ئىماننىڭ نامايەندىسى پىداكارلىق ۋە شەپقەت

مىللىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا بولغان پىداكارلىقىمىز، ۋاقتى كەلگەندە دىنىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن، بايرىقىمىز ئۈچۈن، ئەزانىمىز، شان شەرىپىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن جاندىن، ئاتا – ئانىدىن ۋە سۆيگەن يارىمىزدىن ۋاز كېچىشتىن ئىبارەتتۇر.

327353
ئىماننىڭ نامايەندىسى پىداكارلىق ۋە شەپقەت


ئىماننىڭ نامايەندىسى پىداكارلىق ۋە شەپقەت


ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر». (سۈرە ھەشىر 10 – ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە، «سىلەردىن ھەرقانداق بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى، مۆئمىن قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ھەقىقىي تۈردە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» دەيدۇ. (بۇخارى)
ئەزىز قېرىنداشلار!
بىر كۈنى ساھابىلەردىن بىر ئايال قولىدا گىرۋەكلىرىگە رەشىدىيە ئىشلەنگەن بىر يېپىنجىنى كۆتۈرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە «بۇنى كېيىشىڭىز ئۈچۈن ئۆز قوللىرىم بىلەن توقۇدۇم» دېدى. شۇ چاغلاردا دەل شۇنداق بىر كېيىمگە ئېھتىياجى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىيەنى قوبۇل قىلدى ۋە دەرھال كېيىپ ساھىبىلەرنىڭ ئالدىغا كىردى. ساھابىلەردىن بىرسى بۇ كېيىمنى كۆرۈپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئۇنى ئۆزىگە ھەدىيە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلمىدى. ئۆيىگە قايتىپ بېرىپلا كېيىمنى چېرايلىق قاتلاپ ئۇ ساھابىغا ئەۋەتىپ بەردى. بىراق ساھابىلەردىن بىرسى بۇ ئىشنى توغرا تاپمىدى. كېيىمنى تەلەپ قىلغان ساھابىگە بۇرۇلۇپ، «سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرەر نەرسە تەلەپ قىلغاندا، ھەرگىز رەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ كېيىمنى نېمە ئۈچۈن تەلەپ قىلدىڭ؟» دەپ كايىدى. ئۇ ساھەبە بۇنى كېيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەۋە بىر يېپىنچىنى ئۆزىگە كېپەن قىلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە دېگىنىدەك بولدى. (بۇخارى)
ئەزىز قېرىنداشلار!
مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پىداكارلىقىغا دائىر مىساللارنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشىغان سان - ساناقسىز مىسال ۋە ئۈلگىلەرنى قالدۇرۈپ كەتتى. مۇھاجىرلارغا قەلبلىرىنى ئاچقان ۋە مال – مۈلكىنى ئورتاقلاشقان ئەنسارلىق ئەنئەنىسىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلىپ كەتتى. بارلىق مال - مۈلكىنى ئاللاھ يولىدا ھېچ ئىككلەنمەستىن پىدا قىلغان ھەزرەتى ئەبۇ بەكرى ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ پىداكارلىقى ئەنە شۇنىڭ سايىسىدا سېمۋۇلغا ئايلاندى. ھەزرەتى ھەمزە، مۇسئەب ۋە باشقا قانچىلىغان ئۈلگىلىك قەھرىمانلىرىمىز ئىمان - ئىسلام، ۋەتەن، بايراق يولىدا، جۈملىدىن ھەقىقىي ئىنساندەك ياشىغىلى بولىدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىش يولىدا جانلىرىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق پىداكارلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىنى بىزلەرگە ئۈلگە قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتى.
ئەزىز قېرىنداشلار!
مانا بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىگە بولغان دىنىي بايلىقلىرىمىزدىن تارتىپ، ۋەتىنىمىز، بايرىقىمىز ۋە ئازادلىقىمىزغىچە، ھەتتا ماللىرىمىز ۋە تەن - سالامەتلىكىمىزگىچە بولغان بارلىق قىممەتلىك بايلىقىلىرىمىز ئەنە شۇنداق پىداكار ئەزەمەتلىرىمىزنىڭ جان پىدالىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەسلىدە پىداكارلىق، ئورتاقلىشىش ۋە قەدىرلەشنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، ئىنساننىڭ ئۆزى ئىگە بولغان نەرسىلەردىن باشقىلار ئۈچۈن ۋاز كېچىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ بىر ۋەزىپە، بىر مەسئۇلىيەت ياكى مەجبۇرىيەت ئەمەس، بەلكى خالىسانە پىداركارلىقتۇر. كىشىنىڭ ئۇلۇغۋار بىر غايە ئۈچۈن بەزىدە مېلىدىن، بەزىدە ۋاقتىدىن، بەزىدە ئۇيقۇسىدىن، بەزىدە راھەت – پاراغىتىدىن، بەزىدە ھەتتا جېنىدىن ۋاز كېچىشىدىن ئىبارەتتۇر. پىداكارلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك نۇقتىسى ئەنسارلار بىلەن مۇھاجىرلار ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن ۋە قۇرئان كەرىمدە ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن كۆيۈم – شەپقەتتۇر. كۆيۈپ – شەپقەت، ئۆزى مۇھتاج ھالدا تۇرۇغلۇق قېرىندىشىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرۈشتەك مەردانىلىقتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا پىداكارلىق ۋە كۆيۈم- شەپقەت، ئىماننىڭ ھەقىقىي نامايەندىسىدۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار!
بۇ ھاياتتا ھەممىمىز پىداكارلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىزگە كېرەكلىك شەخسلەر ۋە قىممەت قاراشلار بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا بىزنىڭ ماۋجۇتلۇقىمىزنىڭ سەۋەبچىسى بولغان جاپاكەش ئاتا – ئانىمىز كېلىدۇ. ئۇلار بىزنى ھەر تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەرگە پەرۋاسىز، مېھرى – شەپقەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆسۈپ يېتىلدۈرىدۇ. بىزلەرنى بۈگۈنلەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئاتا – ئانىمىز ئالدىدىكى ئەۋلاد بولۇش بۇرچىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ قەلبىنى خوشال تۇتۇش، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن بىزنىڭمۇ بىر تۈركۈم پىداكارلىقلارنى قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ئائىلىمىزدىكى پىداكارلىق، يالغۇز بىر - بىرىمىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشتىنلا ئىبارەت ئەمەس، بەلكى سۆيگۈ، ساداقەت ۋە مۇھەببىتىمىزنى ئاشۇرىدىغان ۋەسىلىلەرنى ئىزدەشتىن ئىبارەتتۇر. كۆز قارچۇغىمىز بولغان ئەۋلادلىرىمىزنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەمگەك قىلىش، ئۇلارنىڭ ساپ ئەقىل - مېڭىىسىنى زەھەرلەيدىغان، كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىدىغان زىيانلىق ئېقىم ۋە ئادەتلەرگە قارشى ئائىلىمىزگە قالقان بولۇش شۇنداقلا بايلىق ۋە غەمبەغەللىككە ھەممىمىز بىرلىكتە چېدامچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.
قوشنىلىرىمىز، ئۇرۇق – توغقانلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان پىداكارلىقىمىز، شاتلىقىمىز ۋە قايغۇلىرىمىزدا، بايلىقىمىز ۋە كەمبىغەلىكىمىزدە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
قېرىندىشىمىزغا بولغان پىداكارلىقىمىز، يوقسۇللۇق ۋە مۇشەققەتنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى قېزىندىشىمىزنىڭ ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ يەلكىسىگە ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. قېرىندىشىمىز قايغۇرغان چىغىدا دەرىدىگە ئورتاق بولۇش، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇ كۆرگەن زۇلۇم – سېتەملەرنى ئۆز يىلىكلىرىمىزدە ۋە قان تومۇرلىرىمىزدا ھېس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
مىللىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزغا بولغان پىداكارلىقىمىز، ۋاقتى كەلگەندە دىنىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن، بايرىقىمىز ئۈچۈن، ئەزانىمىز، شان شەرىپىمىز ۋە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن جاندىن، ئاتا – ئانىدىن ۋە سۆيگەن يارىمىزدىن ۋاز كېچىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئەپسۇسكى بۈگۈنكى ئىنسانىيەت ماددىزمغا ئەسىر بولۇشنى، بىرسىنىڭ ئاچ قېلىشى بىلەن كارى يوق تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى، شەخسىيەتچىلىكنى ۋە باشقىلارنى ھېچ نەرسىگە تەڭ كۆرمەسلىكنى توغرا بىلىدىغان بىر ئىددىئولوگىيەنىڭ چاڭگىلىدا ئېزىلمەكتە. بۇ مۇھىت ئىمان ۋە ئېتىقادىمىزدىن مەيدانغا كەلگەن قېرىنداشلىقىمىزنىڭ بىر ئالامىتى سۈپىتىدە پىداكارلىق، سىلە - رەھىم، ئورتاقلىشىش، قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنىڭ كۆمۈلۈپ قىلىشىغا ۋە ھەتتا يوق بۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پەرزەنتلىرى، ئاتا – ئانىسى، خوشنىسى، قېرىندىشى ۋە مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئەپسۇسكى ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىددىيەگە مەھكۇم بولغان نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ قىسمىتى پىدارلىقتىن مەيدانغا كېلىدىغان ھەقىقىي ھۇزۇر – ھالاۋەت ۋە سائادەت ئىقلىمىدىن مەھرۇم قالماقتا.
لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ھايات ئاچچىقى ۋە تاتلىقى بىلەن بىر ئىمتىھاندىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئازابلىرىمىزنى ۋە قايغۇ - ھەسرەتلىرىمىزنى بىر - بىرىمىزگە بولغان پىداكارلىقىمىز بىلەن يېنىكلىتەلەيمىز. شات - خوراملىقىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپەيتەلەيمىز. شۇنى ئۇنتۇماسقىمىز لازىمكى، ئادىمىيلىك دېگەنلىك بىرلىكتە ياشاش دېگەنلىك بولىدۇ. بىرلىكتە ياشاش بولسا، ئۆزئارا پىداكارلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئاللاھ ھەمىمىمىزنى بىر – بىرىگە مېھرىبان، كۆيۈم – شەپقەتلىك، ئىمان، ئىسلام ۋە ۋەتەن، بايراق يولىدا ھەممە نەرسىسىدىن ھېچ ئىككىلەنمەي ۋاز كېچەلەيدىغان ھەقىقىي پىداكار ئەزىمەتلەردىن قىلسۇن ئامىن!!!

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر