رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى توغرىسىدا مۇلاھىزە

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى» توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

455359
رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى توغرىسىدا مۇلاھىزە
TPO_UYG_12.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۈرىيەدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، ئۇ يەردىكى ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى چېكىندۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. لېكىن، رۇسىيە سۈرىيەدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى ئوچۇق ۋە پائال تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى باياناتلىرىغا ئىلاۋە قىلدى.

پۇتىن رۇس مۇداخىلىسى تۈپ نىشانىغا يەتتى، دەپ قارىماقتا ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ باسقۇچتىن كېيىن دىپلوماتىيەنىڭ ئالدىنقى پىلانىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلماقتا. رۇسىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن ئالتە ئاي ئىلگىرىكى ئەھۋالدىن قانداق پەرقى بار؟

رۇسىيەنىڭ 2015 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچىنى يىغىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى سايىسىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تويۇقسىز ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۇست قۇرۇلمىسى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىدى. ئۆكتىچىلەرگە قارشى قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ خىل ئۈستۈنلۈك سايىسىدا ئەسەد كۈچلىرى 400 ئەتراپىدا ئاھالىلەر رايونىنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزدى. كىرېملىننىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەغلۇبىيەت گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتقان ئەسەد كۈچلىرى نۆۋەتتە ئۆكتىچىلەرگە قارىتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەلەب ۋىلايىتىمۇ پۈتۈنلەي ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشكە تەييار ھالەتكە كېلىپ قالدى. دېمەك، ھازىرقى شارائىتتا ئەسەد كۈچلىرى توقۇنۇشلاردا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

رۇسىيە سۈرىيەگە مۇداخىلە قىلىشنى باشلىغىنىدا ئۇنىڭ بۇ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇش ئىچىدە قېلىشنى خالىمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى بىر ئافغانىستان تەجرىبىسىنى باشتىن كەچۈرۈش نىيىتى يوق ئىدى. ئەسلىدىمۇ رۇسىيە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە كۆپ بولغاندىمۇ 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاكتىپ ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. رۇسىيە بۇ مۇداخىلىسى ئارقىلىق ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يىمىرىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇۋالدى. نەتىجىدە، سۈرىيەنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىكى ئورنى كۈچەيگەن بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە سۈرىيەدە ئىلغار تېخنىلوگىيەلىك قوراللىرىنى سىناق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ھەربىي مۇداخىلىنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىلا ھازار دېڭىزىدىن تۇنجى قېتىم 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۈرىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، ئۇ يەردىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا رۇسىيە قاتار ۋە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز تەبىئىي گازىنىڭ ياۋروپاغا ئېقىشى مەسىلىسىدە ئەمەلىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىپ، كېلەچەك ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئېرىشتى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن رۇسىيە قايتىدىن ئۆزىنى ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەك بولغان بىر كۈچ سۈپىتىدە تونۇتتى. ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلى غەرب تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان رۇسىيە، سۈرىيە مۇداخىلىسى سايىسىدا قايتىدىن غەربنىڭ سۆھبەت شېرىكى بولدى.

پۇتىننىڭ باياناتى ئېلان قىلىنىش ۋاقتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دىققەتنى تارتىدۇ. پات – پات كىچىك ھەجىملىك خىلاپلىق قىلىشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلىيىتى مەۋجۇت. پۇتىننىڭ باياناتى جەنۋەدە ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دې مىستۇرا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى ئوينىغان ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى باشلىغان پەيتكە توغرا كەلدى. پۇتىننىڭ بۇ قارارى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە دىپلوماتىك چارە تېپىش مەسىلىسىدە ئورۇنسىزلا يارىشىشنى خالىمايدىغان تەرەپ بولماسلىقى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئۇنى قوللىشىنىڭ چەكلىمىسىز ۋە شەرتسىز ئەمەسلىكى سېگنالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدىلا بەرگەن بولدى. رۇسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتلار، پۇتىننىڭ قارارىنىڭ ئەسەد بىلەن مەسلىھەتلەشمەستىنلا ئۆز ئالدىغا چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا ئەستايىدىل نەزەر سېلىنغىنىدا، ئىلگىرى سۈرۈلگىنىنىڭ ئەكسىچە، پۇتىننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقىلى بولمايدۇ. رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەزىدە ئەيىبلىگەنىدى. لېكىن، ئۇمۇمەن رۇسىيەنىڭ ئەسەدكە ياردەم قولىنى سۇنۇشى ئامېرىكىنى بىئارام قىلمىدى. ھەتتا دائېشقا قارشى ئەسەدنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى ئامېرىكا خالايدىغان، ئەمما ئۆزى قىلالمايدىغان بىر ئىش ئىدى. رۇسىيەنىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىشى ئەسلىدە ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىلدە بىئاراملىق پەيدا قىلىدىغان بىر ئىش بولسىمۇ، قىسقا مەزگىلدە ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەرگەنلىكى ‹پايدىلىق› دەپ قارالدى.

ئەمما ئامېرىكا دائىرىلىرى، رۇسىيەنى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە سۈرىيە مەسىلىسىگە دىپلوماتىك چارە تېپىش يولىدا يېتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىدى، دەپ قاراۋاتاتتى. ئۇلار بۇ ئەھۋالدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ تۇردى. پۇتىننىڭ مەزكۇر قىسمەن چېكىنىش قارارى ئامېرىكا نۇقتىسىدىن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۈستىدە كۆڭۈلدىكىدەك بېسىم پەيدا قىلىدىغان بىر ئەھۋال، دەپ قارىلىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەرلىرىنى قسىمەن چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ بالدۇر ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رۇسىيە دەسلەپتە ئىلگىرى سۈرگەن مۇددىئالىرىنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالدى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئازراق بولسىمۇ ‹ھاياتلىق› بېغىشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە ئىزچىل ھالدا بىر پاتقاققا پېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدى ۋە مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئورتاق نۇقتا تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مايىللىقى موسكۋانىڭ چېكىنىش قارارىنى چىقىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. رۇسىيەنىڭ مەزكۇر قىسمەن چېكىنىش قارارىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ياكى ئەمەسلىكىنى جەنۋە مۇزاكىرىلىرىدىن كېيىنكى ئەھۋاللار بەلگىلەيدۇ. مۇزاكىرىلەردە ئۆكتىچىلەر بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كېلىشىش ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقى يوق. ئەكسىچە، ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى. ئەسلىدىمۇ ھىزبۇللاھنىڭ قوللىشى ئارقىسىدىكى ئەسەد كۈچلىرى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۇرۇش توختاتقان بولسىمۇ، ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. توقۇنۇشلار باشلىنىپ كەتكەن تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ھاۋا ئارمىيەسى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە ياردەم سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن، توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئىشلار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە زىيانلىق يۆنىلىشكە قاراپ ماڭسا، رۇسىيەنىڭ قىسمەن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارى ئۆتكۈنچى بىر قارار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر