دائېشنىڭ پەلسەپەسى ۋە ئوزۇقلانغان دىنى مەنبەلىرى - 2

دائېشنىڭ پەلسەپەسى ۋە ئوزۇقلانغان دىنى مەنبەلىرى، پەيدا بولۇشى، شەكىللىنىش جەريانى توغرىسىدا

598481
دائېشنىڭ پەلسەپەسى ۋە ئوزۇقلانغان دىنى مەنبەلىرى - 2

بۇ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ياقلىغۇچىلارنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا،  ھەقىقەت پەقەت ۋە پەقەت «سەلەف»نامى بېرىلگەن تۇنجى ئۈچ ئەۋلادقىلا تەۋە ئىدى. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگشىپ «يېپ-يېڭى، ئۆزگىچە ۋە باشقىچە دۇنيا يارىتىش» غايسى بولغان مودېرىنلىق (زامانىۋىلىق)نىڭ تەسىرى ئاستىدا، بۇ ئىدىيە ياكى ھەرىكەتنىڭ ياقلغۇچىلىرى «ھەق»داۋاسىنى كۆتۈرۈپ قوپۇشقان بولسىمۇ،  بۇ قېتىمقىسى ئۇلار ئۆزلىرى دېگەندەك تۇنجى ئۈچ ئەۋلادقا نسىبەت قىلغان ھەقىقەتتىن پەرقلىق ئىدى.  ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان«ئەھلى قىبلە تەكفىر قىلىنمايدۇ» (ئەھلى قىبلىگە كاپىر دېيىلمەيدۇ) دېگەن تەۋرەنمەس دەستۇرىنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىپ، ئۆز «ھەقىقەتلىرىگە» ۋە دىنى چۈشەنچىلىرىگە ئىشەنمىگەنلەرنى  ئاسانلا كاپىر ئېلان قىلىدىغان بۇ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ياقلىغۇچىلىرى، ئۆزىدىن باشقا بارلىق ئېتىقاد  ۋە مەزھەپتىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى جىھاد سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خەلەپنىڭ (سەلەف ئۆكتىچىلىرى)يەنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن باشقا ئەقىل، راي، ئىجتىھادنى ئاساس قىلغان دىننى چۈشىنىش ئۇسۇلى بىھۇدە ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر.

ئۇلار ناس (قۇرئان ئايەتلىرى ۋە سۈننەت تېكىستلىرى)لارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەدبىقلىنىشىدە مەلۇم بىر ئۇسۇل قوللىنىلىش نەتىجىسىدە شەكىللىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سىستېمىلىق ھالغا كەلگەن فىقىھ مەزھەپلىرى ۋە تارىختا مەدەنىيەت بەرپا قىلغان بارلىق ئىدىيە ۋە چۈشەنچە ئېقىملىرىنى «ئەھلى بىددەت»، ئىرپان ئەنئەنىمىزىنىڭ چوڭقۇر دىنى تەجرىبىسى بولغان تەسەۋۋۇپ مەزھەپلىرىنى «ئەھلى-دالالەت»دەپ ئاھانەت قىلىدۇ. بارلىق دەرۋىش دەرگاھلىرى، تەرىقەت  ئارامگاھلىرى، مەقبەرەلەر، تارىخىي ئەسەرلەرگە ۋەيران قىلىنىش شەرت بولغان شىرىك ئامىللىرى سۈپىتىدە قارايدۇ. بۇ ئىدىيە ۋە ئېقىمغا كۆرە، يەنە  ئاللاھنىڭ جەمال سۈپىتىنىڭ ئىپادىسى بولغان ئىسلام مەدەنىيىتى روياپقا چىقارغان بىلىم، سەنئەت، ئىستېتىك، ئەدەبىيات ۋە بىنكارلىق قاتارلىقلارنىڭمۇ قىلچە ئەھمىيىتى يوق.

دىننى چېتىشلىق دائىرلىرىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ، ھەر بىر ماددىسىنى بىۋاستە قانۇن ماددىسىدەك چۈشىنىۋالىدىغان، قۇرئان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە لەفزى ۋە ھەرپنىلا، سۈننەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كۆرۈنۈش ۋە شەكىلنىلا ئاساس قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەقىل ۋە ئىستىداتنى ۋەھىينىڭ زىتىغا قويۇپ رەت قىلىدىغان بۇ ئىدىيە ۋە ھەرىكەت، تارىختا ئىسلامنىڭ غول يولىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەھلى-سۈننەت چۈشەنچىسىگە ئۆزىلا ئىگە چىققانلىقىنى ياكى چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىپ، مەزھەپ توقۇنۇشلىرىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن مەدەنىيەتلەر ئارا ئەمەس مەدەنىيەت ئىچى توقۇنۇشنى قەست قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي كۈچ ۋە گۇرۇھلىرىنىڭ چاكىرى ھالىتىگە كەلدى.

شۇنداقلا بۇ ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئىبادەتلەردىكى روھىي ھۇزۇر، ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ مەخلۇقاتلارغا شەپقەت سۈپىتىدە ئەكس ئېتىشى، يارالغۇچىغا ياراتقۇچىسى سەۋەبىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئىنسانلارنى پاراكەندە قىلىشتىن ساقلىنىشقا  ئوخشاش گۈزەل-ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىشىگە، بۇلارنىڭ ئورنىغا بېسىم،زوراۋانلىق ۋە زۇلۇملارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئوخشاش ئاقىۋەتلەر پەيدا قىلدى. باشتىن تارتىپلا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئامانىتى ھېسابلىنىدىغان ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن بىر يەردە ئىتتىپاق ھالەتتە ياشاش ئەخلاقىي ۋە ھوقۇقى ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ئەھلى-كىتاب ۋە باشقا دىنى ئازسانلىقلارغا ۋەھىمە پەيدا قىلغان، ئەسىرلەردىن بېرى مۇسۇلمانلاردىن ياخشىلىق كۆرۈپ كەلگەن ئەزىدىلەرنىمۇ قەتلىي قىلىپ سۈرگۈن قىلغان بۇ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ياقلىغۇچىلار سەۋەبىدىن تولىمۇ ئەپسۇسكى، تىنچلىق ۋە ئامانلىق دىنى ھېسابلىنىدىغان ئىسلام، زورۋانلىق ۋە تېررورىزىم بىلەن ئوخشاش كۆرۈلىدىغان، ئىسلام دىيارلىرىمۇ ئامانلىق ۋە ئېسەن يۇرتى بولۇشتىن خالىي بولۇشقا باشلىدى.

بارلىق تاشقى سەۋەبلەر، ھەر تۈرلۈك ھىلە-مىكىرلەر ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام ئۈممىتى بۇ ھادىسىنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرىگە مەركەزلىشىشى كېرەك، دائېش مەسىلىسى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىنىشى لازىم. دائېش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش «تەپرىقچى» ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرنى نوقۇل «تاشقى كۈچلەرنىڭ تۇزىقى»دەپ بولدى قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ تۇزاق بولغان تەقدىردىمۇ «بۇ تۇزاقنىڭ ئېقىپ قېلىشى ۋە بازار تېپىشىدا بىزنىڭ ھېچانداق سەۋەنلىكىمىز يوقمۇ؟»دېگەن سوئال ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلانمىساق بولمايدۇ.

ئىسلام تارىخىنىڭ مەلۇم مەزگىللىرىدە بۇ خىلدىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەر، رادىكال ۋە ئاشقۇن دىنى چۈشەنچىلەر باش كۆتۈردى. نۆۋەتتە بىز يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۆھران دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ قۇرئانى كەرىمنىڭ بىر ئايىتىنى ئېلىپ شوئارلاشتۇرغان خاۋارىچلارنىڭ «ھۆكۈم ئاللاھنىڭدۇر»دېگەن شوئارى توغرۇلۇق «باتىلغا ۋاستە قىلىنغان ھەق سۆز»دېگەنىدى.

دەۋرىمىزدە ئىسلام دۇنياسى ناھايىتى ئېغىر بۆھران ۋە زىددىيەت ئىچىدە تۇرماقتا، دەۋرىمىز مۇسۇلمانلىرى دىن بىلەن ھايات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن يا  ھاياتتىن خالىي ۋە يىراق بولغان ئەنئەنىۋى چۈشەنچىگە مەھكۇم بولۇشتى ياكى دىنغا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشقا ۋەياكى دىندىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. ھەر ئىككى يۈزلىنىش ئوتتۇرا يولدىن چەتنەپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. بەزىلىرى ئاز، بەزىلىرى كۆپرەك، بەزىلىرى بىر يۆنلىشتە، بەزىلىرى تەتۈر يۆنلىشتە تۇرۇپ ئۆزدىن يەنى ئەسلىدىن يىراقلاشماقتا.

كېيىنكى بىر نەچچە ئەسىردە روشەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان بۇ مەسىلە ئىسلام دۇنياسىنىڭ «مۇستەملىكە قىلىنىشقا تەييار ھالەتكە كېلىپ قېلىش»قا ئوخشاش ئىدىيەۋى كىرزىس ياكى ناھايىتى خەتەرلىك قاشاقلىق بىلەن نەتىجىلەندى. دائېشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدىيەۋى زېمىنمۇ بۆھرانلارنىڭ نەتىجىسىدۇر، خالاس.

مۇسۇلمانلار ئىجتىھاتتىن، يېڭى چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، يېڭىدىن تىرىلىش ۋە جانلىشتىن يىراقلىشىپ بېكىنمىچىلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى، بۇ جەرياندا مۇستەملىكە قىلىندى، تالان-تاراجقا دۇچار بولدى، رەقىبلىرىنىڭ يېڭىچە ئىدىيەلىرى ۋە تېخنولوگىيەلىك كۈچى ئالدىدا تېڭىرقىدى، تاڭ قېلىشتى، ھەتتا بېكىنمىچىلىك يولىنى تۇتتى.   

بۇ رادىكال پىكىرلەر مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بەزىلەرنىڭ «ئەسلىيلىك ياكى ساپلىقنى»ئىزدەپ شۇنىڭغىلا تەلپۈنۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار شۇنداقلا يىلتىزى مۇسۇلمان تۇرۇپ ئېتىقادىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ بىر مەھەل ئىسلامدىن خالىي ھايات كەچۈرگەندىن كېيىن قايتا «ھىدايەتكە ئېرىشكەن»ياكى غەربتە قايتىدىن ئىسلامغا كىرىپ «توغرا ئىسلام»نى، دىنىنىڭ ئەسلىنى ئىزدىگەن بىر گۇرۇھنىڭ ئەسلىيلىك ياكى ساپلىققا بولغان تەلپۈنۈشىگە  ياغدەك خوش ياقتى، شۇڭا بۇ پىكىر ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ خېرىدارى ئاسانلا تېپىلىدۇ. دەرۋەقە، بازاردىكى ھەر مالنىڭ خېرىدارى چىققاندەك بېكىنمە ياشايدىغان، مۇتلەق ئېتىقادچىلارنىڭ تەكفىرچى (كاپىرغا چىقىرىش)ئىدىيەلىرىنىڭمۇ خېرىدارى چىقماقتا، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلامىي ئىلىملەرنى توغرا ئۇسۇل ۋە ئەنئەنىسى بويىچە ئۆگەنمىگەن، ھەزىم قىلالمىغان كىشىلەر مۇشۇنداق رادىكال ۋە ئاشقۇن پىكىرلەر ۋە ئېقىملارنىڭ خېرىدارى بولماقتا.

كۈنىمىزدە «سەلەفىلىك»ماسكىسى ۋە ماركىسى ئاستىدا ئاپىرىدە بولغان ھەر تۈرلۈك ۋىرۇس گويا «ئەسلىگە قايتىش»شوئارى بىلەن ئىسلامنىڭ دەل ئۆزىگە ۋە ئەسلىگە زىيان بېرىشكە ئۇرۇنۇپ، مۇسۇلمانلارنى دالالەتكە يۈزلەندۈرمەكتە.

زوراۋانلىقنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان، ئۆلۈمنى ۋە ئۆلتۈرۈشنى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان بۇ ھەرىكەت،ئىدىيە ۋە ئېقىم زامانىۋى دەۋىردە دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن «نىھىلىزىم»نىڭ (ھېچلىق پەلسەپسى) ئەكس ئېتىشىدۇر. دائېش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ سېپىللىرىنى چەك كەتكۈزۈۋېتىشى ياكى تۆشۈك ئېچىۋېتىشى دەل نىھىلىزىمنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسىنى ۋە مەۋجۇدلۇق غايىسىنى يوقىتىپ قويۇشى، ئەخلاقنىڭ ۋە قانۇننىڭ ئەھمىيەتسىزلىشىشى، بىلىم ۋە پەلسەپىنىڭ دەيدىغان گېپىنىڭ قالماسلىقى ياكى ئاقماسلىقى لاتىنچە «نىھىل» (يوقلۇق، ھېچلىق)كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن نىھىلىزىم ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئىنساننى ئۆزىگە، كائىناتقا ۋە ئاللاھقا ياتلاشتۇرىدىغان، ھەر قانداق مەنىۋى بايلىقنى ۋايران قىلىدىغان ۋە بارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى نۆلگە چىقىرىۋېتىدىغان، ئەخلاقنى ۋە قانۇننى يوق چاغلايدىغان نىھىلىزىم پەلسەپىسىنىڭ زىتى بولغان دىننىڭ دەل ئۆزى،  ئىبارە جەھەتتىن «سەلەفىست» ئەمەلىيەتتە «نىھىلىزىم»ئېقىمىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئوزۇقلانغان مەنبەسىگە چۈشۈرۈلۈشكە ئۇرۇنۇلماقتا. ھەق ۋە ھەقىقەتنى روشەن بايان قىلغان ئىسلامنى نىھىلىزىمنىڭ ئوزۇقلىنىدىغان مەنبەسىگە ئېلىپ بېرىش ئۇرۇنۇشلىرى ئەمەلىيەتتە  قۇرئانى مەجىدنىڭ تەبىرى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ بەتەر پىتنە»دۇر.

دائېش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ ئىسلام ۋە ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زىيانلىرى، ئۇلارنىڭ بۇ زۇلمەتلىك پىكىرلىرىنىڭ بىر قاراڭغۇ تۆشۈككە ئوخشاش تاشقى پىلانتتىكى ھەر نۇر مەنبەسىنى يۇتۇۋېتىشتەك خاراكتېرگە ئىگە.

ئىسلام دىيارلىرىنى ئېغىر پاجىئەگە سۆرەپ بېرىۋاتقان بۇ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ئوزۇقلانغان دىنى مەنبەلىرىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، قايسى باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى، پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان سەۋەبلەر ۋە كۈرەش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندە بۇ تەشكىلاتنى مۇئەييەن دەرىجىدە چۈشەنگىلى بولىدۇ.

تەشكىلاتىنىڭ تارىخى

داۋامى بار...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر