بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە -1

ئۇپۇق سىزىقى ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

334503
بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە -1

ئۇپۇق سىزىقى ناملىق پىروگراممىمىزدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام يوللايمىز! ياز پەسلىنىڭ بۇ ئىسسىق كۈنلىرىدە سىلەرنى ئالىي مائارىپ ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز، شۇنداقلا بىزمۇ ت ر ت تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسىدا سىلەر بىلەن دىدارلىشىشنىڭ ھاياجىنى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز.
پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زور ئۇتۇق قازانغان كالتەك توپ ماھىرى ۋە ياشلار ئۈچۈن ئۈلگىلىك شەخس ھېسابلىنىدىغان تەنھەرىكەتچى بابې رۇتىسنىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىدۇق. ۋاز كەچمەسلىك ۋە ھارماي-تالماي ئىشلەشتىن ھامان بىر كۈنى ئىجابىي نەتىجە چىقىدىغانلىقى شەكسىزدۇر.
ئۆتكەن ھەپتە سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا تىللارغا داستان بولغان گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك شەھەر ئىستانبۇلنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق. ئىستانبۇلنى بىر ئىككى سەھىپە بىلەن تونۇشتۇرۇش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىستانبۇلنى بىر نەچچە پىروگراممىدا تونۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەردەك قىممەتلىك دوستلىرىمىزدىن ئىستانبۇلنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇشىمىز ئۈچۈن تەلەپ كەلدى، بىزمۇ سىلەرنىڭ بۇ ئىستەك ۋە تەلەپلىرىڭلارنى خوشاللىق بىلەن ئادا قىلىمىز، ئەلۋەتتە. ئالدى بىلەن ئىشنى ئىستانبۇلدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى تونۇشتۇرۇپ بىلەن باشلايلى. بۇ ئالىي مەكتەپ، تۈركىيەدە شۇنداقلا دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلەردىن ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەشھۇر ئالىي مەكتىپىمىزنىڭ نامى بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر..
بىز بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور گۈلاي باربارئوسئوغلۇنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭدىن ھەم مەكتەپ قورۇسى ھەمدە خەلقئارادىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى ئۆتۈندۇق. ئۇ ئۆتۈنۈشىمىزگە قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ ھېكايىسىنى مۇنداق بايان قىلدى: «150يىلدىن ئاشقان تارىخى بىلەن ئاكادېمىك ئاپتونوملۇق ۋە ئىشتىراكچى باشقۇرۇش ئېڭىنى پىرىنسىپ قىلغان، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە پىكىر ئەركىنلىكىنى ياقلايدىغان بوزغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى، مائارىپ ۋە تەتقىقات ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلىرى قاتارىدا ئورۇن ئالغان، ئۆزىنى ئۆزگىچە مائارىپ ۋە تەتقىقات خىزمىتىگە ئاتىغان، شۇنداقلا مۇكەممەللىك ۋە ئەستايىدىللىقنى ئۆزىگە شوئار قىلغان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپتۇر. تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سەرخىل ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئەركىن مۇھىتتا بىر يەرگە جەم قىلغان بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز ساھەلىرىدە ناھايىتى ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئۆزلىرىنى، تۈركىيەنى ۋە دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى تونۇشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت بەرپا قىلغان.
بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر بىلىم، سودا-سانائەت، سىياسەت، سەنئەت قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە مۇھىم روللارنى ئۈستىگە ئالغان. ئالىي مەكتىپىمىز خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچى، ماگېسىتر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدا تەسىرى يۇقىرى، يېڭى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەكتىپىمىزنىڭ 6 مەكتەپ قورۇسى بار. ئالىي مەكتىپىمىزدە مائارىپ پاكۇلىتېتى، پەن-ئەدەبىيات پاكۇلتېتى، ئىقتىسادىي ۋە باشقۇرۇش ئىلىملىرى پاكۇلتېتى ۋە ئىنژېنېرلىق پاكۇلتېتى بولۇپ جەمئىي 4 پاكۇلتېت، ئەمەلىي بىلىملەر ئالىي تېخنىكومى، چەتئەل تىللىرى ئالىي تېخنىكومى بولۇپ ئىككى ئالىي تېخنىكوم، ئاتاتۈرك پىرىنسىپلىرى ۋە ئىنقىلاپ تارىخى ئىنستىتۇتى، بىئومېدىكال ئىنژېنېرلىق ئىنستىتۇتى، مۇھىت بىلىملىرى ئىنستىتۇتى، پەن بىلىملىرى ئىنستىتۇتى، كاندىل رەسەتخانىسى ۋە يەر تەۋرەش تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى، كۇڭزى تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى بولۇپ جەمئىي 6 ئىنستىتۇت بار، ئالىي مەكتىپىمىز يەنە 32 تولۇق كۇرس، 56 ماگىستىرلىق ۋە 32 دوكتورلۇق پىروگراممىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئاكادېمىك پىروگراممىغا ئىگە.»
مەكتەپ مۇدىرىدىن بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى سورىدۇق، ئۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆزىگە خاس ۋە قىممەتلىك قىلغان ئامىللار ئىچىدە تەنتەربىيە، كىنو، مۇزىكا، تىياتىر، ئەدەبىيات ۋە زامانىۋى سەنئەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپ ھاياتىغا ئاتا قىلغان ھەرىكەتچان ۋە ياخشى ئوقۇش مۇھىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئالىي مەكتىپىمىزدىكى دىنامىك مەدەنىيەت-سەنئەت مۇھىتى يىللار ئىچىدە ئاڭ سەۋىيەسى ۋە كەسپىي ساپاسى يۇقىرى ئىنسانلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بولۇپمۇ 40قا يېقىن ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى ۋە سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي مەكتەپ قورۇسىدا بولۇپ ئالىي مەكتىپىمىزنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە كونسېرتلار، تىياتىرلار، فىلىم، لېكسىيەلەر ۋە كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. مىتھات ئالەم فىلىم مەركىزى، 2014-يىلى دېكابىردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن نازىم ھىكمەت مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات مەركىزىگە ئوخشاش مەركەزلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي مەكتەپ چېگرىسىدىن ھالقىغان، ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىغا ھەسسە قوشقان يىغىنلار ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئالبېرت لوڭ ھاللدا ئۇيۇشتۇرۇلغان كىلاسسىك مۇزىكا كونسېرتلىرى شەھەرنىڭ مۇزىكا ھاياتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغانىدى.
شۇنداقلا 2013-يىل تەشكىللەنگەن بوغازئىچى كىرونىكىس گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۈركىيە سىرتىدىن بىلىم، مەدەنىيەت-سەنئەت ئىگىلىرى بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلماقتا، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە.
ئېزىز دوستلار! ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرىمىز، بىراق بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان مەلۇماتلىرىمىز تۈگىگىنى يوق، كېلەر ھەپتىلىك پىروگراممىمىزدىمۇ مەزكۇر ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزنىڭ قالغان قىسمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر