ئۇيغۇرئېلىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكلەنگەندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى

ئۇيغۇر ئېلى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، يەنە قايتىدىن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك دەۋرگە قەدەم قويىدۇ.

424177
ئۇيغۇرئېلىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكلەنگەندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1949-يىلى 11-ئاينىڭ 26- كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىغا رەسمىي قەدەم باسىدۇ. ئۇيغۇر ئېلى شۇنىڭدىن تارتىپ، يەنە قايتىدىن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ دەھشەتلىك بىر دەۋرگە قەدەم قويىدۇ. خەلق قىرغىن قىلىنىدۇ ۋە زىندانغا تاشلىنىدۇ. 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكلەنگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆلكە رەئىسى بۇرھان شەھىدىنىڭ ئۈرۈمچى رادىيوسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە: «ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كوممۇنىستىك ئىنقىلابىغا قارشى چىققان ‹ئۆكتىچى ئۇنسۇرلار› دىن 46.800 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.»

ئۈرۈمچى رادىيوسى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۆز ۋاقتىدا تارقىتىلغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كوممۇنىزمغا قارشى چىققان ئۆكتىچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ياكى ئۆلتۈرۈش خەلقى - ئالەمگە سازايى قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئۇسۇل تونۇلغان سىياسىيون ۋە تارىخچى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

«كوممۇنىست ساقچىلار شەھەر ئاھالىسىنى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، يۈزلەرچە، ئونلارچە، ھېچ بولمىغاندا بىرنەچچە سىياسىي مەھبۇسنىڭ پۇت-قوللىرىغا كىشەن سېلىپ مەيدانغا يالاپ ئېلىپ كېلەتتى، خەلق ئاھالىسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ئىشپىيونلار سىياسىي مەھبۇسلارنى بولۇشىچە تىللايتتى، ھاقارەتلەيتتى، ھەتتا ‹بۇ دۆلەت خائىنلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن› دەپ ۋارقىرايتتى. بۇ ئەھۋالدا ھېچكىم ئۈنىنى چىقىرالمايتتى. ھەممە ئادەمنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتەتتى. مۇشۇ پەيىتتە، ‹سوتچى› قىياپىتىدە بىر قانچە كوممۇنىست قولىغا بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشەتتى، ئۇلار قولىدىكى قەغەزلەردىن بىرنى تاللاپ ئوقۇيتتى. قەغەزدە دائىم مۇنۇ سۆزلەر يېزىلاتتى: ‹بۇ خائىنلار ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەگە جاسۇسلۇق قىلماقتا، بۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈشتى، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىشتى، خەلقنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تالان-تاراج قىلىشتى، رەئىس ماۋزېدۇڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتى، دوستىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۈشمەنلىق قىلىشتى، بۇ چوڭ جىنايەت سەۋەبلىك، قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇ خائىنلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك.› بۇ قەغەزدىن ئالدىن تەييارلانغان جىنايەت تۈرلىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، بىرى چىقىپ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈم ھۆكمىنى بېرەتتى. جاللاتلار دەرھال مەيدانغا چۈشۈپ، ئۇلارنى ئوققا تۇتاتتى، قىلىچ بىلەن بېشىنى كېسەتتى. بىچارە خەلق بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرەلەرگە شاھىت بولغاچقا، قاتتىق قورقۇپ كەتكەنىدى. خەلقى-ئالەمگە سازايى قىلىش دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئېچىنىشلىق سەھنىدە، نە سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ، نە خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشىغىمۇ يول قويۇلمايتتى.»

ئۆلكە رەئىسى بۇرھان شەھىدىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن، 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 239 كىشى خەلققە سازايى قىلىنىش ئۇسۇلى بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. خەلقنى قىرغىن قىلىش نوقۇل سوت مەھكىمىلىرىگىلا خاس ئەمەس ئىدى. ھەتتا چەت رايونلاردىكى ئازىراق ئەمىلى بارلارمۇ سىياسىي مەھبۇسلارغا خەلقى-ئالەمگە سازايى قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرەلەيتتى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئادەتتىكى ئىشلاردەكلا ئېلان قىلىناتتى.

ئۆلكە رەئىسى بۇرھان شەھىدى 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى رادىيوسىدا مۇنداق دوكلات ئېلان قىلغان:

«ئىنقىلابقا قارشى ئۆكتىچى ئۇنسۇرلار بىلەن جاھانگىرلارنىڭ جاسۇسلىرى قويۇق بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا، بۇ سەۋەبتىن ئۆلكىدە 1700 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ساقچى ئىدارىسى قۇرۇلدى. مەزكۇر ئىدارىگە قاراشلىق ساقچىلارنىڭ شەھەر، ناھىيە، يېزا-قىشلاق، تاغ ۋە چۆللەرگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆكتىچى ئۇنسۇرلارنىڭ پىيىگە چۈشۈپ قولغا چۈشۈرۈش، تەسلىم بولمىغان تەقدىردە نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش ھۇقۇقى بار. ھازىرغىچە مەزكۇر ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 12 مىڭغا يەتتى.»

ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئىككىنچى سېكرېتارى شۇ لىچىن 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى باياناتىدا: «قوراللىق باندىتلاردىن 13660 ئۇنسۇرنى ئۆلتۈردۇق.» دېگەن.

رەسمىي ئېلان قىلىنغان بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تىكلەنگەندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 72705 گە يەتكەن. شۇ لىچىننىڭ مەزكۇر باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 93 بولغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن رەھبەرلىرى ئىچىدە كوممۇنىستلار تەرىپىدىن باندىت دەپ ئاتالغان، ئوسمان باتۇر، سابىق مالىيە نازىرى جانىمقان، ئوراز بەگ، سابىق ئاقسۇ ۋالىيسى سېيىت ئەھمەت خوجا، سابىق ياركەنت ۋالىيسى پاسار بەگ، سابىق خوتەن ۋالىيسى نۇربەگ ۋە باشقا مۇھىم رەھبەرلەرمۇ بار ئىدى.

زىندانغا تاشلانغانلار ئىچىدە سابىق ئۆلكە رەئىسى مەسئۇت سابىرى، جىيەنلىرىدىن رەھىمجان ۋە ئابدۇلغوپۇر سابىرى، غېنى باتۇر، فاتىھ باتۇر ۋە باشقا رەھبەرلەر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، خەبىر، ئەخمەت زىيائى قۇربان قۇداي قاتارلىق يۈزلەرچە مىللەتچى شائىر ۋە ژۇرنالىست، چىڭگىز داموللام، باي ئەزىزى، سەلچۇق نىياز، ئەلسۆيەر قاتارلىق مىڭلارچە مىللەتچى ياش بار ئىدى. قۇربان قوداي بىلەن چىڭگىز داموللام 1952-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. قالغانلىرى 5 يىلدىن 20 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر