تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى.

732509
تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى دەۋر

2017-يىلى 3-مايدا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ۋۇجۇدقا چىققان ئەردوغان-پۇتىن ئۇچرىشىشى تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپىنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئىككى رەھبەر ئېنېرگىيەدىن مۇداپىئەگىچە، يېزا-ئىگىلىكتىن ئالەم تېخنولوگىيەسىگىچە، ئىستىراتېگىيەدىن بىخەتەرلىككىچە، ساياھەتچىلىكتىن مەدەنىيەتكىچە بولۇپ نۇرغۇن ساھەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى ۋە بەزى كىچىك مەسىلىلەردىن باشقا ئاساسلىق چوڭ مەسىلىلەردە كېلىشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا ھەر ئىككى رەھبەر تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالىشىش باسقۇچىنى تاماملاپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىردەك تەكىتلەشكەنلىكلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ نەتىجىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەت نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى، قىسقىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرقى سەۋىيەگە ئاسان كەلمىدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن زامان تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دولقۇنسىمان خاراكتېرىگە ئىگە مۇناسىۋەتلەر يۆنىلىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھەر ئىككى دۆلەت ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيەلىك چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ، بىرى دۇنياۋى كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەت بولسا، يەنە بىرى دۇنياۋى كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشىۋاتقان دۆلەتتۇر. يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار ۋەقە-ھادىسىلەر تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا سەۋەب بولدى. 2015-يىلى 24-نويابىردا سۈرىيە چېگراسىدا رۇسىيەگە تەۋە SU-24  تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا بولدى. ئارقىدىن 2016-يىلى دېكابىردا رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئەنقەرەدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۈرىيەدە تۈركىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان فىرات ۋە دىجلە قالقىنىغا ئوخشاش ھەربىي ھەرىكەتلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پات-پات سىياسىي ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ قىرىم كىرىزىسى تۈپەيلى رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ قايتىدىن بۇرۇنقى ئىستىراتېگىيەسىگە قايتىپ رۇسىيەگە قوشنا بولغان پولشا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىنى قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلەپ رۇسىيەنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى موسكوۋا ھاكىمىيىتىنى باشقىچە يول تۇتۇشقا ئىتتىردى. رۇسىيە بىر تەرەپتىن ياۋرو-ئاسىيا لاگېرىنىڭ باشلامچىلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ لاگېرنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش يوللىرىنى ئىزدىدى. غەرب ئەللىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملىرىغا دۇچار بولغان ئەنقەرە  بولسا، ۋاشىنگىتون ۋە بىريۇسسېل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇۋازىنەتتە تۇتۇپ تۇرۇش مەقسىتىدە ئالدىغا كەلگەن موسكوۋا كوزۇرىدىن پايدىلىنىشقا سەل قارىمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  2017-يىلى 27-ئىيۇندا كەچۈرۈم مەكتۇبى يېزىپ موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور قەدەم تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاھ 3-مايدا ۋۇجۇدقا چىققان ئەردوغان-پۇتىن ئۇچرىشىشىغىچە ئەردوغان بىلەن پۇتىن بەش قېتىم كۆرۈشتى. بۇ قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىگە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مىنسىتىرلىرىمۇ يېقىندىن ئاۋاز قوشتى، ھەتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتاب باشلىقلىرىمۇ كۆرۈشتى. بىراق تاشقى سىياسەت، ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىيە خىزمەتلىرى ۋە ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. مەسىلەن ھەربىي، ئىستىراتېگىيەلىك ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ساھەلەردۇر. ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسەتلىرى پەرقلىق بولۇپ، رۇسىيە تۈركىيە تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى،دەپ ئېلان قىلىنغان پ ك ك-پ ي د ۋە ي پ ك گە ئوخشاش تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قورال-ياراغ ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەقسىتىدە شىمالىي ئىراق ۋە شىمالىي سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىجلە قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىگىمۇ قارشى چىقماقتا. ياخشى يېرى، ھەربىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار ئىككى دۆلەتنىڭ باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا توسالغۇ بولمىدى. بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە تازا ئىشقا ياراپ كەتمەيدىغان  مودېل ھېسابلىنىدىغان زىتلىق ئۇسۇلىنىڭ تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت شەكلىدە ھەل قىلىش تەس بولغان مەسىلىلەرنىڭ، نىسبەتەن ھەل قىلىش ئاسانراق ياكى ئىجابىي ساھەلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىلمەيدۇ.

قىسقىسى، رۇسىيە دىپلوماتىيە ئەنئەنىسى تولىمۇ كۈچلۈك بولغان دۆلەت بولۇپ، چوڭ دۆلەت-كىچىك دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە، قاتتىق ۋاستىلەرنىمۇ ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا، مۇشۇنداق بىر دۆلەتكە قارشى يولغا قويۇلىدىغان سىياسەتتە مۇۋازىنەتلىك پىرىنسىپىغا مۇۋاپىق ۋە كۆپ تەرەپلىملىك فونكسىيەگە ئىگە سىياسىي نۇقتىينەزەرنى قوبۇل قىلىش شەرت. مۇۋازىنەت بۇزۇلغان چاغدا، رۇسىيە ئويۇن ۋە ئىستىراتېگىيەسىنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا، قارشى دۆلەتنىڭ زىيىنىغا ئىشلىتىشتىن قەتئىي يانمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر