ئوتتۇرا شەرقتىكى رۇسىيە - ئانالىز

پۇتىن رۇسىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە نوپۇز تىكلەش كۈرىشى ۋە مۇددىئا - مەقسەتلىرى...

510361
ئوتتۇرا شەرقتىكى رۇسىيە - ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1970 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا مىسىر ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگەنىدى. ئۇ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى بولۇپ، سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ رايوندىكى تەسىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا پاتقاققا پېتىپ قالغان بولۇشى ۋە ئىران ئىنقىلابى رۇسىيەنىڭ رايوندىن تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئىش شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، 1990 – يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت تۈزۈمى پۈتۈنلەي تۇرمۇزلىنىپ قالدى. ئۆز دەۋرىنىڭ سوۋېت رۇسىيەسى پىرېزىدېنتى بۇ ھالەتنى يېڭىش ئۈچۈن، كۇۋەيتنىڭ ئىشغالىدىن كېيىن ئىراققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىپمۇ باقتى. قانداقلا بولمىسۇن، سوۋېت رۇسىيەسى ئوتتۇرا شەرقتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن غايىپ بولۇشى ئامېرىكىنىڭ ئۇ مەزگىلدە رايوندىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

كوممۇنىزمدىن كېيىنكى مەزگىلدە پۇتىننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بىرلىكتە، رۇسىيە قايتىدىن ئوتتۇرا شەرقتە ئۆزى ئۈچۈن ساھە يارىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى. رۇسىيە بۇ پۇرسەتنى سۈرىيە كىرىزىسى بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈردى. بۇ نۇقتىدا رۇسىيە ئۈچ خىل ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى؛ بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ئامېرىكا ئەسەد تۈزۈمىنىڭ يوقۇلۇشى كېرەكلىكىنى قايتا – قايتا ئېيتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ كېتىشىگە يول ئاچىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. ئىككىنچىسى، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تارىخىي رىشتىسىنىڭ بولۇشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈرىيە رۇسىيەنىڭ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم ئىككىنچى قورال بازىرى ئىدى. ئۈچىنچىسى بولسا، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ تارتۇس شەھىرىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولسا كېرەك.

پۇتىن، سۈرىيەدە ئەسەد تۈزۈمىگە يار – يۈلەك بولۇش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قايتىدىن ئاكتىيور بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەزگىلدە ئاساسەن ئارقا سەپ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تارتۇس بازىسى زامانىۋىيلاشتۇرۇلدى ۋە كۆپ خىل مەقسەتتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سۈرىيەدە يەنە بىر ھەربىي بازىمۇ قۇرۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ، رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشتى، سۈرىيە مەسىلىسىگە تېپىلغۇسى بىرەر چارىنىڭ رۇسىيەنى چەتكە قېقىش ئارقىلىق روياپقا چىقمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، رايوننى بېسىپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقى بولغان، رۇسىيە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى نۇقتىسىدىن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەلىرى مەسىلىسىدىمۇ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كىرگۈزدى.

پۇتىن، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەۋجۇدىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. لېكىن، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ. رۇسىيە ئىقتىسادى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان قايتىدىن چېكىنىشكە باشلىدى. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبىدىن دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگولارمۇ رۇسىيەدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى چوڭقۇرلاشماقتا. لېكىن، دۇنيا سىياسىتىدە 18 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن تارتىپ سالمىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا باشلىغان رۇسىيە، ھېچبىر ۋاقىت ئىقتىسادىي جەھەتتىن پەۋقۇلئاددە كۈچ بولالمىغانىدى. ھازىرمۇ پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدۇ. لېكىن، قولىغا كەلگەن پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن ھالقىغان بىر سالمىقىنىڭ بولۇش ئېھتىمالىغا ئىشەنمەكتە. ھەتتا ئۇنىڭ شۇنداق بىر قانائىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن: رۇسىيە ياكى چوڭ كۈچ بولۇپ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ياكى ۋەيران بولىدۇ. «مانا بۇ ۋەيران بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ كۈچى دۆلەتنىڭ ئىچى – سىرتىدا ھېس قىلىنىشى كېرەك.»

رۇسىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى ئۆزىنىڭ 15 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت بولۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. دائېشقا قېتىلغان غازاتچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىدىن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. رۇسىيە بۇ نوپۇس تۈپەيلى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە سەزگۈر قارايدۇ. شۇ ۋەجىدىن رۇس يۇقىرى قاتلام سىياسەتچىلىرى رۇسىيەنى ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا سەل قارىيالمىغۇدەك دەرىجىدە رايونغا يېقىن ھېس قىلىدۇ. لېكىن، رۇس سىياسەتچىلىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئاكتىپ كۈچكە ئايلىنىش كويىدا چاپقاندا، 1990 – يىللاردىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئوخشاش بىر يولنى تۇتمىدى. سەۋەبى ئۇلار بۇنداق قىلىش رۇسىيە ئۈچۈن چىقماس كوچا بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىماقتا. رۇسىيە ئىراننىڭ يېقىن ئىتتىپاقدېشى بولغان ئەسەد تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلغان مۇداخىلىلىرى سايىسىدا رايوندا ئاللىقاچان ئابرويىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان بىر قەدەمنى تاشلىغان بولدى.

سوۋېت مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ھازىرنىڭ رۇسىيەسى خېلىلا مۇھىم ئەۋزەللىككە ئىگە. رۇسىيە سۈرىيە مۇداخىلىسى سەۋەبىدىن گەرچە ئىناۋىتىنى تۆكۈۋالغان بولسىمۇ، رايوندىكى سالمىقى بار دۆلەتلەر بىلەن 2000- يىللاردىن تارتىپ كۈچلۈك ۋە ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسى سەۋەبلىك تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقى پىكرى ئېغىر سالماقنى ئىگىلىمەكتە. رۇسىيە نۆۋەتتە ھەم ئىسرائىلىيە بىلەن ھەم ئىران بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش مەسىلىسىدە ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ، بۇ رۇسىيە ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە توسالغۇ بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى يىرىكچىلىكتىمۇ ئىران تەرەپتە تۇرۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. قىسقىسى، رۇسىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا ئىشقى – مۇھەببەت مۇناسىۋىتى يوق. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي شارائىت ياراتقان ئەمەلىي مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت.

خۇلاسە سۈپىتىدە شۇنى ئېيتىش مۇمكىن: رۇسىيەنىڭ رايوندا ئامېرىكىغا ھەر جەھەتتىن قارشى تۇرۇپ، ئۇنى رايوندىن يىراقلاشتۇرۇشتەك بىر نىشانى يوق. ئەكسىچە، ئورتاق ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان شېرىك سۈپىتىدە ئۆزىنى ئىپادىلەشنىڭ كويىدا. لېكىن، رۇسىيە بۇ شېرىكچىلىكتە ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭمۇ نەزەردە تۇتۇلۇشىنى خالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر