خۇشپېئىللىق

مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئانادولۇ تۈرلۈك ئىنسانلار، ئوخشىمىغان ئېتىقاد – ئاڭلار، پەلسەپىلەر ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن يوغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

427900
خۇشپېئىللىق
Türkler

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، مانا مۇشۇنداق مىسلىسىز مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان ئانادولۇدا ئۆزىگە خاس كىملىك يارىتىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرغان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتتۇر.

تۈركىيەدىكى ئىنسانلارنى تونۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ئۈستىگە بەرپا قىلغان كۈچلۈك قىممەت ئۆلچەملىرىنى ياخشى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ھايات سىستېمىسى تەڭرى، ئىنسان ۋە تەبىئەتنىڭ مۇكەممەل ماسلىقى ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. تەڭرى مەركەزكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ چۈشەنچە سىستېمىسىمنىڭ ئىچىدە پۈتكۈل مەۋجۇداتلار مەخپىي رىشتىلىرى ئارقىلىق بىر - بىرىگە باغلىنىق بولۇپ، بۇ ئاڭ «خۇشپېئىللىق» ئاتالغۇسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

«خۇشپېئىللىق» غەربتىكى «كەڭ قورساقلىق» چۈشەنچىسىنىڭ شەرقتىكى شەكلى بولۇپ، «كەڭ قورساقلىق» قا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار ئوروندا تۇرىدۇ.

خۇشپېئىل ساھىبى ئانادولۇ خەلقى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا «تەڭرىنىڭ مەخلۇقاتلىرى» دەپ ئىللىق مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى توغرا ھەم خاتالىق تەرەپلىرى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ. بۇرۇنمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئانادولۇ خەلقىنىڭ سۆيگۈ ۋە مېھرى – شەپقەت بىلەن تولغا ھېسسىياتىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بولۇپمۇ ئانادولۇدىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ بۇ جۇغراپىيەنىڭ ئۆتمۈشىدىن قولغا كەلتۈرگەن مىراسقا قوشقان تۆھپىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرگەن.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ مىراس بارغانسېرى بېيىپ، ئانادولۇنىڭ ئىلىم – مەرىپەت خەزىنىسى تېخىمۇ زورايغان، نەتىجىدە بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەر، شېئىرلار ۋە كىتابلار ئارقىلىق تارقىتىلغان.

ئانادولۇ خەلقىنىڭ ھېسسىياتچان روھىي دۇنياسىغا سۆيگۈ – مۇھەببەت ئورناپ كەتكەن. جۈملىدىن ئانادولۇ خەلقى بۇ ھېس – تۇيغۇلىرىنى بىزگە ناخشا – مۇزىكىلىرى بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، بۇنداق ھېس – تۇيغۇلارغا ئىگە كىشىلەر پەقەت ناخشىچىلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس. تۈركىيەدە كوچىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەرقاندىقىدا بۇ ئالاھىدىلىكنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، چوڭ – كىچىك ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خانىم – قىزلارغا ھەمىشە «جېنىم»، «جان – جىگىرىم»، «ئامرىقىم»، «سۆيۈملۈكۈم» دەپ خىتاب قىلىدۇ. قىسقىسى، جېنىدىنمۇ ئېزىز كۆرىدۇ. تونۇش – بىلىشلىرىگە «قەدىرلىك بۇرادىرىم»، «گۈلۈم» دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئالدىدىكى ئىنسانلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت تۇيغۇسى ئىچىدە خىتاب قىلىپ، ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ. گەپ قىلغاندىمۇ ھۆرمەت ۋە ئەدەب – ئەركاننى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز كىملىكى، ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر