ئوتتۇرا شەرق قورال سودىگەرلىرىنىڭ چۆنتىكىنى توملايدىغان جايمۇ؟

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قورال سودىگەرلىرى ۋە چوڭ دۆلەتلەر ئۇرۇش ئوتى ئۆچمىگەن ئوتتۇرا شەرقتە چۆنتىكىنى تومپايتىش ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشتى.

393284
ئوتتۇرا شەرق قورال سودىگەرلىرىنىڭ چۆنتىكىنى توملايدىغان جايمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەيرى رەسمىي يوللارنىڭ سىرتىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قورال – ياراغ سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ بازاردا نۇرغۇن دۆلەتلەر بىر – بىرىگە رەقىپ بولۇپ، تەڭپۇڭلۇق دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. 2014 – يىلى دۇنيا قورال سېتىش تىزىملىكىدە 23 مىليارد 700 مىليون دوللار بىلەن ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا، 10 مىليارد دوللار بىلەن رۇسىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە 8.4 مىليارد دوللارلىق قورال ئېكسپورت قىلىش بىلەن، ئوتتۇرا شەرققە ئەڭ كۆپ قورال ساتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى قولدىن بەرمىدى. 2014 – يىلى ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە 1.9 مىليارد دوللار، رۇسىيە 1.5 مىليارد دوللار، فىرانسىيە 1.3 مىليارد دوللار، گېرمانىيە 1 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال ساتتى. بولۇپمۇ، يېقىنقى كۈنلەردە فىرانسىيەنىڭ رايونغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئىمزالىغان كېلىشىملىرى بىلەن دىققەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن قالسىلا قورال سېتىشتا دۇنيادا 4 – ئورۇندا تۇرىدىغان فىرانسىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئاساس قىلغان ھالدا مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە سېتىپ بەرگەن قورال - ياراغ مىقدارىدا كۆپ ئېشىش كۆرۈلدى.
فىرانسىيە 2015 – يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ قاتارغا 6.3 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە 24 دانە، مىسىرغا 5.2 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە 24 دانە «رافايىل» ئۇرۇش ئايروپىلانى ساتتى. لىۋاننى قىممىتى 3 مىليارد دوللارلىق قورال بىلەن تەمىنلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ «ئەرەب باھارى» غا تۇتقان پوزىتسىيەسى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلىرى ۋە ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى سەۋەبىدىن، ۋاشىنگتونغا نىسبەتەن تاللاشقا بولىدىغان باشقا كۈچلەرگە يۈزلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئانالىزلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. نىيۇ يورك تايمس گېزىتىدە بۇ خىل ئانالىزلار ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يېڭىدىن 1 مىليارد دوللار قىممىتىدە قورال – ياراغ كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبىنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «كۆڭلىنى ئېلىش» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئەسلىدە رايوندا ھەقىقىي چوڭ كۈچ – ئامېرىكا، دېيىش خاتا ئەمەس. ئىيۇل ئېيىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانغا 5.4 مىليارد دوللار قىممىتىدە «PAC-3» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا يەنە، مىسىرغىمۇ 1.3 مىليارد دوللار قىممىتىدە سەككىز دانە F-16 سېتىپ بەردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر