مەۋلانا جالالىددىن رۇمى

مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئافغانىستاننىڭ بەلخ شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىدۇر.

410692
مەۋلانا جالالىددىن رۇمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئانادولۇدا تەسەۋۋۇپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى دېگەندە، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە شائىر، مۇتەسەۋۋۇپ، مەنىۋى ئۇستاز ۋە ئەخلاق – پەزىلەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. ئۇ 1207 – يىلى بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ بەلخ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.
مەۋلانا جالالىددىن رۇمى باشلانغۇچ ساۋاتىنى ئەينى دەۋردىكى داڭلىق ئالىملاردىن بىرى «بىلىملەرنىڭ سۇلتانى» دېگەن ئۇنۋان ئالغان دادىسى باھاددىن ۋەلەدتىن چىقارغان. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ داڭقىنى چىقارغان ئىدىيە - پىكىرلىرىنىڭ مەنبەسى مەدرەسە سىرتىدىكى خوجىلاردىن ئالغان تەسەۋۋۇپ تەلىملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئۆمرى بويىچە بەش مۇھىم ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. «مەسىنەۋى» ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمىدۇر. مەسىنەۋى شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ شېئىر ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما «مەسىنەۋى» دېگەندە «جالالىددىن رۇمىنىڭ مەسىنەۋىسى» ئەقىلگە كېلىدۇ.

مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەركىزىي تېمىسى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ يارىتىقلىرىغا بولغان ئاشىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن، مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئۈستىدە تۇرغان، مەركىزىي ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ ئاساسلىق مەۋجۇدىيەت – ئاللاھتۇر. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى پەلسەپەسىنىڭ يادروسىدا ئىنسانىيلىق پىكرى بار بولۇپ، مەقسىتى ئىنساننى تاكاممۇللاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئارزۇ - ھەۋەسلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئىلاھىي ئاشىقلىققا يۈزلەنگەن كىشىگە ئايلىنىشقا ياردەمچى بولۇشتىن ئىبارەت.
مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ پەلسەپەسىنى ئاز يىيىش، ئاز ئۇخلاش، نەپسىنى كونترول قىلىش، ئادەملەردىن كەلگەن ئەزىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش، يامان ئادەملەردىن يىراق تۇرۇپ، ياخشى ئادەملەر بىلەن بىرگە تۇرۇش، دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، ئادەم خۇشال بولۇشى ئۈچۈن شەكىلۋازلىقتىن ئۇزاق تۇرۇپ، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە باشقىلار بىلەن دوست بولۇپ، شۈكرى قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ پەلسەپەسىدە پەقەت پىكىرلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىش – ھەرىكەتلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ ئىنتايىن كىچىك پېئىل ئادەم ئىدى. ئۇ ئادەملەر توپىدىن قاچاتتى، كىشىلەرنىڭ قولىنى سۆيۈشى ۋە ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىگىلىپ تازىم قىلىشىدىن بەكمۇ بىئارام بولاتتى. ئۇ كىشىلەرگە ئىجتىمائىي تەبىقە ئوخشىماسلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلمايدىغان بولۇپ، ھەر تەبىقىدىكى بارلىق كىشىلەرگە كىچىك پېئىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ كىشىلىكىنى ۋە پىكىر – چۈشەنچىلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدا چوڭ تەسىر قالدۇرغان شەمسى تەبرىزى توغرىسىدىمۇ توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى تەبرىزى ھەققىدە توختالمىغان ۋاقتىمىزدا، مەۋلانا جالالىددىن رۇمى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمىزنىڭ كەمتۈك بولۇپ قىلىش ئېھتىمالى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى تۇيۇقسىزلا ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئۇنىڭغا جۇشقۇنلۇق ۋە قەلبىگە سىغدۇرالمايدىغان روھى كەيپىياتنىڭ پەيدا بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان شەمسى تەبرىزى، كەسكىن پىكىرلىك، ئەقىللىق ۋە بىلىملىك يول كۆرسەتكۈچى ئىدى. شەمسى تەبرىزى مەۋلانا جالالىددىن رۇمىغا دۇنيالىقتىكى «مەن» نى چىقىرىپ تاشلاپ، نەپسىدىن خالىي بولۇشنى، ئىگە بولغان دۇنيا نىئمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، شەخسىي ھەۋەس - ئىستەكلىرىنى يوقىتىشنى ئۆگەتكەن ئىدى. شەمسى تەبرىزى بىلەن مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئۇچرىشىشىنى، كۆپىنچە ئالىملار ئىككى دەريا (ئىككى بۈيۈك ئالىم) نىڭ قوشۇلۇشى دەپ تەرىپلەيدۇ.
پۈتۈن ھاياتىنى «ھامىدىم، كۆيدۈم، پىشتىم» دېگەن سۆزلىرى بىلەن خۇلاسىلىگەن مەۋلانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆلۈم قايتىدىن تۇغۇلۇش ۋە ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھېسابلىناتتى. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسان دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن روھىي، ئەركىن ۋە خۇشال ياشايدۇ، ئەمما دۇنياغا كەلگەندە بەدىنىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ روھى بەدىنىنى تەرك ئەتكەندە، يەنى ئۆلگەندە سۆيگۈنىگە، ياراتقىنىغا يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈم قورقىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىش ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋلانا ئۆلۈم كۈنىنى «توي كۈنى» ياكى سۆيگۈنى بىلەن ئۇچرىشىش پەيتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «شەبى ئارۇس» دەپ ئاتايدۇ ۋە دوستلىرىغا ئۆلۈمىدىن قايغۇرماسلىقنى ۋەسىيەت قىلىدۇ.
مەۋلانانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئانادولۇدا ئوغلى تەرىپىدىن «مەۋلەۋىلىك» دەپ ئاتىلىدىغان تەرىقەت قۇرۇلىدۇ. مەۋلەۋىلىك ئوسمانلى دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئانادولۇغا تارقىلىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشىدۇ. «مەسنەۋى» مەدرەسەلەردە مەجبۇرىي ئوقۇتۇلىدىغان دەرسكە ئايلىنىدۇ.
مەۋلەۋىلىك دېگەندە، مەۋلانا جالالىددىن رۇمى تەلىماتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سىمۋوللۇق ئىپادىسى ۋە مەۋلەۋىلىكنىڭ مۇھىم ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى بولغان «ساما ئايىمى» ھەققىدە توختىلىشىمىز لازىم. چۈنكى «ساما» مەۋلەۋىلىكتە ئاللاھقا يېتىش ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىشنىڭ بىر خىل يولى دەپ قارىلىدۇ. سامانى دۇنياۋى ئاشىققا يېتىپ بارىدىغان يولدىكى بىر قەدەم، بىر دۇئا ۋە ئايەم ئېلمىنتلىرى بار بولغان ئىبادەت ئۇسسۇلى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. مەۋلانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، سامانىڭ يېرى، ۋاقتى ۋە قائىدەسى يوق. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى بەدىنىنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسى ھېس قىلغان ۋە قەلبىدىن ھېچقاچان چىقارمىغان ئاللاھقا بولغان ئاشىقى بىلەن ھاياجانلىنىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان پۈتۈن مىنۇتلاردا ساما ئوينىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلىم، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئورگىنى 2005 – يىلى مەۋلەۋى ساما ئايىمىنى كىشىلەرنى مەدەنىي مىراسنىڭ قىممەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى، كونكرېت بولمىغان مىراسى دەپ قوبۇل قىلغان ئىدى.
تۇغۇلۇشىدىن 800 يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ نۇرى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيە – چۈشەنچىلىرى كۈنىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ۋە يولىنى ھازىرغىچە يورۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىدىن مۇستەقىل ھالدا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ سۆيگۈ ۋە ئاشىق پەلسەپەسى ئۇ ياشىغان كۈندىن بۈگۈنگىچە يالغۇز تۈرك خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھەر خىل دىن ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان پۈتكۈل دۇنيا كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى گېرمانىيەنىڭ داڭلىق شائىرى گوئېس، داڭلىق ئۇسسۇلچى مورىس بېجار قاتارلىق نۇرغۇن ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرگە كۆپ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇر ۋە يازغۇچىلار فىرانسىيەلىك تۈركۈلوگ ئىرەنە مېلىكوفنىڭ «مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئەسەرلىرىنى دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغان بولسا، دۇنيادا يامانلىق، ئۇرۇش ۋە نەپرەت دەيدىغان ھېچنەرسە قالمايتتى» دېگەن پىكرىنى قوللايدۇ.
شېئىرلىرىدا، «بۇ تۇپراققا سۆيگۈ ئۇرۇقىدىن باشقا ئۇرۇق تېرىمايمىز، بۇ پاك – پاكىزە ئېتىزغا باشقا ئۇرۇق تېرىمايمىز بىز» دېگەن مىسرالىرىنى ياڭراتقان مەۋلانا جالاىددىن رۇمىنىڭ، كىشىلەر ئارىسىدا سۆيگۈ، تىنچلىق ۋە ئۆم – ئىناقلىقنى يېيىش ئۈچۈن قىلغان پىكىرلىرى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۈگۈنمۇ باشقا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. كۈنىمىزدە مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ خىتابلىرى ۋە تەلىماتلىرى ھەممە دىن ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە كىشىلەرگە تىنچلىق رىتىمى ئىچىدە ياشاشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر