1 - نويابىردىكى سايلام ۋە نەتىجە ئانالىزى

تۈركىيەدە 2015 - يىلى 1 - نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى تۈركىيە تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى مەيدانغا چىقاردى. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى نۇقتىلىق سەۋەبى بار.

364001
1 - نويابىردىكى سايلام ۋە نەتىجە ئانالىزى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەدە 2015 - يىلى 1 - نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمى تۈركىيە تارىخىغا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى مەيدانغا چىقاردى. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى نۇقتىلىق سەۋەبى بار.
بىرىنچىسى، 7 - ئىيۇندىكى سايلام نەتىجىسىدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن 1 - نويابىردا قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلدى. شۇنداق قىلىپ 92 يىللىق جۇمھۇرىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلگەن بولدى.
ئىككىنچىسى ۋە تېخىمۇ مۇھىمى، 1 - نويابىردىكى سايلامنىڭ 7 - ئىيۇندىكى سايلامغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەيران قالارلىق كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەرنى مەيدانغا چىقارغانلىقىدۇر. راي سىناش شىركەتلىرىنىڭ ھېچبىرسى 13 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاق پارتىيە (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى) نىڭ 7 - ئىيۇندىكى %40.8 لىك ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ 1 - نويابىردا %49.4 كە ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ %16.33 تىن %11.9 كە، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ %13.7 تىن %10.6 كە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالمىغان ئىدى. بۇ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىگە بىنائەن، ئاق پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ئورۇندۇق سانى 258 دىن 317 گە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 132 دىن 134 كە ئۆرلىدى. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ 80 دىن 40 قا، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ 80 دىن 59 غا چۈشۈپ قالدى. پەقەت بىرلا راي سىناش شىركىتىنىڭ تەخمىنى رەقىمى ئازراق يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما قالغانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك خاتا تەخمىن قىلىشقان ئىدى. خۇددىي ئەنگلىيەدە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا كۆرۈلگەن خاتا تەخمىنگە ئوخشاش، تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسى ھەققىدىكى خاتا تەخمىنلەرمۇ ئايرىم مۇنازىرە تېمىسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىرچە تۈركىيە ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم سوئاللار ۋە تېمىلار تۆۋەندىكىچە:
-1 بۇ كۈتۈلمىگەن نەتىجىگە زادى قانداق باھا بېرىش لازىم؟
-2 بۇ نەتىجىنىڭ سەۋەبلىرى زادى نېمە؟
-3 بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈركىيە سىياسىتى قانداق شەكىللىنىدۇ؟
بىرىنچى سوئال تۈركىيە سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. 1 - نويابىردىكى سايلام نەتىجىلىرى شۇنى نامايان قىلىپ بەردىكى، 13 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاق پارتىيە 7 - ئىيۇندىكى كىچىك تەۋرىنىشتىن كېيىن قايتىدىن مۇستەھكەم ھالدا ئورنىدىن تۇردى. سايلامنىڭ بىردىنبىر غالىبى بولغان ئاق پارتىيە ئۇتۇقلۇق سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى بىلەن جەمئىي 12 سايلامنىڭ 11 دە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولدى. ئاق پارتىيە 2002 - يىلى 3 -نويابىردا تۇنجى قېتىم سايلام رىقابىتىگە چۈشكەندىن بۇيان جەمئىي 12 قېتىم سايلامغا قاتنىشىپ، 11 سايلامدا غەلىبىگە ئېرىشتى. تۈركىيە تارىخىدا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ سايلام ئۇتۇقلىرى ئاق پارتىيەنىڭ تۈركىيە سىياستىنىڭ دەل مەركىزىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى 7 - ئىيۇندا يالغۇز ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشەلىگۈدەك كۆپ ئاۋازنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئاق پارتىيەنىڭ 5 ئايدىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى %25 يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى ئىدى. 1 - نويابىر سايلاملىرىنىڭ باشقا مۇھىم تەرىپى بولسا، 3 ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ھەم ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەم 7 - ئىيۇنغا سېلىشتۇرغاندا، سايلام خىزمەتلىرىنى ياخشى ئېلىپ ماڭالمىغانلىقىدۇر. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئاساسەن دېگۈدەك ئالدىنقى قېتىمقى نىسىبەت (يەنى %25.4) نى ساقلاپ قالدى. تۈرك مىللىيەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن كورد مىللىيەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى بولسا زور دەرىجىدە ئارقىغا چېكىندى.
تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولغىنى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا 3 - ئورۇندىكى پارتىيەگە ئايلىنىشى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بولسا، 4 - ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى بولدى. بۇ نەتىجىلەردىن شۇنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 1 - نويابىر سايلىمىدا ئىرق ئاساسىدىكى مىللىيەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پارتىيەلەر چوڭ مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈۋاتقان ئاشقۇن ئۇچلارغا قېيىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېنىق نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
دەرھەرقىقەت، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ بۇنداق پەرقلىق چىقىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بار، ئەلۋەتتە. ئاق پارتىيەنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى شۇنچە تېز سۈرئەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسا، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇنىڭغا نىسبەتەن دەسلەپتە 7 - ئىيۇندىن ئىلگىرىكى ۋەزىيەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققىنىمىزدىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بىر ئېنىقلىما بېرەلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، 7 - ئىيۇن سايلاملىرىدىن ئىلگىرىكى پارلامېنت سايلىمىدا، يەنى 12 - ئىيۇن 2011 - يىلدىكى سايلامدا ئاق پارتىيەنىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى %49.83 ئىدى. ئەگەر مانا بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئاق پارتىيەنىڭ 2011 - يىلىدىكى قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئۆز پېتى ساقلاپ قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. بۇنداق ۋەزىيەتتە 7 - ئىيۇندىكى چېكىنشتىن كېيىن قانداق قىلىپ بۇرۇنقى ھالىغا كەلگەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەرنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىم ئامىل ئاق پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاكتىپچانلىقلىرىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە سېلىش تاكتىكىسى بولدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاق پارتىيەنىڭ 7 - ئىيۇندىكى چېكىنىشنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى يېڭىلاش قارارىغا كەلگەنلىكى مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 7 - ئىيۇندىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە يولغا قويغان سىياسەتلىرى، شۇنداقلا پارلامېنت ئەزالىرى تىزىملىكىنى تاكتىكىلىق كۈچەيتكەنلىكى، ئاق پارتىيەنىڭ 3 - مەزگىلگە قەدەم قويغان تەجرىبىلىك، تەسىرى كۈچلۈك خەلق ۋەكىللىرىنى قايتىدىن نامزات كۆرسەتكەنلىكى، ھەتتا ئـۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارىغىمۇ مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى جەھەتتىن مۇقىم ھالەتنى ساقلاپ قالدى. ھاكىمىيەت بېشىغا كېلەلىگۈدەك ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. بۇنىڭغا تۈركىيە جەمئىيەتشۇناسلىقى، تارىخىي ۋە سىياسىتى قاتارلىق چوڭقۇر سەۋەبلەردىن باشقا يەنە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىنىڭ سايلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالىغۇدەك دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقى بولدى. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، بۇ ئىككى پارتىيەنىڭ تېررورلۇق مەسلىسىگە قارىتا ئۈنۈملۈك بىرەر سىياسەت يولغا قويالمىغانلىقى بولدى.
ئەمدى سوراشقا تېگىشلىك مۇھىم سوئال ئاق پارتىيەنىڭ بۇ يېڭى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تۈركىيە سىياسىتىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىدۇر. بۇ جەھەتتە گەرچە ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما قۇرۇلما جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە قارىتا تاشلانمىسا بولمايدىغان مۇنداق تۆت قەدەمنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.
- 1 يېڭى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تۈزۈپ چىقىش
-2 ئىقتىسادتا ئوتتۇرا ھاللىق كىرىم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلۇش
-3 كورد ياكى تېررورلۇق مەسلىسىنى ھەل قىلىش
-4 سۈرىيە ۋە باشقا تاشقى سىياسەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش
ئالدىمىزدىكى تۆت يىل ئىچىدە تۈركىيە سىياسىتى ئاق پارتىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا قانداق قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىغا ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ سايلام نەتىجىسى بىلەن بۇ تۈپ مەسىلىلەرگە زادى قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىتا شەكىللىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر