رەھىم – شەپقەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئادالەت پەيغەمبىرى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامىلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى

413648
رەھىم – شەپقەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئادالەت پەيغەمبىرى

 

رەھىم – شەپقەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئادالەت پەيغەمبىرى


ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەككىنى فەتھى قىلىشقا كېتىۋاتاتتى. شۇ جەرياندا ئەنسارلارنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلىۋاتقان سائىد ئىبنى ئۇبادەنىڭ ئېغىزىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا ئالاقىدار سۆزلەر چېقىشقا باشلىدى. ئۇ «بۈگۈن ئۇرۇش ۋە ئىنتىقام كۈنىدۇر، بۈگۈن قان ئېقىتىش ھالال قىلىنغان كۈندۇر» دەپ توۋلىدى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان رەھمەت ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بايراقنى سائىدتىن تارتىپ ئېلىپ باشقا بىر ساھابىگە بەردى. ئاندىن ساھىبىلەرگە بۇرۇلۇپ: «بۈگۈن مەرھەمەت كۈنىدۇر، بۈگۈن قان ئېقىتىش ھارام قىلىنغان كۈندۇر» دېدى. (بۇخارى)
يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشۇننى باشلاپ مەككىگە كېتىۋاتقاندا يېڭى تۇغۇلغان كۈچۈكلىرىنى ئېمىتىۋاتقان بىر ئىتنى ئۇچراتتى. رەھمەت ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىسىدىن چۈشۈپ، تاكى ساھابىلەر قوشۇنى تولۇق ئۆتۈپ بولغۇچە زىيانغا ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر ساھىبىنى ئۇ ئىتنىڭ يېنىدا نۆۋەت تۇتۇشقا تەيىنلىدى. دەل شۇ پەيتتە ساھابىلەرگە بۇرۇلۇپ: «زېمىندىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا مەرھەمەت قىلىڭلاركى، كۆكتىكىلەرمۇ سىلەرگە مەرھەمەت قىلىسۇن» دېدى. (تىرمىزى)
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۈت قەندىلىمىز باشلىنىدۇ. بۇ مۇبارەك كۈنلەردە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىش بەختىيارلىقىغا مۇيەسسەر بولۇشىنى ئاللاھ تائالادىن تىلەيمىز. ئاللاھ قەلبىمىزدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى قەتئىي كەم قىلمىسۇن، بىزنى ئۇنىڭ تەڭداشسىز ئۈلگىلىك ئۆنەكلىرىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن ئامىن.
باياتىن توختىلىپ ئۆتكىنىمگە ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكمەت ۋە ئىنساپ – ئادلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان سۆزلىرى 14 ئەسىر ئىلگىرىلا ئىنسانىيەتكە ئىنتايىن مۇھىم دەرسلەرنى بەرگەن ئىدى. ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ يارىشىدىغىنى، يۈرىكىنى ئۆچ، ئاداۋەت، نەپرەت ۋە ئىنتىقام بىلەن پۇچىلاش ئەمەس، سۆيگۈ – مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ئۆزئارا ئەپۇچانلىق قاتارلىق گۈزەللىكلەر بىلەن بېزەش ئىكەنلىكىنى تەلىم بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلغان ۋە ئەخلاقتا ھەممىدىن ئۈستۈن قىلغان مانا بۇ ئاڭ ۋە پوزىتسىيە ئىدى. ئۇ ئادىمىيلىكنىڭ يولىنى، ئىنسانلارنىڭ قەلب، ئىددىيەلىرىنى يورۇتقان نۇرلۇق چىراغ ئىدى. ئۇ خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاللاھقا ھەقىقىي مەنىدىن بەندىچىلىك قىلغۇچى ئىدى. ئىنسانىي قىممەت قاراشلارغا ئەمەل قىلغان ۋە ئومۇملاشتۇرغانلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ئىدى. ئۇ ئۆز نۇۋىتىدە يەنە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ، ئىنسانلارغا ئاللاھتىن ۋە يارىتىلىش تەبىئىتىدىن، ئەخلاقىدىن ۋە مەردانىيلىقتىن ئايرىماسلىق كېرەكلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتكەن ئىدى.
قىممەتلىك قېرىنداشلار!
پەيغەمبەرلەر سىلسىلىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسانىيەتنى يالغۇز بىرلا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە پەقەت ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭ چاقىرىقى، ئۆلۈمگە نىسبەتەن ھاياتلىق، زۇلۇمغا نىسبەتەن ئادالەت، جاھالەتكە نىسبەتەن بىلىم، ۋىجدانسىزلىققا نىسبەتەن مەرھەمەت، ئۆچ – ئاداۋەتكە نىسبەتەن ئەپلىشىش ۋە تىنچلىق بولدى. ئىنسانىيەت ئۇ ئارقىلىق ئادىمىيلىكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى، يارىتىلىشىنىڭ غايىسىنى ۋە ھېكمىتىنى قايتىدىن تونۇپ يەتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىنسانلارنى ھەقىقىي ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئىنسانلارنى چىقىشقاق، خوشپىئىل قىلىدىغان، تەبىئەتكە ماسلاشتۇرىدىغان ۋە بىر گەۋدىلەشتۇرىدىغان، جۈملىدىن پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن تەربىيەلىدى.
بىز مۇسۇلمانلار ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە مەھكەم ئېسىلغان چېغىمزدا، ئۇلارنى ئەملىيلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن چېغىمىزدا، ئاندىن پەيغەمبىرىمىزگە لايىق ئەزىز بىر ئۈممەت بولالىدۇق. قانداقلا چاغدا بوشىشىپ، چېكىنگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك تەلىماتلىرىدىن ۋە ئۈلگىلىك ئۆرنەكلىرىدىن ئۇزاقلاشقىنىمىزدا بولسا، يولىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق. بىر پۈتۈن ئۈممەت بولۇش سۈپىتىمىز مۇسىبەتلەرگە مۇبتىلا بولدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى دۇچار بولغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ تۈپ سەۋەبى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھمەت ۋە مەرھەمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان چاقىرىقلىرىنىڭ، بۈگۈنگە ۋە كەلگۈسىگە بولغان قاراشلىرىنىڭ توغرا چۈشۈنۈلمىگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ تەڭداشسىز ئۈلگىلىك رولىنى ئېغىزىمىزدىلا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، قەلب، ئىددىيەلىرىمىزگە توغرا سىڭدۈرمىگەنلىكىمىز، تەپەككۈرىمىزغا مەھكەم ئورۇنلاشتۇرالمىغانلىقىمىز ۋە تۇرمىشىمىزدا توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقىمىز ئاساسلىق سەۋەب بولدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممىلا ئەتراپىدا ئۆلتۈرۈلىۋاتقان گۇناھسىز ئىنسانلارنىڭ، ئەرشكە ئۆرلەۋاتقان پەرياتلارنىڭ تۈپ سەۋەپكارى بىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقىي يارىشىملىق ئۈممەت بولالمىغانلىقىمىزدۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار !
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئىنسان ۋە مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزلەرگە مەسئۇلىيىتىمزنى ۋە ۋەزىپىلىرىمىزنى ئۆگىتىپ كەتتى. بىراق بىزلەر كۆپ ھاللاردا دۇنيا مەشغۇلاتلىرىغا ئەسىر بولدۇق. پەيغەمبىرىمىز، ئىرق، تىل، تەن رەڭگى ياكى جۇغراپىيە ئوخشىماسلىقىغا قارىماستىن ھەممەيلەننى ئوخشاش بىرلا ئاللاھقا، ئوخشاش كىتابقا، ئوخشاش پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتقان، ئوخشاش سەجدىگە باش قويىدىغان، ئوخشاش قىبلىگە يۈز كەلتۈرىدىغان، ئوخشاش نىشانغا قاراپ ماڭىدىغان قېرىنداشلار دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن مانا بۈگۈنكى كۈندە بىزلەر قېرىنداشلىق ئەخلاقىنى ئۇنۇتتۇق. بۇ ئۇلۇغ مەنىۋى بايلىقىمىزنى كۆپىنچە ھاللاردا جاھالەت، پايدىسىز تالاش - تارتىش ۋە زىددىيەتلەرگە قۇربان قىلىۋېتىدىغان بولدۇق. رەببىمىزنىڭ «بىز سېنى پەقەت ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» (سۈرە ئەنبىيا 107 – ئايەت) دېگەن خىتاب بىلەن بىزگە يوللىغان پەيغەمبىرى، بىزلەرگە رەھىم – شەپقەتنى، ۋىجدان، ئىنساپ، سەبىرچانلىق خۇشپىئىللىق ۋە ئەپۇچانلىقنى ئۆگەتتى. بىراق بىزلەر ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، ئەتراپىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز ۋە سالاھىيىتىىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق. يۈرەكلىرىمىز قاتماللىشىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن قەلبىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساپ فىترەتىمىزگە ئىگە بولالمىدۇق.
پەيغەمبىرمىز بىزلەرگە ئادالەتنى ئۆگەتتى. بىراق بىزلەر ئادالەتكە پەقەت باشقىلارنىڭلا ئېھتىياجى بار، دەپ قارىدۇق. پەيغەمبىرىمىز بىزلەرگە يېتىم – يىسىرلارغا باش پاناھ بېچارىلەرگە چارە، ئۈمىتسىزلەرگە ئۈمىت بولۇشنى ۋە ئەڭ قېيىن چاغلاردىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ھاياتلىق يولىدا مەھكەم تۇرۇشنى ئۆگەتتى. بىراق بىزلەر بىشىمىزغا كەلگەن كىچىككىنە مۇسىبەتتىمۇ سورۇلۇپ تۈگىدۇق. كۆپ ھاللاردا تەقدىرنى ئەيبىلىدۇق. ئۇ بىزگە ئىگە -چاقىسىزلارنىڭ ئىگىسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچلارنىڭ ئۈمىدى، غىرىپ - غۇرۋالارنىڭ يۈرتى بولۇشنى ئۆگەتتى. لېكىن بىز تۈگىمەس - پۈتمەس ئارزۇ - ھەۋەسلىرىمىزنى قەتئىي تىزگىنلىيەلمىدۇق.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
بۈگۈن بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنتىقامنى، نەپرەتنى ۋە قان تۆكۈشنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان چاقىرىقلارغا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكمەت، مەرھەمەت، ۋىجدان، ئادالەت، ھەق ۋە ھەقىقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان چاقىرىقلىرىغا ئېھتىياجىمىز بار. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەتكە ئۇنىڭ كۆزى بىلەن قاراشقا ئېھتىياجىمىز بار. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى ھەممىلا جەھەتتىن ئۆرنەك ئېلىشقا، ئۇنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشقا، سۈننەتلىرىنى، ئۆزلىكىمىزنى ۋە مەدانىيلىقىمىزنى ئۇنىڭكىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجىمىز بار.
خۇتبىمىزنى ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇت سالاملارنى يوللاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
ئاللاھنىڭ سالامى ۋە مەرھىمىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان ئىزباسار مۆئمىنلەرگە بولسۇن، ئامىن !!!!


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر