مەھمەت گۆرمەزدىن «نازىل قىلىنغان دىن ۋە ئۇيدۇرۇلغان دىن» دېگەن سەپسەتىلەرگە رەددىيە

مەھمەت گۆرمەز «ئورۇنسىز بىر شەكىلدە بۇ جەھەتتە خەلقنىڭ پىكىر -ئېڭىنى مالمان قىلىش مەقسەت قىلىنماقتا. پاك ئىدىيەلەر خائىن پىكىرلەر بىلەن شەكىللەنمەيدۇ، قوغداشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ئىسلام دىنىي ھېچقانداق تاشقى مۇداخىلىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.

693945
مەھمەت گۆرمەزدىن «نازىل قىلىنغان دىن ۋە ئۇيدۇرۇلغان دىن» دېگەن سەپسەتىلەرگە رەددىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبتىدە، دىنىي تالاش–تارتىشلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلار ئاتالمىش قۇرئانچىلارنىڭ سەپسەتىلىرى ھەققىدە: «دىنىي مۇنازىرەلەردە كۆپىنچە كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان <نازىل قىلىنغان دىن ۋە ئۇيدۇرۇلغان دىن> دېگەندەك يېڭى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئۇقۇملارغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىدى.

مەھمەت گۆرمەز بۇ ھەقتە ھەممىگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىپ، مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«نازىل قىلىنغان دىن ۋە ئۇيدۇرۇلغان دىن» دېگەن يېڭى ئۇقۇملارنىڭ ئۇتتۇرىغا چىقىرىلىشىغا ھەم ئىلمىي نۇقتىدىن، ھەم ئەخلاقىي نۇقتىدىن قېتىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئىلگىرى ئەرەب دۇنياسىدىمۇ بۇ ئوقۇمنى «دىنىي مۇنەززەل ۋە دىنى ي مۇبەددەل» (يەنى نازىل قىلىنغان دىن ۋە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن دىن) دەپ ئوتتۇرىغا چىقارغانلار بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە تۈركىيەدىمۇ مېدىيا ۋاستىلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇنازىرەلەردە بۇ ئۇقۇمنى ئاڭلاشقا باشلىدۇق، بۇ قەتئىي توغرا ئەمەس، بۇنىڭدا مۇنداق 3 ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتۇشىمىز لازىم.»

1 –ئەگەر بىرسى مۇشۇ خىل سەپسەتىلەر ئارقىلىق «نازىل قىلىنغان دىن؛ مېنىڭ ئېتىقادىم ۋە مەن سىلەرگە چۈشەندۈرگەن دىندۇر. باشقىلارنىڭ ئاڭلىتىۋاتقىنى ۋە ئەمەل قىلىۋاتقىنى بولسا، ئۇيدۇرۇلغان دىندۇر» دېمەكچى بولغان بولسا، (مەن ئەقلى-ھۇشى جايىدا ھېچبىر مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ بۇنداق ئويلىيالمايدۇ، دەپ قارايمەن) ئۇنىڭ بۇ سەپسەتىسى تەكپىرچىلىك (يەنى باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىش) ئېقىمىنىڭ ئەڭ ئاشقۇن، ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىپادىسىدۇر. بۇنداق سەپسىەتىنى ئەلۋەتتە ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

2 – ئەگەر بۇ ئۇقۇمنى ئىجاد قىلىۋالغانلار «نازىل قىلىنغان دىن؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئەمەل قىلغان دىندۇر. ئۇلاردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلار بۇ دىننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى ۋە «ئۇيدۇرۇلغان دىن» غا ئايلاندۇرۇپ قويدى» دېمەكچى بولغان بولسا، بۇمۇ ھېچ شۈبھىسىزكى، ئىسلام تارىخىغا ئەڭ چوڭ بۆھتان چاپلىغانلىقتۇر. چۈنكى ئىسلامنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاللاھنىڭ كىتابىغا شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ۋەدىلىرىگە زىت كېلىدۇ. بۇ پۈتۈن ئىسلام تارىخىنى كۇپۇرلۇققا چىقىرىۋەتكەنلىك ۋە ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.

3 –ئەگەر بۇ سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلار ئىسلام دىنىنىڭ پەقەتلا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق نازىل قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، يەنى پەقەتلا قۇرئاندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان بولسا ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى، سەھىھ ھەدىسلىرى ۋە سادىق خەۋەر مىراسلىرىنى «ئۇيدۇرۇلغان دىن» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ قويماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ دىنىنى ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنى دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام بىر پۈتۈن شەكىلدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئەمەل قىلىپ، بىزگە تەبلىغ قىلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ئورتاق بىر پۈتۈن گەۋدىسىدۇر. ئۈمەتنىڭ ئىجما، (يەنى ئورتاق پىكر)، قىياس ۋە كۆزقاراشلىرىنى ئاساس قىلغان فىقھى مىراسى، ساغلام ئەقىلنىڭ ئىجتىھادى، ئىستىھسانى (يەنى، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان دىنىي ھۆكۈملىرى) ۋە ھېكمەتلىرى... قاتارلىقلارنى «ئۇيدۇرۇلغان دىن» دەپ قوبۇل قىلىش، ھەم ئىلمىيلىككە، ھەم ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

بۇ سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلارغا پۈتۈنلەي ياخشى گۇمان بىلەن باھا بېرىپ، «بۇلار ئەسلىدە تارىخ بويىچە دىنغا ئارىلىشىپ قالغان خاتا چۈشەنچىلەرنى، ئەنئەنىلەرنى، ئىسرائىليە ۋە  خىرىستىيان رىۋايەتلىرىنى، بىدئەت ھەم خۇراپاتلىقلارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ» دېگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇ قەتئيى توغرا ئەمەس. چۈنكى دىندا مۇبالىغىلەشتۈرۈش سەنئەت ئەمەس، يالغانچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ–تۆت دانە توقۇلغان خەۋەرلەرنى ئاساس قىلىۋېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ھەدىس مىراسلىرىنى رەت قىلىۋاتقانلىقلىرى، ئۇلارنىڭ «نازىل قىلىنغان» دەپ ئاتىۋېلىشقان دىنلىرىنىڭمۇ ھەر بىر ئايىتىگە زىت كېلىدۇ. 

ئورۇنسىز شەكىلدە بۇ جەھەتتە خەلقنىڭ پىكىر-ئېڭىنى مالىمان قىلىش مەقسەت قىلىنماقتا. بىراق، سۆغوققان، پاراسەتلىك مىللىتىمىز ئېتىقادىغا قىلىنىدىغان بۇ خىل مۇداخىلىلەرگە قەتئىي يول قويماي كەلمەكتە. ھەر قانداق مۇسۇلمان «ئىسلام دىنى ئۆزگەرتىۋېتىلدى» دېگەن مەنىدىكى سۆزلەرنى قىلالمايدۇ ۋە قەتئىي قىلمايدۇ. «نازىل قىلىنغان دىن ۋە ئۇيدۇرۇلغان دىن» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان تەرەپلەر، ئەسلىدە مەقسەتلىك ئۇقۇملارنى يارىتىشقا تىرىشماقتا. ئەگەر بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق دىنغا خۇراپىيلىقلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولۇشقان بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇبى بولالمايدۇ. پاك ئىدىيەلەر خائىن پىكىرلەر بىلەن شەكىللەنمەيدۇ. قوغداشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ئىسلام دىنى ھېچقانداق تاشقى مۇداخىلىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىچىدىن ئورۇن بەرمەيدۇ ۋە قەتئىي ئورۇن بېرەلمەيدۇ.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر