قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟(05)

تۆۋەندە قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چۈشۈنۈپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىىڭ تەۋسىيەلىرىنى تونۇشتۇرىمىز. تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاۋازلىق ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

666433
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟(05)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ مەدىنە دەۋرىدە نازىل بولغان سۈرىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ رەتلىنىش تەرتىپى ۋە چۈشۈنۈپ ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك مۇھىم تەۋسىيەلەرنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

قۇرئاننىڭ رەتلىنىپ چىقىشىغا قارىتا ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ قويۇش كېرەككى، ئۇ قانداقتۇر كىيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن رەتلەپ چىقىلغان كېتاب ئەمەس. بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە رەتلەپ چىققان كىتاب بولۇپ، ھەر قېتىم بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال كاتىبلىرىدىن بىرنى چاقىرىپ، ئۇنى توغرا يازدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن قايسى سۈرىنى قايسى سۈرىنىڭ ئالدىغا ياكى ئارقىغا يېزىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى. ناۋادا ئايرىم، مۇستەقىل سۈرە بولۇشقا تىگىشلىك بولمىغان بىر بۆلۈك ئايەتلەر نازىل قىلىنغان بولسا، كاتىپلارغا مەزكۈر ئايەتلەرنىڭ قايسى سۈرىنىڭ، قايسى يېرىگە يېزىشلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى ھەمدە ناماز ۋە باشقا شارائىتلاردىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەل ئەنە شۇ تەرتىپ بويىچە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ بېرەتتى. ساھابىلەرمۇ دەل شۇ تەرتىپ بويىچە ياد ئالاتتى. دېمەك، ئىسپاتلانغان تارىخىي ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ ئۇنى كىمنىڭ قەلبىگە نازىل قىلغان بولسا، دەل شۇ زاتنىڭ قولى ئارقىلىق رەتلەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭغا ئىككىنجى بىرسىنىڭ ئارىلىشىش ھەددى يوق ئىدى. قىسقىسى، قۇرئاننىڭ نازىل بولىشى تاماملانغان كۈنى ئۇنىڭ رەتلىنىشىمۇ بىرلىكتە تاماملانغان بولۇپ، ئۇنىڭ رەتلىگۈچىسى دەل ئۇنى نازىل قىلغۇچى ئاللاھنىڭ  ئۆزىدۇر.

بۇلاردىن باشقا يەنە، ناماز مۇسۇلمانلارغا باشتىنلا پەرىز قىلىنغان بولۇپ[1]، نامازدا قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ئۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ ھېسلاپلىناتتى. شۇڭلاشقا قۇرئان نازىل بولۇش بىلەن تەڭلا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇنى ياد ئېلىش دولقۇنىمۇ تەڭ بارلىققا كەلدى. مۇسۇلمانلار ئۇدۇللۇق چۈشكەن ئايەت، سۈرىلەرنى ئۇدۇللۇق ياد ئېلىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ قۇرئاننى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشى يالغۇز خورما غازاڭلىرى، دەرەخ قوزاقلىرى، ياكى سۆڭەك، تىرە، ياغاچ تاختىلارغا باغلىق بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ كەڭ ۋاستىلىق ئېلىپ بېرىلدى. يالغۇز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قانچە كاتىبلىرى تەرىپىدىنلا يېزىلىپ قالماستىن، بەلكى نازىل بولغان ھامانلا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان قەلبلەرنىڭ لەۋھەلىرىگە ئۆز پىتى پۈتىلىپ كېتىۋېرىدىغان بولدى. بۇ ئارقىلىق ھەرقانداق ئەشەددى بەتبەخت شەيتاننىڭمۇ قۇرئانغا بىرەر ھەرىپ قىستۇرۇپ قويۇش ياكى بىرەر ھەرىپنى ئۆزگەرتىپ قويۇش مۈمكىنچىلىكى قەتئىي يوق قىلىپ تاشلاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن مۇردتەدلىك پىتنىسىنى يوقۇتۇش كۆرىشىدە نۇرغۇنلىغان ساھابىلەر جەڭگە قاتناشقان بولۇپ، جەڭدە شېھىت بولغان ساھابىلەرنىڭ خېلى كۆپچىلىكى قۇرئاننى تۇلۇق ياد بىلىدىغان ساھابىلەردىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن يالغۇز (ئەستە ساقلاشتىن ئىبارەت) بىرلا ۋاستىغا تايىنىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى قەلب لەۋھەلىرى بىلەن بىرلىكتە قەغەز يۈزىدىمۇ ساقلاش كېرەكلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىپ، بۇ پىكىرنى دەرھال ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەمىگە سالدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بەكرى ئەرزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرئاز ئىككىلىنىشتىن كىيىن ھەممىنىڭ بىردەك مەسلىھەتى ئاساسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتىبى بولغان زەيد ئىبنى سابىت ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بۇ خىزمەتكە تەيىن قىلدى. ئاندىن مەخسۇس قائىدە بەلگىلىنىپ، ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قالدۈرۈپ كەتكەن بارلىق يازما قىسىملىرىنى بىر يەرگە تۇپلاش، ئاندىن ساھابىلەر ئارىسىدا كىمنىڭ يېنىدا قۇرئاننىڭ قانچىلىك قىسمى بېزىپ ساقلانغان بولسا شۇلارنىمۇ تۇپلاپ ئېلىش[2] ۋە يەنە، قۇرئاننى ياد ئالغان بارلىق قارى قۇرئان ساھابىلەرنىمۇ ئىشقا سېلىش قاتارلىق ئوچ خىل ئۈسۇل بەلگىلەندى. بۇ ئۈچ خىل ۋاستىلەرنىڭ بىردەك ئىسپاتلىشى ۋە ساغلام بولغانلىقىنى تەستىقلىشى تاماملانغاندىن كىيىن ئاندىن قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر بىر سۆزى كىتاب يۈزىگە يېزىلىشقا باشلاندى. بۇ ئۇسۇل بىلەن پۈتۈپ چىققان قۇرئان كەرىمنىڭ بىر رەسمىي نۇسخىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇلدى ھەمدە خالىغان مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۇنى كەچۈرۈۋېلىشىغا ۋە ئۆزىدىكى باشقا نۇسخىلارنى شۇنىڭغا ئاساسەن تۈزىتىۋېلىشىغا ئومومىيۈزلىك رۇخسەت قىلىندى.

**** **** ** *** **** ****** ****

ئەينى چاغدا گەرچە پۈتۈن ئەرەب رايۇنىنىڭ ئورتاق تىلى ئەرەپچە بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى رايۇن ۋە قەبىلىلەرنىڭ يەرلىك شېۋىسى خۇددى بىزنىڭ ھەرقايسى شەھەر يېزىلىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا مەخسۇس پەرىقلىق شېۋىسى بولغانغا ئوخشاش بىر ـ بىرىدىن پەرىقلىنەتتى. قۇرئان كەرىم قۇرەيش خەلقىنىڭ ئورتاق شېۋىسىدە نازىل قىلىنغان بولۇپ، دەسلىۋېدە باشقا رايۇن، قەبىلىلەرگە تەۋە مۇسۇلمانلارنىڭمۇ قۇرئاننى ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك تەلەپپۇزى ۋە يەرلىك شېۋىسى بويىچە ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. چۇنكى بۇنىڭلىق بىلەن قۇرئاننىڭ مەنىسىدە ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمايتتى ھەمدە تىلغا تېخىمۇ ئاسانلىشاتتى. كىيىنكى چاغدا ئىسلامنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەرەپ خەلقى قۇملۇق چۆلدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىنى فەتھى قىلدى ۋە باشقا نۇرغۇن مىللەتلەرمۇ ئۆزلۈكسىز ئىسلامغا كىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ ۋە ئەجەملەرنىڭ بۇنداق كەڭ كۆلەمدە گىرەلىشىپ كېتىشى ئەرەپ تىلىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، «ناۋادا ئىلگىركىدەكلا يەرلىك شېۋىلەر ئاساسىدا قۇرئان ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىۋەرسە، ھەرخىل پىتنىلەرنىڭ باش كۆتىرىپ چىقىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن» دېگەن ئەندىشە بارلىققا كەلدى.

مەسىلەن: بىرەر كىشى  قۇرئاننى ئۆزىنىڭ يەرلىك شېۋىسى بىلەن تىلاۋەت قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنى ئاڭلىغان ئىككىنچى بىرسى «بەلكىم بۇ قۇرئاننى ئۆزگەرتىپ تىلاۋەت قىلىۋاتسا كېرەك» دەپ چىدەللىشىپ قىلىشى ياكى تەلەپپۇزدىكى پەرىق ئاستا ـ ئاستا ھەقىقىي ئۆزگىرىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىشى مۈمكىن ئىدى ۋەياكى ھېچ بولمىغاندا، ئەرەپ تىلىغا يات شىۋىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئەشۇ خىل بۇزۇلغان شېۋىلەر ئاساسىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنسا، قۇرئاننىڭ سۆز گۈزەللىكى يوقۇلۇپ كېتىش ئىھتىمالى پەيدا بولۇپ قالاتتى. شۇڭلاشقا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مانا شۇنداق ئىھتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بارلىق ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پۈتۈن ئىسلام دۆلىتى مىقياسىدا ئەينى چاغدا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەرىپىدىن يېزىپ مۇھاپىزەت قىلدۈرىلغان ئۆلچەملىك قۇرئان نۇسخىسىنىلا كۆپەيتىپ تارقىتىش كېرەكلىكىنى ۋە شۇ بۇيىچە تەلەپپۇز قىلىنىشى لازىملىقىنى ھۆكۈم قىلدى. قالغان باشقا يەرلىك شېۋىدىكى تەلەپپۇزلارنى ۋە ھەرخىل يەرلىك شېۋىدىكى نۇسخىلارنى ئەمەلدىن قالدۈرۈپ، كۆپەيتىپ تارقىتىشنى قەتئىي چەكلىدى.

***** **** *** ****** *****

ھازىرقى قولىمىزدىكى قۇرئان نۇسخىسى بولسا، دەل ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جەملەپ، يازدۇرۇپ ساقلىغان ۋە ھەزرەتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دۆلەت پەرمانى بويىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بارلىق رايۇن، مەركەزلىرىگە تارقىتىلغان قۇرئان كەرىم نۇسخىسىدۇر. ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن چايلىرىدا قۇرئاننىڭ ئەشۇ قەدىمقىي نۈسخىسى ئۆز پىتى ساقلانماقتا. ناۋادا بىرسى قۇرئاننىڭ ئۆزگەرتىلمەي ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىغا زەررىچە شەكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزىنى قانائەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن غەربىي ئافرىقىدىكى بىرەر كىتابپۇرۇشتىن بىر دانە قۇرئان سېتىۋېلىپ، شەرىقتە جاۋادىكى بىرەر قارىدىن ياد ئوقۇتۇپ سېلىشتۇرۇپ باقسىمۇ، ياكى دۇنيادىكى ئاتاقلىق كاتتا كۈتۈپخانا، مۇزىيلاردا ساقلىنىۋاتقان ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغان قۇرئان كەرىمنىڭ ھەرقايسى نۇسخىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسىمۇ  بولىۋېرىدۇ. ناۋادا ئۇ راستىنلا بىرەر ھەرىپتە زەررىچە پەرىقنى بايقاپ قالغۇدەك بولسا، پۈتۈن دۇنيانى بۇنداق نادىر، كاتتا بايقاشتىن دەرھال خەۋەرلەندۈرىشى لازىم.

دەرۋەقە، گۇمانخور ئىمانسىزلارنىڭ قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا شەك قىلىشى تامامەن مۈمكىن، ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ قولىمىزدىكى ھازىرقى نۇسخىسىنىڭ دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا يەتكۈزگەن ئەشۇ نۇسخا ئىكەنلىكى بولسا، ھېچ قانداق شەك ـ شۈبھىگە ئورۇن قالدۇرمىغان ئەمەلىي ھەقىقەتتۈر. ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇ كىتابدەك ساغلاملىقى قەتئىي پاكىتلىق ئىككىنچى بىر كىتاپ ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. بۇ تارىخىي ھەقىقەتكە يەنىلا ئىشەنمەسلىك ئىلمىي نۇقتىدىن خۇددى تارىختا رىم ئىمپىراتورلىقىنىڭ ئۆتكەنلىكىگە، ھىندىستاندا مۇغۇللار سەلتەنىتىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىگە، ۋەياكى نەپالىيۇننىڭ تارىختا ئۆتكەن ھۆكۈمدار ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلىك بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق تارىخىي ھەقىقەتلەر ئۈستىدە گۇمانلىنىپ يۈرۈش ھېچقاچان ئىلمىيلىك بولماستىن، بەلكى جاھىللىق ۋە ئاڭسىزلىقنىڭ ئىسپاتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

*** *** ***** ******* ******

قۇرئان كەرىم، دۇنيادا سانسىزلىغان ئىنسانلار تەرىپىدىن ساناقسىز مەقسەتلەر بىلەن ئوقۇپ كۆرىلىدىغان يىگانە كىتاب. ئىنىقكى، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىھتىياج، تەلەپ، تەقەززالىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا قانداق ئوقۇش كېرەكلىكىنى مەسلىھەت بېرىش ھىچ بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئىش. شۇڭلاشقا بۇنچە كۆپ تەلەپكارلار دۇلقۇنى ئىچىدە مەن پەقەت ئۇنى چۈشىنىشنى خالايدىغان، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا قانداق رەھنىمالىق قىلىدىغانلىقىنى بېلىشنى خالايدىغان كېشىلەرنىلا ئۆزەمگە قىزىقىش ئوبيېكتى قىلدىم. مەن تۆۋەندە دەل ئەنە شۇ خىل ئىستەكتىكى كىشىلەرنى چىقىش قىلغان ئاساستا قۇرئان كەرىمنى قانداق ئوقۇش ۋە بۇ جەرياندا ئومومەن ئوقۇرمەنلەر دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاز ـ تولا مەسىلىھەت بېرىپ ئۆتمەكچىمەن.

ھەرقانداق بىر كىشى مەيلى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرسۇن ياكى كەلتۈرمىسۇن، ھەر ھالدا بۇ كىتابنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىددىيەسىدىكى قاتمال نەزرىيە، تەسەۋۋۇرلىرىنى، قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش قاراشلىرىنى ئىمكان قەدەر تازىلاپ چىقىرىپ، پەقەت ئۇنى چۈشىنىپ بېقىشنىلا مەقسەت قىلغان ھالدا ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئوقۇشنى باشلىشى لازىم. ئەكسىچە ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئىددىلوگىيەسى ئاساسىدا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇماقچى بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم قۇرئان بەتلىرىدە ئۆز ئىددىلوگىيەسىدىن باشقىنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. قۇرئاننىڭ ئەسلى ئۇقۇملىرىدىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئىنىقكى، بۇ خىلدىكى كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى ھەرقانداق بىر كىتابقا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. يەنە كېلىپ، قۇرئان كىرىم ئۇنداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ مەنا دەرۋازىلىرىنى ھەرگىز ئېچىپ بەرمەيدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈزەكى تۈردە تونۇشۇپ چىقىشنى خالايدىغان ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن بىر قېتىم ئوقۇپ كۆرۈش يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چۇڭقۇر تەكتىگە چۆكۈشنى خالايدىغان ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن تۆت، بەش قېتىم ئوقۇپ كۆرۈشمۇ ئازلىق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى تەكرار ـ تەكرار ئوقۇش لازىم. ھەر قېتىم ئوقۇغاندا يېڭى تەرىزدە، خۇددى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش قەلەم قەغەزنى يېنىغا ئەكىلىپ، ھەر بىر موھىم نۇقتىلارنى خاتىرلەپ مىڭىش ئۈسۇلى بىلەن ئوقۇش كېرەك. بۇنداق شەكىلدە ئوقۇشنى خالايدىغان كىشى چوقۇم قۇرئان ئوتتۇرىغا قويماقچى بولىۋاتقان پىكىر ۋە ئەمەل تۈزۈلمىسىنىڭ ئىخچام شەكىلدە كۆز ئالدىدا نامەيەن بولىشىنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئاز دېگەندە، ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقىشى لازىم. بۇنداق دەسلەپكى ئوقۇشتا قۇرئان كەرىمگە ئوموملۇق نۇقتىسىدىن نەزەر سېلىپ، «بۇ كىتاب قانداق ئاساسىي تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ بۇ تەسەۋۋۇرلاردىن زادى قانداق تۇرمۇش تۈزىمى بارلىققا كېلىدۇ؟» دېگەن نۇقتىغا قاراپ چىقىشى لازىم. بۇ جەرياندا ناۋادا قانداقلا بىر جايدا بىرەر سۇئال ئىددىيەسىگە تاقىشىشقا باشلىسا، شۇ يەردىلا ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي، سەبىرچانلىق بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىشى كېرەك. چۈنكى كىتابنىڭ كىيىنكى بەتلىرىنىڭ بىرەرسىدىن بولمىسا، بىرەسىدىن چوقۇم جاۋاپ تىپىلىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا دەرھال ئىددىيەسىدىكى سۇئالغا قوشۇپ جاۋاپنى خاتىرىلەپ مېڭىشنى ئادەتلەندۈرىۋېلىشى لازىم. ناۋادا جاۋاپ تىپىلماي قالسا، قايتا يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش كېرەك. چۈنكى مەن ئۆز تەجرىبەم ئاساسىدا شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئىككىنچى قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇغاندا جاۋاپ تىپىلماي قالىدىغان سۇئاللار ئاساسەن ئۈچرىمايدۇ. (داۋامى بار)

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنى مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مۇھىم تەۋسىيەلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1]  گەرچە بەش ۋاقىت ناماز پەيغەمبەرلىك كېلىپ بىرقانچە يىللاردىن كىيىن پەرىز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نامازنىڭ ئۆزى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى كۈنىدىن تارتىپلا پەزىر بولۇپ ھېساپلىناتتى. دېمەك ئىسلامىيەتتە ناماز پەرىز قىلىنمىغان بىرمۇ سائەت بولۇپ باققان ئەمەس. ("تەفھىمۇل قۇرئان" ئىزاھاتى)

[2]  ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتلىقىدا پۈتۈن قۇرئاننى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم  قىسىملىرىنى يېزىپ ساقلىغان خىلى كۆپ ساھابىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ھەزرەتى ئوسمان، ئەلى، ئابدۇللاھ ئىينى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ئاس، سالىم مەۋلا خۇزەيفە، زەيد ئىبنى سابىت، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئەبى ئىبنى كەئىب ۋە ئەبۇ زەيد قەيس ئىبنى سەكەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ("تەفھىمۇل قۇرئان" ئىزاھاتى)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر