پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

ئاللاھ ھەر دەۋردە ئىنسانلار ئىچىدىن تاللىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلغان. قۇرئاندا بۇ ھەقتە: «قەسەم بولسۇنكى، بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئاللاھقا قۇللۇق قىلىڭلار، ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» دېيىلىدۇ.

511262
پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ھېكمەتلىرى، شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتى جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاللاھ تائالا ئىنساننى دۇنيا ھاياتىدا بوش ۋە يالغۇز تاشلاپ قويمىغان. ئىنسانىيەتكە ئەلچىسى سۈپىتىدە پەيغەمبەرلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق كىتابلارنى چۈشۈرۈپ، ئىنسانلارنى ھىدايەتكە باشلاشنى مەقسەت قىلغان. ئىنسان ئەقىللىق مەخلۇق سۈپىتىدە يارىتىلغان. ئىنساننىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار. ئەمما، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلىش، ھەقنى ۋە توغرىنى چۈشىنىش، ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋە كىتابلارغا موھتاج. ئاللاھ ھەر دەۋردە ئىنسانلار ئىچىدىن تاللىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلغان. قۇرئاندا: «قەسەم بولسۇنكى، بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئاللاھقا قۇللۇق قىلىڭلار، ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق» دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتىلىش سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدىن ئەڭ خەيرىلىكلىرىنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەپ، ئىنسانلارنىڭ قۇللۇق قىلىش شەرتلىرىنى ئادا قىلماسلىققا كۆرسەتكەن باھانىلىرىنى يوق قىلىدۇ. خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نۇرغۇن ئىنئاملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئاندا بۇ مەسىلە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

«قەسەم بولسۇنكى، ئاللاھ ئۈممەتلىرىگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى گۇناھلاردىن پاكلايدىغان، ئۇلارغا پاكىزە قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىنئام قىلغان. ئۇلار ئەسلىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى.»

پەيغەمبەرلىك ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدىغان ماقام ئەمەس. بەلكى ئاللاھنىڭ ئىنئامىدۇر. ئاللاھ بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىغان قۇلىنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن قوغدايدۇ ۋە بۇ ئورۇنغا لايىق قىلىدۇ.

 ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق بەندىلىرىدىن پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش ئىمان ئاساسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ ئۇلارغا چۈشۈرگەن خۇش خەۋەرلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشىنى ۋە بۇيرۇقلارنى تولۇق ئورۇنلاشنى شەرت قىلىدۇ. ئەلچىنى ئىنكار قىلىش - ئەلچىنى ئەۋەتكەننى ئىنكار قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. قۇرئاندا، پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىش، يەنى بەزىلىرىگە ئىشىنىپ، بەزىلىرىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىنساننى كۇفرىلىققا ئاپىرىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە توختىلىپ:

«قۇرئان پەيغەمبەرلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمىنى زىكىر قىلىدۇ، ئەمما ھەر ئۈممەتكە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئادەم ئوغلىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگىچە ئەۋەتىلگەن ھەممە پەيغەمبەرلەر، ئورتاق دىن، يەنى ئىسلامنى تەبلىغ قىلغان. كىمگە، قەيەردە ۋە قاچان ئەۋەتىلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇش خەۋىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىر – بىرىنى تەستىق قىلغان ۋە ھېچبىر پەيغەمبەر يەنە بىرىنى يالغانغا چىقارمىغان» دەيدۇ.

ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدىن قوغداشقا تىرىشىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالنى مۇنداق ئوخشىتىدۇ:

«مېنىڭ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم، ئوتقا بىر قۇرت ياكى ھاشارەتلەر چۈشۈپ كەتمەكچى بولغاندا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. مەن سىلەرنى جەھەننەم ئوتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پىشىڭلاردىن تۇتىمەن، سىلەر بولساڭلار، مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلۇپ، جەھەننەم ئوتىغا چۈشۈشكە ئۇرۇنىسلەر.»

پەيغەمبەرلەر باشقا ئىنسانلاردا بولمىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە، تاللانغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان كامىل كىشىلەردۇر. ئۇلار ساغلام خاراكتېرغا ۋە توغرا يولدىن ئازمايدىغان ئىرادىگە ئىگە قىلىپ يارىتىلغان. ھەردائىم ياخشىلىققا ۋە ئەڭ ياخشىلاردىن بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. دۇرۇستلۇق، ئىشەنچلىك بولۇش، ئەقىللىق بولۇش، گۇناھ قىلماسىق ۋە ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋالغان بۇيرۇقلارنى ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈش، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلامغا ئاساسلانغاندا، پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئەلچىلىرى ياكى بەندىلىرىدۇر. ئۇلارنى ئىلاھ سۈپىتىدە كۆرۈشكە بولمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بىلدۈرگەنلىرىدىن باشقا غەيىبنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى ۋە ئاللاھ ئۇلارغا ئاتا قىلغان مۆجىزىلىرىدىن باشقا پايدا يەتكۈزۈش ياكى زىيان سېلىش كۈچى يوق.

ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە، پەيغەمبەرلىكلىرىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە بەزى مۆجىزىلەرنى بەرگەن. ئوتنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرمەسلىكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى دېڭىزغا ئۇرغاندا دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ، ئوتتۇرىدىن يول ئېچىلىشى قاتارلىق مۆجىزىلەر ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن. بۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنمەي جاھىللىق قىلغۇچىلارا، مەسخىرە قىلغۇچىلار ۋە زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بولغان.

پەيغەمبەرلەر مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى قىسمىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان دىنى تەبلىغلارنى ئېلىپ بارغانغا ئوخشاش، مەدەنىيەتنىڭ ماددىي قىسمىنىڭمۇ بايراقدارلىرىدىن بولغان. بەزى ھۈنەر ۋە تېخنىكىلارنى ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن. مەسىلەن، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام تىككۈچىلىكنى، نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە ياساشنى، داۋۇت ئەلەيھىسسالام تۆمۈر تاۋلاش ۋە دۇبۇلغا – ساۋۇتلارنى ياساشنى، ھەزرىتى لوقمان تىۋىپلىقنى ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن.

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانلارنىڭ بىرى بولۇشى دىننىڭ چۈشىنىشلىك بولۇشىنى ۋە ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىق قىلىنىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرغان. چۈنكى پەيغەمبەرلەر دىننىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئاۋال ئۆزى ئىجرا قىلىپ، ئەمەلىدە كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەرلەر دۇرۇستلۇق ۋە ئىشەنچلىك بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم خىسلەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇپ، يۇقىرى ئەخلاقىي پەزىلەت قارىشىنى ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىقلىغان.

ئىنسانلاردىن ھېچنىمىنى تاما قىلماستىن، ئاللاھ رىزاسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەجىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئۈمىدى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئاقىلانىلىكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادىللىقى، ئەييۇپ ئەلەيھىسسالام سەۋرچانلىقى بىلەن ئۈممەتلىرىگە ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە چوڭ ئۈلگە بولغان.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر