2016-يىلى خەلقئارا، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلاردا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن « 2016-يىلى خەلقئارا، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلاردا نېمە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى»توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت
638989
![2016-يىلى خەلقئارا، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلاردا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a836/e988/4371/58303ed41fc09.jpg?time=1718859761)
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە تۇرۇۋاتىمىز. ھەممىڭلار بىلگىنىدەك 2016-يىلى دۇنيادا، تۈركىيەدە، خىتايدا ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتە، يەنى دۇنيا سىياسىتىدە. بىز بۈگۈنكى «سۆھبەت ۋە ئانالىز» ناملىق بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، بۇ مەسىلىلەرنى، 2016-يىلى دۇنيا سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇنىڭ تۈركىيە ۋە خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. 2017-يىلى دۇنيا ۋەزىيىتى، خىتاي ۋەزىيىتىدە بولىدىغان ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكلەرنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى قانداق بولىدۇ؟