلۇق بىرەر نەرسە دېگەنلىكىنى ھىچكىشى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «بۇ سۇئالغا تولۇق جاۋاب بىرەلمەيدۇ ياكى بىرەر يەھۇدىدىن سوراپ جاۋاب بىرىش ئۇچۇن ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سوزۇشقا باھانە ئىزدەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەيىپى ئىچىلىپ قالىدۇ» دەپ ئۇيلاشقان ئىدى. ئەمما بۇ سىناقتا ئۇلار ئۆزلىرى مات بولۇشتى. ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا ئائىت پۈتۈن قىسسىسىنى دەل ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىزىدىن بايان قىلدۇرۇپلا قالماستىن، ھەمدە يەنە خۇددى يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قۇرەيش ئەھلىنىڭمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتۇۋاتقان نۆۋەتتىكى پوزىتسىيىسىگە ئۇدۇل كەلتۇرۇپ بەردى.

نازىل بولۇشتىكى مەقسەت:

بۇ قىسسە مۇنداق ئىككى موھىم مەقسەت ئۈچۈن نازىل قىلىندى.

1 – مۇھەمەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەل قارشىلاشقۇچىلار تەلەپ قىلىۋاتقىنى بويىچە دەلىل كەلتۇرۇپ، ئۇلار پىلانلىغان مۇشۇ سىناقتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ۋەھىي ئارقىلىق ئىلىمگە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ ئاڭلىۋالغان ياكى ئىقىپ يۈرگەن سۆزلەرنى قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىش ئىدى. بۇ مەقسەت مۇشۇ سۈرىنىڭ 3 – ۋە 7 – ئايەتلىرىدە ئېنىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاخىرىدا 102 – ۋە 103 – ئايەتلىرىدە تېخىمۇ كۈچلۈك تەكىتلىنىدۇ.

2 – قۇرەيش كاتتىلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان نۇۋەتتىكى مۇناسىۋەتكە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ قىسسىسىنى مىسال كەلتۇرۇش ئارقىلىق قۇرەيش ئەھلىگە: «سىلەر شۇ تاپتا ئۆز قېرىندىشىڭلارغا خۇددى يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتىسىلەر. ئەمما خۇددى ئۇلار ئاللاھنىڭ خاھىشى ئالدىدا مەغلۇپ بولغاندەك، سىلەرنىڭمۇ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىڭلار ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئالدىدا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. خۇددى ئۇلار ئۆزلىرى رەھىمسىزلەرچە قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن قېرىندىشى يۈسۈفنىڭ ئايىغىغا ئاقىۋەت ئاخىرى ئۆزلىرى تاشلانغاندەك، بىر كۇنى سىلەرمۇ ئۆزەڭلار يوقاتماقچى بولىۋاتقان قېرىندىشىڭلاردىن رەھىم – شەپقەت تىلەيدىغان يەرگە كەپ قالىسىلەر» دېيىش ئىدى. بۇ مەقسەتمۇ سۈرىنىڭ بىشىدىلا ئوچۇق بايان قىلىنىپ:«يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ قىسسىسىدە بۇ سوئال سورىغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.»[1] دېيىلىدۇ.

ئەسلىدە قۇرئان كەرىم يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى مۇھەمەد ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش ئەھلى ئەتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇدۇللاش ئارقىلىق كېلەچەكتىن بىشارەت بەرگەن بولۇپ، كىيىنكى 10 يىللىق ۋەقەلەر ئۇنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ سۈرە نازىل بولۇپ، بىر يىرىم ياكى ئىككى يىل ئۆتە - ئۆتمەيلا قۇرەيش ئەھلى خۇددى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىشنى پىلانلاپ، مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە خۇددى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاشلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ياقا – يۇرۇتلاردا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىرىشتى. ئاخىرىدا مەككە فەتھى قىلىنغاندا، خۇددى مىسىر پايتەختىدە يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئاخىرقى قىتىم ئۇنىڭ ھوزورىغا كەلگەندە يۈز بەرگەندەك ئىشلار يۈز بەردى. ئەينى چاغدا ئۇلار قاتتىق يىلىنىپ – يالۋۇرغان ھالدا يۈسۈفكە قول سوزۇپ: «بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن  مۇكاپاتلايدۇ»[2] دېگەن ئىدى. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئىنتىقام ئالالايدىغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ: «بۈگۈن سىلەرگە جاۋاپكارلىق يوق، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىملىكىدۇر»[3] دېگەن ئىدى. خۇددى شۇنىڭدەك مەككە فەتھى قىلىنغاندا مەغلۇپ بولغان بارلىق قۇرەيش ئەھلىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا باشلىرىنى تۆۋەن سىلىپ قاراپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار قىلغان ھەر بىر زۇلۇمغا تولۇق قىساس ئالالايدىغان تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۇلاردىن: «بۈگۈن مىنى قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ ئويلاۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار «سەن ئەلبەتتە بىزنىڭ پەزىلەتلىك قىرىندىشىمىز ھەم پەزىلەتلىك قىرىندىشىمىزنىڭ ئوغلىسەن» دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مەن سىلەرگە يۈسۈف ئۆز قېرىنداشلىرىغا بەرگەندەكلا <بۈگۈن سىلەرگە جاۋاپكارلىق يوق> دېگەن جاۋابنى بىرىمەن. بولدى، كېتىڭلار مەن سىلەرنى كەچۇرۋەتتىم» دېگەن ئىدى.

**** *** *** *** **** ** *** **** ** *** ***

تىماتىك مەسىلىلەر:

مانا بۇ ئىككى نۇقتا بۇ سۈرىنىڭ مەقسىتى بولۇشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما قۇرئان مەجىددىكى قىسسىلەر تارىخچىلىق ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى دەۋەت، چاقىرىقلىرى ئۈچۈن ئىستېمال قىلىش ئاساسىدا بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ پۈتۈن قىسسىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسسالاملارنىڭ دىنى، دەل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ئىكەنلىكى، ئۇلار دەۋەت قىلغان تەرەپكە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئوخشاشلا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقى نامايەن قىلىنىدۇ. ئاندىن بىر تەرەپتە يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ ئېسىل ئوبرازى، يەنە بىر تەرەپتە يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى، تىجارەتچى كارۋانلار، مىسىر ئەزىزى ۋە ئۇنىڭ ئايال، خانىشلىرى شۇنداقلا مىسىر قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ ئۇبرازى قارىمۇ - قارشى تۇرغۇزىلىدۇ ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە بايان قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن ئاڭلىغۈچىلارنىڭ ھەم كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىددىيىسىدە «بۇلارنىڭ بىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاخىرەتتىكى جاۋاپكارلىققا ئىشىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان ئوبرازنىڭ ئۈلگىسى. يەنە بىرسى بولسا، كۇپىر، جاھىلىيەت ۋە دۇنيا پەرەسلىكتىن شۇنداقلا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە بولغان غەپلەتتىن پۈتۈپ چىقىدىغان ئوبرازنىڭ ئۈلگىسى. ئەمدى بۇلارنىڭ قايسىسىنى ياختۇرۇشنى ئۆز ۋىجدانىڭلاردىن سوراڭلار» دېگەن ئەۋازسىز سۇئالنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ قىسسە يەنە ئىنتايىن چۇڭقۇر مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىنسانلارنىڭ ئىددىيىسىگە سىڭدۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا قىلىشنى خالىغان ھەر قانداق بىر ئىش چوقۇم ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. ئىنسانلار ئۆز تەدبىرىگە تايىنىپ ھەر قانچە قىلسىمۇ، ئاللاھنىڭ پىلانىنى قەتئىي ئۆزگەرتەلمەيدۇ. كۆپ ھاللاردا ئىنسانلار ئۆز پىلانلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى «دەل نىشانغا ئېتىلغان ئوق بولدى» دەپ ئويلاپ قىلىشىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنىڭ قول – ئىلكىدىن تارتىپ ئىلىنغانلىقى، تۈزگەن پىلانىغا خىلاپ ھالدا ئاللاھنىڭ پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇپ قالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ ئۇنى قۇدۇققا تاشلاۋاتقان چىغىدا «يولىمىزدىكى تىكەننى مەڭگۈگە تازىلاپ تاشلىدۇق» دەپ ئويلاشقان ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى يۈكسىلىشنىڭ تۇنجى پەشتىقىغا بىلمەستىن يەتكۇزۇپ قويغان ئىدى. چۇنكى ئاللاھ دەل شۇنداق قىلىشنى  ئىرادە قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئېرىشكەنلىرى پەقەتلا شۇ بولدىكى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام يۈكسەك مەرتىۋىگە يەتكەندىن كىيىن، كۆرىشىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئالدىغا ئىززەت – ھۆرمىتى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە پۇشايمان، نادامەت بىلەن ئېگىلىپ بېرىشقا توغرا كەلدى. ”مىسىر ئەزىزى “نىڭ ئايالىمۇ يۈسۈفنى قاماققا ئالدۇرۇپ ئۆز كۆڭلىدە ئىنتىقام ئالغاندەك بولغان ئىدى. ھالبۇكى ئۇ شۇ ئارقىلىق يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ سەلتەنەت تەختىگە ئىگە بولىشىغا يول ئاچقان ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئۆز تەدبىرلىرى بىلەن ئېرىشكىنى «دۆلەت ھۆكۇمرانىنىڭ شەرەپلىك خانىشى» دەپ تۇنۇلۇش ئەمەس، بەلكى ئاشكارا ھالدا خىيانەتنى ئېتىراپ قىلىشتەك شەرمەندىچىلىكتىن ئىبارەت بولدى.

يالغۇز بۇ بىر قانچە مىساللارغىلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭدەك ھەددى - ھىساپسىز  مىسال – تەمسىللەرگە تولغان تارىخ شۇنداق بىر ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بىرىدۇكى، ئاللاھ تىكلەشنى خالىغان ئادەمنى پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپمۇ يىقىتالمايدۇ. بارلىق ئەھلى دۇنيا يىقىتىشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تەدبىرى، دەپ ئويلىغان چارىلەر ئارىسىدىن ئاللاھ ئۇ كىشىگە نىسبەتەن يۈكسىلىش يوللىرىنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئۇنى يىقىتىشنى ئويلىغانلار بولسا، شەرمەندىچىلىكتىن باشقا نەتىجىگە ئىرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك ئاللاھ يىقىتىشنى خالىغان ئادەمنى ھىچ قانداق چارە – تەدبىر بىلەن يۆلىگىلى بولمايدۇ. تىكلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تەدبىرلەرمۇ تەتۇر يىنىپ، تەدبىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەستىكىگە تىگىدۇ. مانا بۇ ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئادەم بىرىنچى بولۇپ «ئىنسانغا نىسبەتەن غايە بىلەن ۋاستىنى تاللاشتا ئاللاھنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئىشىپ كەتمەسلىك لازىم» دېگەن ساۋاقنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. دېمىسىمۇ، غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت پۇتۇنلەي ئاللاھنىڭ قولىدا. لىكىن ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پاك مەقسىتى ئۈچۈن توغرا، دۇرۇس يولنى تاللىسا، غەلىبە قىلالمىدى دېگەندىمۇ، ھەر ھالدا شەرمەندىجىلىككە دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ناپاك مەخسەت ئۈچۈن ئەگرى يوللارنى تاللىغان ئادەم ئاخىرەتتە چوقۇم رەسۋا بولماي قالمايدۇ ھەمدە دۇنيادىمۇ رەسۋا بولۇش خەۋپى ئادەتتىكىچە بولمايدۇ. ئاندىن ئىككىنچى ھاسىل قىلىدىغان ساۋاق ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاللاھغا تاپشۇرىۋېتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەق، ساداقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلار دۇنيا ئەھلى ئۇلارنى يوقىتىۋەتمەكچى بولىۋاتقان ئەھۋالدا، مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى نەزەردە تۇتىدىغانلا بولسا، پەۋقۇلئاددە تەمكىنلىككە سازاۋەر بولماي قالمايدۇ. قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ خەتەرلىك چارىلىرىدىن قەتئىي ھودۇقۇپ قالمايدۇ. بەلكى نەتىجىنى ئاللاھقا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېتىۋېرىدۇ.

بۇ قىسسىدىن ھاسىل بولىدىغان يەنە بىر ئەڭ مۇھىم ساۋاق شۇكى، ھەقىقىي ئىسلامىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان ھەرقانداق كىشى ھېكمەتنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولسا، پەقەت ئەخلاقىي كۈچىگە تايىنىپلا بىرەر دۆلەتنى قولغا كەلتۇرەلەيدۇ.

يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا قارايدىغان بولساق، ئاران 17 ياش، ئىگە – چاقىسىز، تەنھا، قولىدا ھىچنەرسىسى يوق، ھەتتا شۇ قەدەر چارىسىز ئەھۋالدا قالىدۇكى، ياقا – يۇرۇتتا قۇل ئورنىدا سېتىلىدۇ. تارىخنىڭ ئاشۇ دەۋىرلىرىدە قۇللارنىڭ قانداق سالاھىيىتى بولىدىغانلىقى ھىچ كىمدىن مەخپى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۇستىگە شۇنچە ئېغىر ئەخلاقىي جىنايەت بىلەن قارىلىنىپ، ھىچقانداق مۇددىتىمۇ بەلگىلەنمەستىن قاماققا ئىلىنىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام شۇ دەرىجىدە خورلانغان تۇرۇغلۇقمۇ، پەقەت ئىمان بىلەن ئەخلاقنىڭ كۈچىگىلا تايىنىپ ئۆرە بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا پۈتۈن دۆلەتنى بوي سۇندۇرىدۇ.

*** ***** ***** ***** *****

قىسسىنىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى:

بۇ قىسسىنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تارىخ ۋە جۇغراپىيە جەھەتتىكى مەلۇماتلارغا قاراپ چىقىشى لازىم.

يۈسۈف ئەلەيھىسسالام يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى شۇنداقلا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چەۋرىسى ئىدى. بايبىلنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ 4 - ئايالىدىن 12 ئوغلى بولۇپ، (قۇرئان كەرىمدىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكى قۈۋۋەتلىنىدۇ)  يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى بۇنيامىن بىر ئايالىدىن بولغان ۋە باشقا 10 ئوغلى قالغان ئاياللىرىدىن بولغان ئىدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ پەلەستىندىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ”ھىبرون“ ( ھازىرقى ئەلخېل) ۋادىسى بولۇپ، ئىلگىرى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملارمۇ شۇ يەردە تۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ”سىككەم“ (ھازىرقى نابلىس)دىمۇ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا قاراشلىق يەرلەر ماۋجۇت ئىدى. بايبىل ئۆلىمالىرىنىڭ تەتقىقاتىنى ”توغرا“ دەپ ھىساپلىغاندا، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1906 – يىللىرى ئەتراپىدا تۇغۇلغان ۋە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1890 – يىلى مۇشۇ قىسسىنىڭ باشلىنىشى بولغان ھىلىقى ۋەقە (يەنى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ چۇش كۆرگەنلىكى ۋە قۇدۇققا تاشلانغانلىقى) يۈز بەرگەن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇ چاغدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام 17 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ تاشلانغان قۇدۇق بايبىل بىلەن تەلمۇدنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا ”سىككەم“نىڭ شامىلىدىكى ”دوتەن“ (ھازىرقى دۇسان) دېگەن جايغا يىقىن يەردە ئىدى. ئۇنى قۇدۇقتىن چىقارغان كارۋانلار بولسا، ”جەلئاد“ (يەنى، ئوردۇننىڭ شەرقى قىسمى)دىن كىلىۋاتقان ۋە مىسىرغا كېتىۋاتقانلار ئىدى. ”جەلئاد“ خارابىسى ھازىرمۇ ئوردۇن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ”ئېليابىس“ ساھىلىدا ساقلانماقتا.

ئەينى چاغدا مىسىرغا 15 – خاندانلىق ھۆكۇمرانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مىسىر تارىخىدا ئۇلار (Hyksos King) (پادىچىلار شاھلىقى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار پەلەستىن ۋە شاملىق ئەرەبلەردىن بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى مىسىرنى ئىستىلا قىلغان ئىدى. تارىخچىلار ۋە قۇرئان تەپسىرشۇناسلىرى ئۇلارغا نىسبەتەن ”ئەمالىق“ دېگەن ئىسىمنى قوللانغان بولۇپ، ھازىرقى تەتقىقاتلارغىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇلار مىسىردا يات ئىستىلاچىلار بولۇپ سانىلاتتى. چۇنكى ئۇلار مىسىردىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق تۇپەيلى پادىشاھلىقنى تارتىۋېلىش شارائىتىغا ئىگە بولغان ئىدى. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن يۈسۈف ئەلەيھىسسالاممۇ مىسىردا يۈكسىلىش شارائىتىغا ئىگە بولدى ھەمدە بەنى ئىسرائىل قەۋمىمۇ ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى تىرىلغۇ يەرلىرىگە ئىگە قىلىندى. چۇنكى ئۇلار ھۆكۇمران سىنىپ بىلەن بىر ئىرقتا ئىدى. ئۇلار تەخمىنەن مىلادىدىن 1500 يىل ئىلگىرىكى زامانلارغا قەدەر مىسىرغا ھۆكۇمرانلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە ھەقوق ئاساسىي جەھەتتىن بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. سۈرە مائىدەنىڭ 20 – ئايىتىدىمۇ دەل ئاشۇ دەۋىرگە قارىتىپ «ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەرنى پادىشاھ قىلدى» دېيىلگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كىيىن دۆلەتتە قاتتىق شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلگەن مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ”ھەكسوس پادىشاھلىقى“ نىڭ تەختىنى ئورۇپ تاشلىدى. 250 مىڭدىن ئارتۇق ”ئەمالىقە“لەر دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئاندىن ”قۇبتى“ ئىرقىدىن بولغان ناھايىتى ئەسەبىيەتچى بىر خانىدان پادىشاھلىقنى قولىغا ئالدى ۋە ”ئەمالىقە“لەر دەۋرىدىكى ھەر بىر يادىكارلىقلارنى قويماي ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ئۇستىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە تىلغا ئىلىنغان ئېغىر زۇلۇملار دەۋىر سۈرۈشكە باشلىدى.

مىسىر تارىخىغا ئاسالانغاندا، بۇ (Hyksos King) ”پادىچىلار شاھلىقى“ مىسىرنىڭ يەرلىك مەبۇتلىرىغا ئىشەنمەيتتى. بەلكى شامدىن ئۆز مەبۇتلىرىنى بىرگە ئىلىپ كېلىشكەن بولۇپ، مىسىردىمۇ ئۆز ئىتىقادىنى تارقىتىشقا تىرىشاتتى. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن قۇرئان كەرىمدىمۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن دەۋىرداش پادىشاھ ”فىرئەۋن“ دەپ تىلغا ئىلىنمىغان. چۇنكى ”فىرئەۋن“ دېگەن سۆز مىسىرلىقلارنىڭ ئېتىقادىي كۆچمە لۇغىتى (تېرمىنى) بولۇپ، ”پادىچىلار شاھلىقى“  مىسىرلىقلارنىڭ ئېتىقادىغا ئىشەنمەيتتى. ئەمما بايبىلدە خاتا ھالدا ئۇلارنى ”فىرئەۋن“ دەپ تىلغا ئالغان. بەلكىم بايبىلنى رەتلىگۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە مىسىرغا پادىشاھ بولغانلارنىڭ ھەممىسى ”فىرئەۋن بولىدۇ“ دەپ، قارالسا كېرەك. بايبىل بىلەن مىسىر تارىخىنى بىر – بىرىگە سىلىشتۇرۇپ كۆرگەن ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرى ئومومەن مىسىر تارىخىدىكى پادىچىلار شاھلىقى ئىچىدە (Apophis) ”ئەپوفىس“ دەپ ئاتىلىدىغان پادىشاھنى دەل يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن زامانداش پادىشاھ دەپ قارايدۇ. 

ئەينى چاغدا مىسىرنىڭ پايىتەختى ”مەمفىس“ (مەنەف)دە بولۇپ، ئۇنىڭ خارابىلىرىنى قاھىرەنىڭ جەنۇبىدا 14 – كېلومىتىر يىراقلىقتا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يۇسۈف ئەلەيھىسسالام 17 ياكى 18 يىشىدا شۇ يەرگە بارغان بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يىلغا يىقىن ”مىسىر ئەزىزى نىڭ ئۆيىدە تۇرغان. ئاندىن سەككىز، تۇققۇز يىلنى تۇرمىدە ئۆتكەزگەن. 30 يىشىدا دۆلەتنىڭ ھۆكۇمرانىغا ئايلىنىپ، تاكى 80 ياشقا كىرگەنگە قەدەر ھېچ بىر شېرىكسىز (مۇستەقىل) ھالدا پۈتۈن دۆلەتكە ھۆكۇمرانلىق قىلغان. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۆز ھۆكۇمرانلىقىنىڭ 9 – ياكى 10 – يىللىرىدا دادىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ مىسىرغا كەچۇرۇپ كەلگەن ۋە ”دىميات“ بىلەن قاھىرەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى (بايبىلدا ”جوشېن“ ياكى ”گوشىن“  دەپ ئاتىلىدىغان) يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگە قەدەر شۇ يەردە ياشىغان. بايبىلدىكى بايانلارغا ئاساسەن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام 110 ياشقا كېرىپ ۋاپات بولغان. ۋاپات بولۇش ئالدىدا بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە «سىلەر بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا مىنىڭ سۆڭەكلىرىمنىمۇ بىرگە يۆتكەپ كېتىڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلغان.

يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قىسسىسنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە بايبىل بىلەن تەلمۇدتا قىلىنغان رىۋايەتلەر بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى بايانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا خىلى كۆپ ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. ئەمما قىسسىنىڭ ئاساسي قىسمىدا ھەر ئۇچىلى كىتاپ بىردەك قاراشقا ئىگە. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار، ئاتاقلىق ئىسلام مۇتەپپەككۈرى سەييىد ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ «تەفھىمۇل قۇرئان» ناملىق تەپسىرىدىكى سۈرە يۈسۈفنىڭ ئىزاھاتلىق تەپسىرىگە قاراپ چىقسا بولىدۇ.

**** ** *** **** **** ***** ****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە رەئىدفنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1]  سۈرە يۈسۈف 7 - ئايەت

[2]  سۈرە يۈسۈف 88 - ئايەت

[3]  سۈرە يۈسۈف 92 - ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر