قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (03)

تۆۋەندە قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چۈشۈنۈپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىىڭ تەۋسىيەلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

656678
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (03)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن  چوقۇم قۇرئاندا دېيىلگەن ھەم ئۇنى يەتكۈزگۈچى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلغان ئەسلى ماھىيىتىنى باشلانغۇچ نۇقتىسى ياكى مۇقەددىمە ئورنىدا قوبۇل قىلىش لازىملىقىنى شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ قۇرئاندا تەرىپلەنگەن ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلغان ماھىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش خاراكتىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.

 

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش خاراكتىرى ھەققىدە بېلىشكە تېگشلىك مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:

قۇرئان كەرىم قانداقتۇر ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىراقلا يېزىلىپ، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا «بۇنى نەشىر قىلىپ تارقىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى مەلۇم بىر خىل تۈرمۈش ئۇسلۇبى تەرەپكە چاقىرغىن» دەپ ھۆكۈم قىلىنغان كىتاب ئەمەس. ياكى تېما، مەزمۇنلىرى  زامانىمىزدىكى يېزىقچىلىق ئۇسۇللىرى بويىچە تەرتىپكە سېلىنغان يازما كىتاب بولۇش خاراكتېرىگىمۇ ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن نە زامانىمىزدىكى كىتاب ئۇسلۇبىنى، نە يېزىقچلىق قائىدىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرى شۇكى، ئاللاھ تائالا ئەرەب شەھىرى بولغان مەككە مۇكەررىمىدە ئۆز بەندىسىنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا بۇ دەۋەتنى مەككە شەھىرىدىن شۇنداقلا ئۆز قەبىلىسى قۇرەيشتىن باشلاشنى بۇيرىغان. ھەمدە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئەڭ دەسلىۋىدە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل مەزمۇندىكى موھىم يوليورۇقلارنى نازىل قىلغان.

1 ـ بۇ شانلىق ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى قانداق تەييارلاش ۋە قايسى ئۇسلۇبتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ھەققىدە تەلىم بېرىش.

2 ـ ھەقىقەتكە دائىر باشلانغۇچ خاراكتېرلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا يولدا مېڭىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان خاتا چۈشەنچىلەرگە يۈزەكى رەددىيە بېرىش.

3 ـ ئىنسانلارنى "توغرا پوزىتسىيە" تەرەپكە دەۋەت قىلىش ۋە ئىلاھىي يوليورۇقلارنىڭ تۈپكى ئەخلاق ئۇسللىرىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئىنسانلارنىڭ بەخت ـ سائادەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش.

دەسلەپتە بۇ يويورۇقلار ئىپتىدائىي دەۋەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تىلى ئىنتايىن راۋان، شىرىن، تەسىرى كۈچلۇك بولۇپ، خىتاب قىلىنىۋاتقان قەۋمنىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن، ئەدىبىي تۈسى ئۆتكۈر، يېغىنچاق، قىسقا جۈملىلەردىن ئىبارەت ئىدى. قەلبلەرگە دەل نىشانغا ئاتقان ئوقتەك تىزلىك بىلەن تېگىپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئاھاڭدارلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىختىيارسىز جەلپ قىلاتتى. ئىشلىتىلگەن سۆز جەھەتتىكى مۇڭلۇق تەڭكەشلىكى بىلەن تىللاردا ئۆزلۈكسىز تەكرارلىنىشقا باشلايتتى. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ يەرلىك تۈسى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، گەرچە ئالەمشۇمۇل ھەقىقەتلەر ئۈستىدە توختىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا خىتاب قىلىنغۇچى قەۋمگە ناھايىتىمۇ تونۇش بولغان يېقىن ئەتراپتىكى مۇھىت، شارائىتلاردىن دەلىل، پاكىت، مىساللار بايان قىلىناتتى. كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ چۇڭقۇر تەسىر ئېلىشى ئۈچۈن دەل شۇلارنىڭ تارىخى ئۈستىدە، ئەنئەنە، ئورپ ـ ئادەتلىرى ئۈستىدە، شۇنداقلا ئۇلار ھەركۈنى دېگۇدەك ئۈچرىشىپ تۇرىدىغان خىلمۇ - خىل ھادىسە، ئالامەتلەر ئۈستىدە، ئىجتىمائىي، ئېتىقادىي، ئەخلاقىي چۈشكۈنلىكى ئۈستىدە ئالاھىدە سۆز قىلىناتتى.

*** ** ***** ****** *****

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىۋاتقان دەۋەتنىڭ بۇ خىلدىكى تۇنجى باسقۇچى تەخمىنەن تۆرت، بەش يىلغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر تەرىپىدىن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

 1 ـ بىر قىسىم سالىھ كىشىلەر دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ "مۇسۇلمان ئۈممەت" بولۇش ئۈچۈن ھازىرلاندى.

2 ـ كۆپ ساندىكى كىشىلەر بولسا، جاھالەت، شەخسىيەتچىلىك ۋە ئەجداتلىرىنىڭ تۇتقان يولىغا قارىغلارچە ئەگىشىش تۇپەيلىدىن قارشىلىق كۆرسىتىش مەيدانىغا ئۆتتى.

3 ـ  دەۋەتنىڭ ساداسى مەككە ۋە قۇرەيش دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ياڭراشقا باشلىدى.

مانا شۇنىڭدىن كىيىن دەۋەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىپ، ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن قەدىمقىي جاھىلىيەت ئوتتۇرىسىدا، تاكى سەككىز، تۇققۇز يىلغا قەدەر داۋام قىلغان ھايات - ماماتلىق جىددى كۆرەش مەيدانغا كەلدى. يالغۇز مەككىلىكلەر بىلەن قۇرەيش قەبىلىسىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئەرەپ رايۇنىلىرىدىكى قەدىمقى جاھىلىيەتنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقان ئەسەبىي كۈچلەر زوراۋانلىققا تايىنىپ، بۇ ھەرىكەتنى باستۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار ئىسلام ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاستىلىرىنى ئىشقا سالدى. ھەرخىل سىيىقەستلەرنى پىلانلاپ چىقىپ، گۇمان، تۆھمەت، ئېتىرازلارنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى. كىشىلەر قەلبىدە ھەرخىل پىتنە ـ ئىغۋا، ۋەسۋەسىلەرنى پەيدا قىلىپ، ناتونۇش كىشلەرنىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشتىن توسۇشقا باشلىدى. ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلارنى بولسا، ۋەھشىيانە، قاتتىق قىيىن ـ قىستاقلارغا ئېلىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەكلەپ يېتىم قالدۇردى. ئۇلارغا شۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇم ـ سىتەملەرنى سالدىكى، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ھەتتا يۈرتلىرىنى تاشلاپ ئىككى قېتىم ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۈچۈنچى نۆۋەتتە بولسا، بارلىق مۇسۇلمانلار ئامالسىز بىراقلا مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. ئەمما ئەنە شۇنداق كۈنسىرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان زورلۇق ـ زومبولۇق، زۇلۇم ـ سىتەملەر ئىچىدىمۇ ئىسلام ھەرىكىتى يەنىلا ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ كېتىۋەردى. بولۇپمۇ مەككىدە بىرەر ئەزاسى مۇسۇلمان بولمىغان بىرمۇ ئائىلە قالمىغان ئىدى. بىرسىنىڭ قىرىندىشى مۇسۇلمان بولغان بولسا، بىرسىنىڭ ھەمشىرىسى، يەنە بىرىنىڭ جىيەنى ياكى تاغىسى، ئوغۇل، قىزى، ئايالى ۋە ياكى ھاممىسى مۇسۇلمان بولغان ۋە ئىسلامنىڭ پىداكار قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇق يۈرەك پارىلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدىغان پەرزەنتلىرىمۇ ئۇلارغا قارشى مەيدانغا چىقىشقا دائىم تەييار تۇرىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قالدى. دەل مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مەككەلىكلەر ئۆچمەنلىك قىلىشتا تېخىمۇ ئەسىبىيلەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمقى جاھىلىيەتتىن چېگرا ئاجرىتىپ، بۇ يېڭى ئىسلام ھەرىكىتىگە قوشۇلىۋاتقان كىشىلەر ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئېسىل پەرزەنتلىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قېتىلغاندىن كىيىن، ساداقەت بىلەن يۈكسەك ئەخلاقنىڭ شۇ قەدەر نادىر ئۈلگىلىرىگە ئايلىنىشقا باشلىغانكى، بۇنى كۆرگەن دۇنيا، شۈنچە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان ۋە بىردىنلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋاتقان بۇ ئىسلام دەۋىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدىغان يەرگە يەتتى.

*** **** *** ******* **** ******

بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق كۆرەش داۋامىدا ئاللاھ تائالا شارائىت ۋە ئىھتىياجغا بىقىپ، ئۆركەش ياساپ ئېقىپ تۇرىدىغان دۇلقۇنلۇق دەريا كەبى، ھەممىنى ئېرىتىپ موم قىلىۋېتىدىغان يالقۇنلۇق ئاتەش كەبى، ئۆتكۈر، راۋان، چۇڭقۇر تەسىرچانلىققا ئىگە ئاجايىپ ھېسسىياتلىق خىتابلارنى ئۆز پەيغەمبىرىگە ئۈزۈلدۈرمەي نازىل قىلىپ تۇردى.

ئۇنىڭدا مۆمىنلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دەسلەپكى پەرىز، مەجبۇرىيەتلىرى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلدى. ئۇلارغا كىشىلىك ئوبراز جەھەتتە پاكلىق ۋە  ئەخلاق، تەقۋالىق جەھەتتە ئەۋزەللىكنى تەلىم بەردى. ھەق دىننى تەبلىغ قىلىشنىڭ يوللىرى ئۆگىتىلدى ھەمدە دۇنيالىق غەلىبىسىگە ۋەدە قىلىش ۋە ئاخىرەتتىكى جەننەتتىن بىشارەت بىرىش ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ جاسارىتىگە جاسارەت قوشۇلدى. سەبىر، قانائەت ۋە مەستەھكەم ئىرادە بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جاپالىق كۆرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى. مۆئمىنلەردە شۇ قەدەر چۈشقۇن پىداكارانە روھ بەرپا قىلىندىكى، ئۇلار ھەرقانداق ئېغىر مۇسىبەتلەرگە، ھەرقانداق ئاپەتلىك خىيىم ـ خەتەرلەرگە كۆكرەك كىرىپ، ئالدىنى قىلىشقا دائىم تەييار تۇرالايدىغان بولدى.

ئىسلامغا قارشى تۇرىۋاتقان، توغرا يولدىن يۈز ئۆرۈپ، غەپلەت ئۇيقىسىنى ئوخلاۋاتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلار بىلىدىغان قەۋلەرنىڭ تارىخىدىن ۋە ھەر دائىم سەپەر جەيانىدا ئۇلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان قەدىمىي شەھەر خارابىلىقلىرىدىن شۇنداقلا ئۇلارغا مەلۇملۇق ھالاك قىلىنغان قەۋلەرنىڭ قىسسەلىرىدىن ئىبرەتلىك مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كېچە ـ كۈندۈز ئاسمان ـ زېمىندا كۆرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئۆز ھاياتى داۋامىدا دائىم ئۇچرىتىپ، ھېس قىلىپ تۇرىدىغان ھادىسە، ئالامەتلەر تەۋھىد بىلەن ئاخىرەتنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇلارغا بايان قىلىپ بېرىلدى. شېرىكچىلىك، ئۆز بىشىمچىلىق، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئەجداتلارنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى قەلب - ئىددىيەلەرنى ئاجايىپ قايىل قىلىدىغان دەرىجىدە روشەن پاكىتلار بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ شەك ـ شۈبھىلىرى بىر ـ بىرلەپ يوقۇتۇلۇپ، بىلدۈرىۋاتقان ھەربىر ئېتىرازلىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى مۇبتىلا بولغان ياكى باشقىلارنى مۇبتىلا قىلماقچى بولۇۋاتقان ھەربىر چىگىشلەر ئەتراپلىق يېشىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، جاھىلىيەت ھەممە ئەتراپىدىن شۇ قەدەر قاتتىق دەلىل ئىشكەنجىسىگە ئېلىندىكى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەقىل - ئىدراك مەيدانىدا پۇت تېرەپ تۇرغىدەكمۇ يەر قالدۇرىلمىدى. ئۇلارغا يەنە، ئاللاھنىڭ غەزىپى، دوزاق ئازاۋى، قىيامەتنىڭ خەۋپى تەھدىت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ناچار ئەخلاقى، خاتا تۇرمۇش ئۈسلۇبى، جاھىلانە ئۆرپ ـ ئادەتلىرى، ھەقكە قارشىلىق قىلىش ۋە مۆئمىنلەرگە زۇلۇم سېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىندى. ئاللاھغا يىقىملىق توغرا، ساغلام،  ئەخلاق ۋە مەدەنىيەتنىڭ تۈپكى ئاساسلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

**** **** **** ***** *** ***** **

بۇ دەۋر بىر قانچە باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر بىر باسقۇچتا دەۋەت تېخىمۇ كىڭىيىپ، تېخىمۇ راۋاجلاندى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، قارشىلىق قىلىش بىلەن جاپالىق كۆرەش قىلىشمۇ ئىلگىرىكىدىن يەنىمۇ كەسكىنلەشتى. مۇسۇلمانلار بارغانسىرى خىلمۇ - خىل ئەقىدىگە ۋە خىلمۇ خىل ئەمەل، ئەنئەنىلەرگە ئىگە گورۇھلار بىلەن دۇقۇرۇشۇپ تۇردى. شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تەرەپتىن يەتكۈزۈلىۋاتقان يوليورۇقلارنىڭ تېما تۈرلىرىمۇ ئىلگىرىكىدىن كېڭىيىپ مېڭىشقا باشلىدى. مانا بۇلار مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەرنىڭ ئومومىي ئارقا كۆرىنىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  (داۋامى بار)

ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلىرىنىڭ ئومومىي ئارقا كۆرىنىشى ئۈستىدە توختىلىمىز.

(داۋامى بار)

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر