خەلقئارا ھايۋانلارنى قوغداش كۈنى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ھايۋانسۆيەرلەر ھايۋانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە ۋە كىشىلەرگە ھايۋانلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.

386564
خەلقئارا ھايۋانلارنى قوغداش كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھاياتىڭىزدا بىرەر ئۆي ھايۋىنى بېقىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىز بېقىۋالغان ھايۋاننى ئائىلىڭىزنىڭ بىر ئەزاسىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۆيىڭىزدە باققان ھايۋاننىڭ تۆللىنىشىگە گۇۋاھ بولۇپ، يېڭىدىن تۇغۇلغان ھايۋان بالىلىرىنى سۆيۈپ چوڭ بولغانمىتىڭىز؟
بۇ سوئاللارغا جاۋابىڭىز «ھەئە» بولسا، سىزنىڭ ھايۋانلارغا بولغان مۇھەببىتىڭىز چوڭقۇر ئىكەن. سىز پەقەت ئىنسانلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلار بىلەنمۇ ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتالايسىز. بۈگۈن خەلقئارا ھايۋانلارنى قوغداش كۈنى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ھايۋانسۆيەرلەر ھايۋانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە ۋە كىشىلەرگە ھايۋانلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.
تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا، يەنى غار دەۋرىدە ئىنسانلارنىڭ ئىسكىلىتىنىڭ يېنىدا ھايۋانلارنىڭ ئىسكىلىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇلار تۇنجى بولۇپ، ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشنى باشلىغان، ئىنسانلار بىلەن ناھايىتى ئاسان ئالاقە ئورنىتالايدىغان - ئىنسانلار دوستى ئىتلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى ئىدى. ئىتلار ھەم گۆزەتچىلىك ھەمدە ئوۋدا ياردەمچى بولۇپ ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشىدى. ئىتلار ئىگىسى ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ يانمايدۇ. ئىتلاردىن قالسا، مۈشۈكلەر يېقىملىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىنسانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش، ھايۋانلارنىڭ ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەر بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلاتتى. ئىنسانلار ياشاش ئۈچۈنلا ھايۋانلارنى باقمىدى، بەلكى ئوۋ ھايۋانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئورتاق بولدى. غار دەۋرىگە ئائىت تام رەسىملىرىدە، ئوۋ ھايۋانلىرى مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈپ سىزىلدى. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن ياشىدى. ئىنسانلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىش شەكلىگە ئۆتكەندە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى. توخۇ، ئۇچار قۇشلار، قوي، ئۆچكە ۋە كالا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھايۋانلار ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆندۈرۈلدى. ھايۋانلارنىڭ سۈتى، گۆشى، تېرىسى، سۆڭىكى، تۇخۇمىغىچە بولغان ئۆي ھايۋانلىرى مەھسۇلاتى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم پارچىسىغا ئايلاندى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتلەردە، ھايۋانلار تەبىئەتتىن ئۈستۈن سىرلىق كۈچلەر بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى. ئوتتۇرا دەۋردە يەر شارى تۈز ۋە بىر ئۆكۈزنىڭ مۆڭگۈزىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، دەپ قارىلاتتى. چوڭ دىنلاردا جەننەتكە كىرىشتە مۇھىم دەپ قارىلىدىغان قۇربانلىق قىلىش ئادىتى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى ۋە كۈنىمىزگىچە داۋاملاشتى. قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش دىنىي بۇرچ ھېسابلاندى.
تەبىئەتتە ئۆي ھايۋانلىرىدىن باشقا ياۋايى ھايۋانلارمۇ بار. ئىنسانلاردىن باشقا، تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا يۈزلەنگەن جانلىق تۈرى يوق. تەبىئەتتە ئىنسان يېتىشتۈرگەن ھايۋانلاردىن باشقا، ناھايىتى سېمىز ھايۋانلار يوق. دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز شىر ۋە يولۋاسلارنى كۆرەلمەيسىز. ئىنسانلار بەزى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تۈرىنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە بېقىش ئۈچۈن ئوۋلايدۇ. ھىندىئانلارغا ئوخشايدىغان بەزى قەۋملەر ئوۋ ئوۋلاشتىن بۇرۇن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن قايغۇرىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
كۈنىمىزدە نۇرغۇنلىغان ھايۋان تۈرلىرى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. خەلقئارالىق قانۇنلار بىلەن ئۇلارنى قوغداشنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە. دۇنيادا بىرلىكتە ياشايدىغان ھايۋانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ياشاش چەمبىرىكىنى ئۈزلۈكسىز تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئىنسان بولۇشنىڭ ئەڭ ئەقەللىي شەرتى. تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە ئىت – مۈشۈكلەرنىڭ، بولۇپمۇ چوڭ ئاھالە رايونلىرىنىڭ مەركەزلىرىدە سۇ تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، سۇ قۇتىلىرىنى قويۇپ قويۇش، ھايۋانسۆيەرلەر كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. زامانىۋى جەمئىيەتلەر ھايۋانلارنىڭمۇ ھەق – ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇنلار ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەتراپىمىزدا ھايۋانلارغا ناچار مۇئامىلە قىلغانلارنى كۆرگىنىمىزدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ناچار ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇ ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەدەنىي قىممەتلىرىگە ئىگە چىقالايمىز...


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر