قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (01)

تۆۋەندە قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چۈشىنىپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

647090
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (01)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇ پىروگراممىمىزدا، قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چۈشىنىپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى تونۇشتۇرىمىز. «تەفھىمۇل قۇرئان» ناملىق  تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە بەزى مۇھىم نۇقتىلار مۇنداق چۈشەندۇرۈلىدۇ:

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

كەڭ ئوقۇرمەنلەر قۇرئاننى ياخشى چۈشىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىلىۋېلىشى مۇھىم بولغان بىر قسىم نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قويۇشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، مەزكۈر نۇقتىلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇھاكىمىسىگە توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ياخشى چۈشەنمەسلىك تۇپەيلىدىن قۇرئاننىڭ مەنە يۈزىدىلا لەيلەپ قېلىپ، چۇڭقۇر تەكتىگە شۇڭغۇشنىڭ يولىنى تاپالماي قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قۇرئاننى ئەستايىدىل چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان سوئاللارغا ئالدىن جاۋاب بېرىشىمىزمۇ مۇھىم. شۇڭا مەن قۇرئان ئوقۇش جەريانىدا ئىلگىرى ئۆز ئىدىيەمدە پەيدا بولغان ياكى كېيىن مەن دۇچ كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.

ئومومەن، بىز ئوقۇپ ئادەتلەنگەن كىتابلاردا مۇئەييەن بىر تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچۇر، پىكىر، دەلىللەر يېزىقچىلىققا خاس تەرتىپ بىلەن ئىزچىل بايان قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئاننى تۇنجى قېتىم ئوقۇپ كۆرمەكچى بولغان كىشىلەرمۇ «قۇرئان كىتاب بولۇش سالاھىيىتى بىلەن باشقا كىتابلارغا ئوخشاش ئالدى بىلەن تېمىسى بەلگىلەنگەن، ئاندىن مەزمۇنلىرى قىسىم، بۆلۈم، باپلارغا ئايرىلغان. ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئائىت ئۆزىگە خاس ئەھكاملىرى تەرتىپ بويىچە رەتلىك بايان قىلىپ مېڭىلغان كىتاب» دېگەن چۈشەنچە بىلەن قۇرئاننى قولىغا ئالىدۇ. ئەمما ئۇ ئوقۇشنى باشلىغاندا كۈتكىنىنىڭ دەل ئەكسىچە تېخىچە ئۈچرىتىپ باقمىغان ناتونۇش، ئۆزگىچە بىر خىل بايان ئۇسلۇبىغا دۇچ كېلىدۇ.

كىتابخان قۇرئان كەرىمنى تۇنجى ئوقۇغاندا، ئېتىقادىي مەسىلىلەر، ئەخلاقىي پىرىنسىپلار، شەرئىي ئەھكاملار، دەۋەت، نەسىھەت، ئاگاھلاندۇرۇش، ئىبرەت، تەنقىد، مالامەت، تەھدىت، تەسەللى، دەلىللەش، گۇۋاھلىق، تارىخىي قىسسەلەرۋە كائىناتتىكى ئالامەتلەر تەرەپكە قىلىنغان ئىشارەتلەر ئارقا ـ ئارقىدىن تەكرارلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بىرلا تېمىنىڭ ئوخشىمىغان يوللار ۋە ئوخشاش بولمىغان سۆزلەر بىلەن قايتىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىر تېمىنىڭ ئارقىدىن بىردىنلا ئىككىنچى ۋە ئۈچىننچى بىر تېما ئۈستىدە بايان باشلىنىپ، تېخى بىرسى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا، تۇيۇقسىز يەنە بىر ئىككىنچى تېمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەمدە سۆزلىگۈچى بىلەن خىتاب قىلىنغۇچىنىڭ ئورنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ، خىتابنىڭ يۆنىلىشى بىردىنلا باشقا تەرەپلەرگە بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قۇرئاندا، قىسىم، بۆلۈم، باپ... دېگەنلەرگە بۆلۈنۈشتىن دېرەكمۇ يوقلۇقىنى، تارىخنىڭ تارىخچىلىق مېتودىدا بايان قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، پەلسەپە ۋە مېتافىزىكىغا ئائىت بايانلارنىڭمۇ مەنتىق، پەلسەپە تىلىدا سۆزلەنمەيۋاتقانلىقىنى، ئىنسان ۋە مەۋجۇدىيەت ئالىمى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ تەبىئەت ئىلمىگە خاس شەكىلدە ئەمەسلىكىنى، مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىگە خاس ئۇسۇل بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلمايۋاتقانلىقىنى، قانۇنىي ئەھكاملار بىلەن قانۇنچىلىق ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى بايانلارمۇ قانۇنشۇناسلارنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر يول بىلەن سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەخلاقىي تەلىماتلارنىڭمۇ ئەخلاق پەلسەپەسى ھەققىدىكى بارلىق يازما ماتېرىياللاردىن ئۆزگىچە، باشقا بىر ئۇسلۇبتا ئىكەنلىكىنى ئۇچرىتىدۇ.

مانا بۇلار، كىتابخاننىڭ ئىدىيەسىدىكى كىتابقا بولغان تەسەۋۋۇرىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇرمەن پەرىشان بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن «بۇ بەلكىم تەرتىپسىز، باغلاشمىغان، چېچىلاڭغۇ سۆزلەر ئوخشايدۇ. بەلكىم باشتىن- ئاخىر ئايرىم ـ ئايرىم قىسقا ئۈزۈندىلەردىنلا تەركىپ تاپقان، ئاندىن مۇنداقلا بىر ـ بىرىگە ئۇلاپ تىزىپ قويۇلغان كىتاب ئوخشايدۇ» دېگەن پىكىرگە كېلىشكە باشلايدۇ. قارشىلىق نۇقتىنەزىرى بىلەن قارايدىغانلار بۇلارنى ئاساس قىلىپ، ھەر خىل ئېتىرازلارنى بىلدۈرۈشكە باشلىسا، قوللاش نۇقتىنەزىرى بىلەن قارايدىغانلار بەزىدە ئۆزى ئىگەللەۋاتقان ئۇقۇملارغا كۆز يۈمغان ھالدا گۇمانلىنىشتىن قېچىشقا تىرىشىدۇ، يەنە بەزىدە تاشقى جەھەتتىكى تەرتىپسىزلىككە ھەر خىل تەۋىللەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى تىندۇرۇشقا باشلايدۇ. بەزىدە ھەر خىل سۈنئىي يوللار بىلەن باغلىنىش ئىزدەپ غەيرى ـ غەيرى نەتىجىلەرنى چىقىرىۋېلىشقا باشلىسا، يەنە بەزىدە «پارچە ئۈزۈندىلەر» دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھەر بىر ئايەت ئۆزىنىڭ مەزمۇن تەرتىپىدىن ئايرىلىپ كېتىپ، قوللىغۇچىنىڭ كۈتكىنىگە خىلاپ، قالايمىقان مەنىلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

دەرۋەقە، ھەرقانداق بىر كىتابنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئوقۇرمەن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاساسلىق ماۋزۇسىنى، مەقسەت، مۇددىئا، مەركىزىي مەمۇنلىرىنى ئوبدان بىلىشى لازىم. كىتابنىڭ بايان ئۇسلۇبى، تىل خاسلىقى، (تېرمىنولىگىيەلىك ئالاھىدىلىكى) ئىپادىلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى لازىم. دېيىلىۋاتقان سۆزلەر مۇناسىۋەتلىك بولغان  ئەمەلىي ۋەزىيەت ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىمۇ كۆز ئالدىدا تۇتۇشى لازىم. ئومۇمەن، بىز ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئادەتتىكى كىتابلاردا بۇلارنىڭ ھەممىنى ئاسانلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ مەزمۇن تەكتىگە چۈشىنىپ يىتىش ئانچە كۈچ تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما، قۇرئان كەرىمدە بولسا، بۇ نۇقتىلارنى خۇددىي باشقا كىتابلاردا ئۇچرىتىپ ئادەتلەنگىنىمىزگە ئوخشاش ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، بىزدىن ھەرقانداق بىر كىشى ئادەتتىكىچە كىتابخانلىق تەسەۋۋۇرى بىلەن قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلىغاندا ئۇنىڭ ماۋزۇسىنى، مەقسىتى ۋە مەزكىزىي مەزمۇنىنى تاپالماي قالىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىش ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىمۇ يات تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. ھەمدە نۇرغۇن جايدىكى سۆزلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. نەتىجىدە، ھەرقايسى ئايەتلەردە چېچىلىپ تۇرغان ھېكمەت دۇردانىلىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا ئىنسان بۇ ئىلاھىي كىتابنىڭ ئەسلى روھىغا يېتىپ بېرىشتىن مەھرۇم بولۇپ كېتىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىتابتىكى ئومومىي ئىلىمگە سازاۋەر بولالماي، پەقەت بىر قىسىم تارقاق نۇقتىلار ۋە ساناقلىق مەنپەئەتلەر بىلەنلا قانائەتلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بەلكى خېلى نۇرغۇن كىشىلەر قۇرئاننى ئوقۇپ ھەرخىل شەكـشۈبھىلەرگە مۇبتىلا بولۇپمۇ قالىدۇ. جۈملىدىن، قۇرئاننىڭ ئاساسلىق مېتودىنى ياخشى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىزىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

قۇرئاننى ئوقۇغان چاغدا نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنىڭ بەت يۈزىدە چېچىلىپ ياتقانلىقىنى ئۇچرىتىدۇ. نۇرغۇن ئايەتلەرنىڭ مەنىسى ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەۋھۇم پىتى تۇرۇپ قىلىۋېرىدۇ. ئايەتلەرنى كۆرگىنىدە گەرچە ھېكمەت نۇرلىرى جۇلالاپ تۇرسىمۇ، ئەمما مەزمۇن تەرتىپى باغلاشمايۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. كۆپلىگەن جايلاردىكى ئىپادىلەش بىلەن بايان قىلىش ئۇسلۇبىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى تۇپەيلى ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن قېيىپ، باشقا ياقلارغا كېتىپ قالىدۇ ھەمدە ئارقا كۆرۈنۈشىنى ياخشى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن قاتتىق خاتا ئۇقۇملارغىمۇ مۇبتىلا بولۇپ قالىدۇ.

ئوقۇرمەن ئالدى بىلەن، «قۇرئان زادى قانداق كېتاب؟ ئۇنىڭ نازىل بولۇش جەريانى بىلەن رەتلىنىش تەرتىپى قانداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؟ ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ ئۇنىڭدىكى بارلىق ئوخشاش بولمىغان تېمىلار قايسى مەركىزىي مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە زادى نېمىنى مەقسەت قىلغان؟ ئۇ ئۆز مۇددىئاسى ئۈچۈن زادى قايسى خىل بايان ئۇسلۇبى بىلەن قايسى خىل دەلىللەش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان؟» دېگەنلەرگە ئوخشاش بىر قانچە سۇئاللارغا ئاددىي ھەم ئوچۇق جاۋاب تاپالىسا، نۇرغۇن خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ قالالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن چۈشىنىش ھەم تەپەككۇر قىلىشنىڭ يوللىرى كەڭرى ئېچىلىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەمما، قۇرئاندىن يېزىقچىلىققا خاس تەرتىپنى ئىزدىمەكچى بولغان ھەرقانداق كىشى قۇرئاندا ئۇنى ئۇچرىتالماي بەت يۈزىدە گاڭگىراپ قالىدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ يۇقىرىقى باشلانغۇچ ئوقۇش ئاساسلىرىدىن خەۋەردار بولمىغانلىقى ۋە ئوقۇشنى باشلاشتا «ئېتىقادنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغان بىرەر كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن» دېگەن ئوي بىلەن باشلىغانلىقى تۇپەيلىدىن بىھۆدە پەرىشانلىققا مۇبتىلا بولۇپ قالىدۇ. «كىتاب»قا ۋە «ئېتىقادىي مەزمۇن»غا بولغان شۇ چاغدىكى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى ئومۇمەن ئادەتتىكى «دىنىي كىتاب»لارغا بولغان تەسەۋۋۇردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما، ئۇ قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلىغاندا ئىدىيەسىدىكى تەسەۋۋۇرنىڭ ئەكسىچە بىر ھادىسىگە دۇچ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرالمايدۇ ھەمدە مەزمۇن جەھەتتىكى باغلىنىشنى تاپالماي، خۇددىي يات شەھەرگە بىرىپ قالغان مۇساپىر كوچىدا ئىزىقىپ قالغاندەك قۇرلار ئارىسىدا گاڭگىراپ يۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇڭلاشقا، قۇرئاننى يېڭىدىن ئوقۇماقچى بولۇۋاتقان كىشىگە ئالدى بىلەن «سەن ئوقۇماقچى بولۇۋاتقان بۇ كىتاب دۇنيادىكى پۈتۈن ئەدەبىي ماتېرىياللار ئارىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن يىگانە كىتابتۇر. ئۇنىڭ يېزىلىشى دۇنيادىكى ھېچبىر كىتابقا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ مەزمۇن، تېما، تەرتىپى جەھەتتىمۇ باشقىچە ئاجايىپ ئالاھىدىلىكى مەۋجۇت. شۇڭا ھازىرغا قەدەر كىتاب ئوقۇپ، سىنىڭ ئىددىيەڭدە شەكىللىنىپ قالغان «كىتاب رامكىسى»، قۇرئاننى چۈشىنىشكە ياردىمى بولماستىن، ئەكسىچە توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇنى چۈشىنىشنى خالايدىكەنسەن، ئالدى بىلەن زېھنىڭدىكى قىياس، پەرەز، كىتاب رامكىلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئاجايىپ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭ لازىم» دەپ چۈشەندۈرۈلسە، ئاندىن ئۇنى يۇقىرىقىدەك ئىزىقىشلاردىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇرمەن ھەممىدىن ئىلگىرى قۇرئاننىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن خەۋەردار بولۇشى لازىم. مەيلى ئۇ قۇرئانغا ئىمان كەلتۇرگەن ياكى كەلتۈرمىگەن بولسۇن، بۇ كىتابنى چۈشىنىش ئۈچۈن كىتابخان چوقۇم قۇرئاندا دېيىلگەن ھەم ئۇنى يەتكۈزگۈچى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بايان قىلغان ئەسلى ماھىيەتنى باشلانغۇچ نۇقتىسى ياكى مۇقەددىمە ئورنىدا قوبۇل قىلىشى لازىم.

داۋامى بار.....

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر