رۇسىيە سۈرىيەدە ئاساسىي قارار چىقارغۇچىغا ئايلىنىش نىيىتىدىمۇ؟

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «رۇسىيە سۈرىيەدە ئاساسىي قارار چىقارغۇچىغا ئايلىنىش نىيىتىدە» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

423999
رۇسىيە سۈرىيەدە ئاساسىي قارار چىقارغۇچىغا ئايلىنىش نىيىتىدىمۇ؟
TPOD_1_UYGURCA

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «رۇسىيە سۈرىيەدە ئاساسىي قارار چىقارغۇچىغا ئايلىنىش نىيىتىدە» دېگەن تېما ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

رۇسىيە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش شوئارى ئاستىدا سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن سۈرىيەنىڭ سىياسىي كېلەچىكىنى بەلگىلەش مۇددىئاسىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلماقتا. رۇسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىسيانچىلارنى «ئەسەد بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئەسەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچلىققا قەدەم بېسىش مۇساپىسىگە رازى بولغۇچىلار ۋە بۇنىڭغا رازى بولمايدىغانلار» دىن ئىبارەت ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلماقتا. بۇ مەنىدە رۇسىيە پەقەت ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن كوردلارنىڭ دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى (PYD) ۋە ئۇنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان خەلقنى قوغداش قىسىملىرى (YPG) نى قانۇنلۇق ئۆكتىچىلەر، دەپ قوبۇل قىلماقتا.

* * *

سۈرىيەلىك ئىسيانچى تەشكىلاتلاردىن «ئىسلام ئارمىيەسى» نىڭ لىدېرى زەھران ئەللۇشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى رۇسىيە تەرىپىدىن قارىغاندا، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرىلىرىگە كىملەرنىڭ ئىشتىراك قىلىپ، كىملەرنىڭ قىلالمايدىغانلىقىنى تېڭىش دېگەنلىك بولىدۇ. رۇسىيە بۇ ئارقىلىق بولۇپمۇ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىگە كۆرىنەرلىك چەكلىمە قويۇشنى كۆزلىمەكتە. بۇ شۇنداقلا ئوباما ھۆكۈمىتىگىمۇ سېگنال بېرىش دېگەنلىك بولىدۇ.
ھەممىدىن مۇھىمى رۇسىيە سۈرىيەگە مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا كىرىزىسى تۈپەيلى دۇچ كەلگەن يالغۇزلاشتۇرۇش ھالقىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۆزلىشىش تەرەپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىش پۈرسىتىنى قولغا كەلتۈردى. پۇتىن سۈرىيەدە ناھايىتى ئاددى مەقسەت – مۇددىئالارنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ مەقسەت – مۇددىئالىرى موسكۋانىڭ چەكلىك ئىمكانىيەتلىرىگە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى مۇزاكىرىگە تەرەپ بولىدىغان بىر سىياسىي مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە قوغداشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت. بۇ ھەم رۇسىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە كېلەچەكتە بىرەر چارىنى تېڭىش ئۈچۈن زۆرۈر بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

پۇتىننىڭ نىيىتى سۈرىيەنىڭ پۈتكۈل رەسمىي چېگرالىرى تەۋەلىكىدە تولۇق ھۆكۈم سۈرىدىغان ئەسەد تۈزۈمىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئەمەس. ئۇ ئىراننى چەتكە قېقىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان بىر كۈچ سۈپىتىدە سۈرىيە تەڭلىمىسىدە ئورۇن ئېلىشنىمۇ ئويلىمايۋاتىدۇ. پۇتىن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسەدنىڭ مەغلۇپ بولماسلىقى ۋە سىياسىي ئاكتىيورلۇقتىن ۋاز كەچمەسلىكىلا كۇپايە. شۇنداق بولمايلا قالسا، رۇسىيەنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەسىرىگە بىر ئاز چەكلىمە قويالايدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، رۇسىيە 1970 – يىللاردىن بۇيان رايوندا پەقەتلا ئۇچرىتالمىغان بىر ھەربىي كۈچ بولۇش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەنمۇ بولىدۇ. دېمەك، ئەسەدنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغدىشى موسكۋاغا ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز (ئوتتۇرا دېڭىز) دىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئاساسقا ئىگە قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ رايوندىكى ناتو مەۋجۇدىيىتىگە قارشى بىر تەڭداش كۈچ شەكىللەندۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك نىشان قىلىپ بېكىتكەنلىكىنىمۇ ئېيتىشىمىز مۇمكىن. شەرقىي ئاق دېڭىز رايونىدا تۇنجى قېتىم بىر رۇس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقماقتا. بۇ مەقسەتتە دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىشلىتىلىشى پەقەتلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىلغار تېخنولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى، ھاۋا ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئايروپىلانلار ۋە راكېتامىيۇتلار بېسىلغان پاراخوتلارمۇ رايونغا كەلتۈرۈلدى. نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك بولغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، رۇسىيە بۇ مۇداخىلىسى سايىسىدا ئامېرىكا ۋە بۈيۈك بېرىتانىيەدىن قالسا سۇ ئاستى پاراخوتىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش قۇدرىتىگە ئىگە ئۈچىنچى ھەربىي كۈچ سۈپىتىدە سەپكە قېتىلغانلىقىنى نامايەن قىلىش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرقى شارائىتتا سۈرىيە رۇسىيەنىڭ يېڭىدىن ئىجاد قىلغان قوراللىرىنى سىناق قىلىدىغان بىر ساھەگە ئايلاندى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۈرىيە ھازىر رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان بىر توقۇنۇش رايونى ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە بىر تەرەپتىن غەربكە قارشى رايوندا ئۆز ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىسە، يەنە بىر تەرەپتىن دائېشقا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقى دائىرىسىدە ئىران ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلىرىگە قارشى قىلىۋاتقان ئۇرۇشىنى يوللۇقلاشتۇرىدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال رۇسىيە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە ئىران بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇق تەرەپ سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىشلىرىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە رۇسىيەنىڭ ئىران بىلەن ئورناتقان ئىتتىپاق تورى رايوندا رۇس تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ھەسسە قوشىدۇ.

پۇتىن قولىدىكى ئىمكانىيەتلەرگە ماس نىشانلارنى بېكىتكەن بىر ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسىگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتى مۇۋاپىق بولسىمۇ، بىر دېلىممانى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا؛ تۈزگەن ئىستراتېگىيە ۋە پىلانلىرى توغرا چىققان تەقدىردىمۇ، ئۇلار رۇسىيەنى قىسقا مەزگىللىك پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك قارىغاندا، سۈرىيە مەسىلىسى ھەل بولماي قالغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ ئېغىر كىرىزىسنىڭ ئىچىگە پېتىپ قېلىشى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئېزىز دوستلار! يۇقىرىدا «تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىز بويىچە «رۇسىيە سۈرىيەدە ئاساسىي قارار چىقارغۇچىغا ئايلىنىش نىيىتىدە» دېگەن تېمىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر