بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى

333741
بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ 5 – ئاۋغۇستتىن 7 – ئاۋغۇستقىچە قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ زىيارەت قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە قىرغىزىستانغا قىلغان تۇنجى زىيارەت سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنى ماناس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قارشى ئالدى. ئىككى پىرېزىدېنت قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئالا ئارچا پىرېزىدېنت سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىككى رەھبەر بۇ يەردە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشلاردا سودا – ئىقتىساد، تەبىئىي گاز، قاتناش ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇچرىشىشلاردا يەنە، ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى زىيارەتلەرنىڭ قىرغىزىستان بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى زور ھەسسە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ئۇچرىشىشلاردا قىلغان سۆزىدە، بۇلتۇر قۇرۇلغان قىرغىزىستان – تۈركمەنىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتنىڭ ناھايىتى ياخشى باشلانغۇچ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ % 50 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىككى رەھبەرنىڭ دەسلەپتە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى. ئىمزا مۇراسىمىغا ئاتامبايېۋ بىلەن بەردىمۇھەممەدوۋ ئورتاق باياننامىنى ئىمزالىدى. ئىمزالانغان كېلىشىملەر دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ، سەھىيە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، رايونلۇق ھەمكارلىق، مەدەنىيەت، ساياھەت، يېزا ئىگىلىك، تەنتەربىيە ۋە سودا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.
ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئالمازبېك ئاتامبايېۋ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «پىرېزىدېنت قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ بۇ زىيارىتى قىرغىزىستان بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى» دېدى. ئاتامبايېۋ يەنە، پىرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ئىسسىق كۆلدە بەش يۇلتۇزلۇق بىر مېھمانساراي قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تۈركمەنىستان رەھبەرلىرىگە يوليۇرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ قىرغىزىستان دائىرىلىرىگە پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بولسا، قىرغىزىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ سودا – ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. پىرېزىدېنت ئاتامبايېۋ بەردىمۇھەممەدوۋنى 7 – ئاۋغۇست كۈنى ئايرودۇرۇمدىن ئۇزىتىپ قويدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
تۈركمەنىستان – قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا 1992 – يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى زىيارەتلەر يېقىنقى يىللاردا باشلانغانىدى. 2014 – يىلى 11 – نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈركمەنىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ تۇنجى قېتىم 2007 – يىلى بىشكەكتە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا شەرەپ مېھمان سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغانىدى. بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ پىرېزىدېنت سۈپىتىدە قىرغىزىستانغا قىلغان بۇ قېتىمقى تۇنجى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
بىشكەك ئۇچرىشىشلىرى نەتىجىسىدە تۈركمەنىستاننىڭ بىشكەكتە باش ئەلچىخانا ئېچىشى قارارلاشتۇرۇلدى. قىرغىزىستانمۇ تۈركمەنىستاندىن خىتايغا قەدەر تۇتاشتۇرۇلىدىغان تۆمۈر يولى بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەلىرىگە داخىل بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى جاكارلاندى. ئالدىمىزدىكى يىللاردا تۈركمەنىستاننىڭ قىرغىزىستاننى ئەرزان باھالىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزبېكىستاننىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىشكەكتە قىرغىزىستان – تۈركمەنىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى ئانچە پارلاق بولمىسىمۇ، ئەمما بىيۇروكراتىك توسالغۇلار پاچاقلاپ تاشلانغان تەقدىردە، بۇ ساھەدە مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ بالقان ۋە ئاھال ۋىلايەتلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ۋە باتكەن ۋىلايەتلىرى بىلەن قېرىنداش رايون ئېلان قىلىندى. تۈركمەنىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىدە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىش پىلانى، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى دېيىش مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا، قىرغىزىستان – تۈركمەنىستان مۇناسىۋەتلىرى ئاستا – ئاستا خۇشاللىنارلىق سەۋىيەگە يەتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر