قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (09)

تۆۋەندە سۈرە بەقەرەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

686713
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (09)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە فاتىھەنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە بولسا، سۈرە بەقەرەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە بەقەرە ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

ئاتىلىشى:

بۇ سۈرىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە كالا تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا، "بەقەرە سۈرىسى" دەپ ئاتالغان. ئادەتتە، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەربىر سۈرىسى ئاجايىپ كەڭ، شۇ قەدەر چەكسىز مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇكى، ئۇنىڭغا مەزمۇن جەھەتتىن يىغىنچاقلاپ بىرەر ماۋزۇ قويۇش ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس. گەرچە ئەرەب تىلى لۇغەتكە باي بولۇپ ھېساپلانسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ مەنە دائىرىسى چەكلىك ئىنساننىڭ تىلى بولغانلىقى تۇپەيلى ئۇنىڭدىن ئۇنچە كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان بىرەر سۆزنى تىپىپ چىققىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سۈرىلەرگە ماۋزۇ قويۇشنىڭ ئورنىغا ئالامەت ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىسىم قويۇش ئۇسۇلىنى تاللىغان. بۇ سۈرىنى «سۈرە بەقەرە» (يەنى كالا سۈرىسى) دەپ ئاتىغانلىقنىڭ مەنىسى قانداقتۇر «كالىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مەزمۇن قىلغان سۈرە» دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى «بۇنىڭدا كالا تىلغا ئېلىنغان سۈرە» دېگەننىلا بىلدۈرىدۇ.

نازىل بولغان ۋاقتى:

بۈ سۈرىنىڭ كۆپ قىسمى ھىجرەتتىن كىيىن، مەدىنىنىڭ دەسلەپكى باشلانغۇچ دەۋرلىرىدە نازىل بولغان بولسا، ئاز قىسمى ئۇنىڭدىن كىيىن نازىل بولغان بولۇپ، مەزمۇن مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆز ـ ئارا بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرىقى ھاياتلىق دەۋرىدە نازىل بولغان جازانىگە ئالاقىدار ئايەتلەرمۇ ئۇنىڭغا كىرگۈزىلگەن ھەمدە سۈرىنىڭ تۈگەنچە قىسمى گەرچە مەككىدە نازىل بولغان ئايەتلەردىن بولسىمۇ، كىيىنكى چاغدا مەزمۇن مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ سۈرىگە قوشۇپ يېزىلغان.

نازىل بولۇش سەۋەپلىرى:

بۇ سۈرىنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىگە نەزەر سېلىش لازىم.

1 - ئىسلام دەۋىتىنىڭ ھىجرەتتىن ئىلگىرىكى خىتابلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەرەب مۈشرىكلىرىگە قارىتىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇلارغا نىسبەتەن ئىسلامنىڭ سادالىرى تېخىچە ناتونۇش يېڭى ئاۋاز بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئەمما ھىجرەتتىن كىيىن مۇسۇلمانلار مەدىنىگە تۇتاش رايۇنلاردا تۇرۇشلۇق يەھۇدىيلارغىمۇ دەۋەت قىلىشقا توغرا كەلدى. ئۇلار تەۋھىد، پەيغەمبەرلىك، ۋەھىي، ئاخىرەت، مالائىكە قاتارلىق بارلىق ئېتىقادىي ئاساسلارغا ئىشىنىدىغان ھەمدە ئۆز پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرەپتىن نازىل قىلىنغان شەرئىي قانۇننى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ دىنىمۇ تۈپ ئاساسىي جەھەتتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بېرىلىۋاتقان ئىسلام (يەنى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش) دىنى بولغان كىشىلەر ئىدى. لىكىن ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان چۈشكۈنلۇك تۇپەيلى ئۇلار دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئىنتايىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولۇپ[1]، ئۇلارنىڭ ئەقىدىلىرىگە تەۋراتتىمۇ ھېچقانداق ئاساس تاپقىلى بولمايدىغان ساناقسىز غەيرى ئىسلامىي قاراشلار ئورناپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تۈرمۇشىدا بولسا، شۇ قەدەر نۇرغۇن غەيرى دىنىي پائالىيەت، ئۆرپە ـ ئادەت، ئەنئەنىلەر ئەۋجىگە چىققانكى، تەۋراتتىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچبىر دەلىل تاپىلمايتى. ئۇلار ھەتتا تەۋراتنىمۇ ئىنساننىڭ سۆزلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۈتۈنلەي ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋېتىشكەن ئىدى. ئاللاھنىڭ ئەسلى ھالىتى بىلەن ساقلىنىپ قالغان ئاز بىر قىسىم سۆزلىرىنىمۇ ئۇلار خالىغانچە خىيالىي تەۋىل، تەپسىرلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈنلەي نابۇت قىلىشىپ بولغان جۈملىدىن، دىننىڭ ھەقىقىي روھىنى تۈپتىن يوقۇتۇپ قويۈپ، دىندارلىقنىڭ قالدۇق، جانسىز ئىسكىلىتلىرىغىلا شەكلەن مەھكەم ئېسىلىۋالغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆلىما، ماشايىخلىرى ۋە قەۋم سەردارلىرىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن يەھۇدىي مىللىتى بىردەك ئېتىقاد، ئەخلاق، ئەمەل جەھەتتىن بىراقلا تۇگۇشۇپ بولغاننىڭ ئۈستىگە يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ئەشۇ تۈگەشكەن ئەمەلى ئەھۋالىغا شۇ قەدەر شەيدا ئىدىكى، ھەرقانداق بىر ئىسلاھاتنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمايتى. قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بىرى قانداقلا بىر ئىنسان دىننىڭ توغرا يولىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقسا، ھەممەيلەن ئۇنى ئۆزىگە ئەڭ ئەشەددى دۈشمەن ساناپ، بار كۈچىنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ئىسلاھات ھەركىتىنى ئىشقا ئاشۇرماسلىققا تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ماھىيەت جەھەتتىن ئازغۇن مۇسۇلمانلار (يەنى ئاللاھغا ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىتائەت قىلغۇچىلار) بولۇپ، ئۇلاردىكى بىدئەت، ئەسەبىيەت، گورۇھۋازلىق، نەسەبۋازلىق، تەقلىدچىلىك، تېتىقسىزلىق، كۇنا سۆڭەكنى غاجىلاش، ئاللاھنى ئونتۇش ۋە دۇنياپەرەسلىك ئىللەتلىرى شۇ قەدەر ئەۋجىگە چىققانكى، ھەتتا ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ "مۇسۇلمان" (ئاللاھغا ئىتائەت قىلغۇچى) دېگەن ھەقىقىي ئىسمىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، پەقەتلا "«يەھۇدىي» بولۇپ قىلىشقان ئىدى. ئاللاھنىڭ دىنىنى بولسا، پەقەتلا ئىسرائىل قەۋمىگە خاس، ئۆتمۈشتىكى ئەجداتلىرىدىن قالغان خۇسۇسىي مىراسقا ئايلاندۇرىۋېلىشقان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغىمۇ ئەسلىدىكى ھەق دىننى دەۋەت قىلىشقا بۇيرىدى. شۇڭلاشقا سۈرە بەقەرەنىڭ ئالدىنقى ئون بەش، ئون ئالتە رۇكۇسىنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك ئەھلى كىتابلارنى دەۋەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي ۋە نۆۋەتتىكى دىنىي، ئەخلاقىي ئەھۋالى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ئېتىقاد، ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئالاھىدە نامايەن قىلىنىپ، ئەسلىدىكى ھەق دىننىڭ ئۇسۇللىرى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ساختا دىندارلىق بىلەن ھەقىقىي دىندارلىقنىڭ زادى قانداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى زادى قانداق خاراكتېردە ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقى، ھەق دىننىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرى نېمىلەردىن ئىبارەت بولىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە زادى نېمىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئەينەكتەك ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

2 - ئىسلام دەۋېتى مەدىنىگە يېتىپ كەلگەندىن كىيىن، يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان ئىدى. گەرچە مەككىدىكى چاغدا ئىسلام دەۋىتى دىننىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنى تەبلىغ قىلىش ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلەش بىلەنلا چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەدىنىگە يېتىپ كەلگەندىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان ئەرەپ قەبىلىلىرى ئىسلامغا كىرىشكە باشلىغان ۋە تەرەپ ـ تەرەپتىن مەدىنىگە توپلىشىۋاتقان شۇنداقلا ئەنسارلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر كىچىك ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالا مەدىنىيەت، ئىجتىمائىي جەمئىيەت، ئىقتىساد، قانۇن، سىياسەتكە ئالاقىدار يوليورۇقلارنىمۇ نازىل قىلىشقا باشلىدى. جۈملىدىن ئىسلامنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئىمارىتىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. سۈرىنىڭ ئاخىرقى 23 - رۇكۇسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ خىل يوليورۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دەسلىۋىدە نازىل قىلىنغان بولسا، ئاز قىسمى تارقاق شەكىلدە كىيىنچە نازىل قىلىنغان ئىدى.

3 - ھىجرەتتىن كىيىن ئىسلام بىلەن كۇپۇر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشمۇ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. ھىجرەتتىن ئىلگىرى ئىسلام دەۋېتى ئائىلىۋىي خاراكتىرلىق ئېلىپ بېرىلاتتى. ھەر قايسى قەبىلىلەردىن ئىسلامغا كىرگەن كىشىلەر ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ، دىننى دەۋەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار دائىم دېگۈدەك زۇلۇم ـ سىتەملەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالاتتى. ئەمما ھىجرەتتىن كىيىن بارلىق تارقاق مۇسۇلمانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر ئايرىم گوروھنى تەشكىل قىلدى ۋە بىر كىچىك ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە ئەشۇ كىچىككىنە بىر رايۇن، يەنە بىر تەرەپتە پۈتۈن ئەرەپ رايۇنلىرى ئۇنى يۈتىۋەتمەكچى بولىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمدىلىكتە بۇ ئازغىنە جامائەتنىڭ ئۇتۇغلىقى ئەمەس، بەلكى ماۋجۇتلىقىنى بولسىمۇ ساقلاپ قالالىشى بىرىنچىدىن ئۆز ئىددىيىسىنى كەڭ ـ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق كۆپرەك كىشىلەرنى دىنداش قىلىشقا باغلىق بولسا، ئىككىنچىدىن، ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى قايىل بولماي تۇرالمايدىغان دەرىجىدە ئوچۇق پاكىت بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ باتىل يولدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۈچىنچىدىن، شۇنچە كەمبىغەللىك ۋە ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ بارلىق ئەرەپ رايۇنلىرىنىڭ ئۆچ ـ ئاداۋىتىگە دۇچار بولىۋاتقان، شۇ سەۋەپتىن ئاچارچىلىق، يوقسۇزلۇق ئەۋج ئېلىپ، مۇسۇلمانلارنى خاتىرجەمسىزلىك چىرمىۋالغان بۇنداق ئەھۋالغا قارشى ھەرگىز ھۇدۇقماستىن، قەتئىي سۇباتلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن كۆرەش قىلىشقا، ئىرادە جەھەتتىن قەتئىي تەۋرىنىپ قالماسلىققا، تۆتىنچىدىن، ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ دەۋەتنى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلغان قوراللىق ھۇجۇملىرىغا قارشى قورقۇمسۇزلۇق بىلەن قۇراللىق جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن دائىم تەييار تۇرۇشقا، دۈشمەنلەرنىڭ سان ياكى قورال جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىگە قەتئىي پەرۋا قىلماسلىققا، بەشىنچىدىن، چىرايلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇنىمىغان، ھەتتا ئىسلامنىڭ مەڭگۈلۈك تىكلىمەكچى بولغان يېڭى ئىجتىمائىي تۈزىمىنى بارلىق ئەرەپ خەلقى بىرلىشىپ ئاغدۇرماقچى بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا مۇسۇلمانلاردا جاھىلىيەتنىڭ باتىل تۈزۈملىرىنى كۈچ ئىشلىتىپ، مەغلۇپ قىلىپ تاشلىيالايدىغان قەتئىي ئىرادە، غەيرەت ۋە جاسارەت پەيدا قىلىشقا باغلىق ئىدى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە يىقىرىقى بەش تۈرلۈك ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىپتىدائىي يوليورۇقلارنى بەردى.

4 - ئىسلام دەۋىتىنىڭ بۇ باسقۇچىدا مۇناپىقلاردىن ئىبارەت يېڭى بىر تۈركۈمدىكى كىشىلەرمۇ مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرى گەرچە مەككىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرلىرىدىلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئىمانمۇ ئېيتىدىغان لېكىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان ئازاپ ـ ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشنى، ھەق ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىنى قوربان قىلىشنى، ھەق يولىدا دۇنيالىق ئالاقە ـ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈلىشىنى خالىمايدىغان، جۈملىدىن ئىسلام ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە تەييار تۇرالمايدىغان خاراكتېردىكى مۇناپىقلار تۈرىدىن ئىدى. ھىجرەتتىن كىيىن بۇ خىلدىكى مۇناپىقلارغا ياندىشىپ يەنە بىر قانچە خىل مۇناپىقلار تۈركۈمىمۇ ئىسلام جامائىتى ئىچىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچى خىلى ئىسلامنى قەتئىي رەت قىلىدىغان ئەمما پىتنە تۇغدۇرۇش ئۈچۈنلا جامائەت قېتىغا كىرىۋالغان ئۇنسۇرلار بولسا، ئىككىنچى خىلى، ئىسلام جامائىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىرىپ قالغانلىقى تۇپەيلى بىر قىسىم مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتىدىغان، ئىككىنچى تەرەپتە ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپتىن تەڭ مەنپەئەتلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خېيىم - خەتىرىدىن ئۆزىنى ساقلىماقچى بولغانلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۈچىنچى خىلدىكىلەر، ئىسلام بىلەن جاھىلىيەت ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ قالغان، ئىسلامنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە تۇلۇق قانائەت ھاسىل قىلمىغان، ئەمما ئۆز قەبىلە، جەمەت كىشىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەن بولغاچقا شۇ قاتاردا مۇسۇلمان بولغانلاردىن ئىبارەت ئىدى. تۆتىنچى خىلى بولسا، ئىسلامنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما جاھىلىيەتنىڭ خۇراپى ئەنئەنە، ئورپ ـ ئادەتلىرىنى تاشلاشنى خالىمايدىغان، ئەخلاقىي چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىشتىن ۋە پەرىز، مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قاچىدىغان كىشىلەر ئىدى. سۈرە بەقەرە نازىل بولىۋاتقان ۋاقىت دەل بۇ خىلدىكى مۇناپىقلارنىڭ تېخى يېڭىدىن نامايەن بولۇشقا باشلاۋاتقان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدا ئۇنداقلارغا قارىتا يىغىنچاق ئىمالارنىلا قىلىپ ئۆتكەن. ئاندىن مۇناپىقلارنىڭ خۇسۇسىيەت، خاراكتېرلىرى قانچە روشەنلەشكەنسىرى كىيىنكى سۈرىلەردە ئۇلارنىڭ، ھەرقايسى تۈر، ئالاھىدىلىكلىرىگە كۆرە ئايرىم ـ ئايرىم  يوليورۇقلارنى نازىل قىلغان ئىدى. (داۋامى بار....)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئال ئىمراننىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 

 


[1]   بۇ دەل مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتكەنلىكىگە تەخمىنەن 19 ئەسىر بولۇپ قالغان چاغ بولۇپ، ئىسرائىل يىلناملىرىغا كۆرە مۇسا ئەلەيھىسسالام مىلادىدىن ئىلگىركى 1272  ـ يىلى ۋاپات بولغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، مىلادىدىن كىيىنكى 610 ـ يىلى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلەنگەن ئىدى. (مەۋدۇدى)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر