قەرز بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

تۈركىيەدە قەرز بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى توغرۇلۇق

558763
قەرز بازارلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار ئىچىدە سېلىنمىلار بىلەن ئىستېمال چىقىملىرىمۇ بار. كۈنىمىزدە ئىلغار بانكىچىلىق ۋە پۇل-مۇئامىلە بازالىرى تۈرتكىسىدە كارخانىچىلار ئىگىلىك يارىتىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش، ئىستېمالچىلار ئېھتىياج ھېس قىلىدىغان مال ۋە مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرخىل قەرز تۈرلىرى بار. بولۇپمۇ 2008-يىلى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى نەتىجىسىدە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مەركەز بانكىلىرى كۆپلەپ پۇل بېسىپ قەرز ئۆسۈملىرىنى پۈتكۈل دۇنيادا تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتتى، ناھايىتى مول پۇل توپلانغان بۇ خىل شارائىتتا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بانكىچىلىق بازارلىرىمۇ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئالغا ئىلگىرىلدى، شۇنداقلا سېلىنما ۋە ئىستېمال چىقىملىرىمۇ مۇئەييەن نىسبەتتە ئاشتى.

كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە تۈركىيە، دۇنيادا ئىقتىسادىي راۋاجلانغان ئالدىنقى 20 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.تەخمىنەن 80 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈركىيەنىڭ ياش ۋە دىنامىك قۇرۇلمىسى سېلىنمىلارنىڭ ۋە ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. 15يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ۋۇجۇدقا چىققان تۈركىيەدە قەرز ئۆسۈملىرى %50دىن 2013-يىلى %5كە تۆۋەنلىدى. تۈركىيەنىڭ 2001-يىلدىكى ئىقتىسادىي كىرزىستىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلمىلاشقان بانكىچىلىق ساھەسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تۈرتكىسىدە 2008 دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن ئەڭ ئاز زىيان بىلەن قۇتۇلۇپ قالدى. 2009-يىلدىن كېيىن ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىپ قوش رەقەملىك ئىقتىسادىي گۈللىنىش روياپقا چىقتى. تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلغان بانكىچىلىق ساھەسى تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن راۋاجلىنىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق موتورلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى ئېشىۋاتقان قەرز نىسبەتلىرىنىڭ زورىيىشى بۇنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىللىرىدىن بىرىدۇر. ھەم كارخانىچىلار ھەمدە ئىستېمالچىلار ئېلىۋاتقان قەرز مىقدارى دۇنيادىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇشلارنىڭ ئەكسىچە ھەر يىلى ئېشىپ بارماقتا. تۈركىيە بانكىلار بىرلىكىنىڭ بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىكى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىدە ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكلارغا قارىغاندا، شەخسىي ۋە ئومۇملار ئالغان قەرز مىقدارى  بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %14 ئېشىپ 1 تىرىليون 876 مىليارد تۈرك لىرىسىغا يەتكەن بۇ قەرزلەرنىڭ 1 تىرىليون 794 مىلياردلىق قىسمىنى كارخانىچىلار بىلەن ئىستېمالچىلار ئىشلەتكەن. قالغان 35 مىلياردلىق قىسمى بولسا شىركەتلەرنىڭ ئىجرا چىقىملىرىنى كۆتۈرىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئىجرا شىركەتلىرى، 22 مىلياردلىق قىسمىنى قەرز بەرگۈچى شىركەتلەر، 25 مىلياردلىق قىسمىنى باشقا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرى ئىشلەتكەن. ھەر دۆلەتتە بېرىلگەن قەرز مىقدارلىرىدىن بىر قىسمى ۋەيران بولغان شىركەتلەر ۋە تۆلەشتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىستېمالچىلار سەۋەبىدىن بېكار قىلىنىدىغان ئەھۋال بار. دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئەكسىچە تۈركىيەدە ئىستېمالچى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قەرزلىرىگە سادىق بولۇشى ۋە خەتىرى ئاز ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشى تۈرتكىسىدە بېكار قىلىنىدىغان قەرز مىقدارلىرىنىڭ جەمئىي نەق قەرزلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا %0.1 تۆۋەنلەپ، %3 ئەتراپىدا بولغان.

قىسىقىسى، ھەم تەرەققىي تاپقان ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن ئىقتىسادىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرالىشى ئۈچۈن سېلىنما ۋە ئىستېماللارنىڭ ئېشىشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن مەبلەغ ۋە ئىستېمال پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئىلغار بانكىچىلىق ساھەسى تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بانكىچىلىق ساھەسى تەرەققىي قىلغان قەرز مىقدارلىرى ۋە تۈرلىرى كۆپ، شۇنداقلا قەرزلەرنىڭ ئۆسۈمى تۆۋەن بولغان دۆەلەتلەدە سېلىنما مىقدارى ۋە ئىستېمال ئېشىش بىلەن بىرگە، ئىقتىساد گۈللىنىدۇ ۋە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىلىدۇ. كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە تۈركىيە كېيىنكى 15 يىل ئىچىدە بانكىچىلىق ساھەسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان ۋە قەرزلەرنىڭ ئۆسۈمى يەككە خانىلىق بولغان دۆلەتتتۇر. تۈركىيە بانكىچىلىق بىرلىكىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پۇل-مۇئامىلە ۋە غەيرى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ئاجراتقان قەرز مىقدارلىرى %14 ئاشقان. بۇ ئەھۋال تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قەرز مىقدارلىرىنىڭ ئېشىشى خەلقنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىپىنىڭ ئېشىشىغا، خەلقنىڭ تەلىپىنىڭ ئېشىشى يېڭى ئىگىلىك ساھەلىرىگە، بۇ يېڭى ئىگىلىك ساھەلىرى بولسا يېڭى ئىش پۇرسەتلىرىگە زېمىن تەييارلاپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر