تۈركلەرنىڭ پۇتبول سۆيگۈسى

تۈركلەرنىڭ پۇتبول سۆيگۈسى، پۇتبول تەرەپدالىرى ۋە پۇتبول مەدەتكارلىرى توغرىسىدا

320876
تۈركلەرنىڭ پۇتبول سۆيگۈسى

پۇتبولنىڭ تۈركىيەدىكى ئۆتمۈشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا تۇتۇشىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تېررىتورىيىسى ئىچىدە پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپالىقلارغا قارشى تۈرك ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. يىلدىن-يىلغا بۇ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ تەرەپدارلىرى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈچ پۇتبول كوماندىسى باش كۆتۈردى. ئۇلار فەنەرباھچە، گالاتاساراي ۋە بەشىكتاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، كېيىنچە ھەۋەسكار ئارقىدىن كەسپىي پۇتبول كوماندىلىرى قۇرۇلۇپ، پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيدى. كۈنىمىزدە بولسا تۈركىيەدە مۇستەھكەم تارىخى ئاساسلارغا ۋە كۈچلۈك تەرەپدارلىرى بولغان نۇرغۇن پۇتبول كوماندىسى بار.
تەرەپدارلارغا مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن قاراش كېرەك، بىرىنچىسى پۇتبول كوماندىسىنى ياخشى كۆرۈش، ئىككىنچىسى پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كېتىش. بىز بۇ پىروگراممىمىزدا ئىككىنچى گۇرۇپتىكىلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.
تۈركىيەدە پۇتبول كوماندىسى بىلەن كۈچلۈك كىملىك ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى ئورناتقان بۇ تەرەپدارلارغا «مەدەتچىلەر» دېيىلىدۇ. «مەدەتچىلەر» ئۆزلىرى ۋە مەپتۇن بولغان پۇتبولچىلاردىن ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن يىللىق «مەدەتچىلەر» ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى پۇتبول كوماندىلىرىغا ئاتىۋەتكەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈنىدۇ.
تەرەپدارلار پۇتبول كوماندىلىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدۇ. بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇر دېمەستىن ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول كوماندىلىرى ئوينايدىغان ھەر قانداق مۇسابىقىلىرىنى كۆرىدۇ، ئۇلار ئاۋازلىرى پۈتۈپ قالغۇچە مارشلار ۋە ناخشىلار ئوقۇيدۇ.
تەرەپدارلىق ئۇلارغا نىسبەتەن تۇرمۇش شەكلىگە ئايلىنىپ كەتكەن. تەنتەربىيە مەيدانلىرى ۋە مۇسابىقە كۆرۈش ئورۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدەك بولۇپ قالغان. مۇسابىقە كۈنلىرى تويغا بارىدىغاندەك ھاياجان ۋە خوشال بولۇشىدۇ ۋە مۇسابىقىگە تويغا تەييارلانغاندەك تەييارلىنىدۇ. پۇتبول كوماندىلىرى سەھنىگە چىققاندا ئۇلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىدۇ. كوماندىلىرىغا مەدەت بېرىش گويا ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.
تۈركىيەدە ئۇلارنىڭ بۇ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ناھايىتى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناخشا بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مۇنداق:
«بىزنىڭ كوماندا كۆپ ياشا،
جېنىم پىدا بولسۇن ساڭا.
ھېچبىر نەرسىگە تېگىشمەيمىز،
سېنىڭ سۆيگۈڭنى بۇ دۇنيادا.»
..................كەچىش..............
تۈركىيەدە چوڭ ھەۋەسكارلار ۋە مەدەتچىلەر گۇرۇپپىسى بولغان كۆپ ساندا پۇتبول كوماندىلىرى بار. مەسىلەن، فەنەرباھچەنىڭ ياش فەنەرباھچە دوستلىرى، بەشىكتاشنىڭ چارشىسى، گالاتاساراينىڭ ئۇلتىراسلانى، بۇرساسىپورنىڭ تېكساسى، ساكارياسىپورنىڭ تاتانگالىرىق قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغانلىرى ئىستانبۇلدىكى ئۈچ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى بولۇپ، ئۇ ئۈچ پۇتبول كوماندىسى فەنەرباھچە، گالاتاساراي ۋە بەشىكتاش قاتارلىقلاردۇر.
فەنەرباھچە تۈركىيەدە ئەزەلدىن بېرى «خەلقنىڭ كوماندىسى»دەپ ئاتىلىپ كەلدى. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئۆتمۈشىگە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان نۇرغۇن كۆرۈنۈشنىڭ ئىچىدە بۇ پۇتبول كوماندىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سېرىق-كۆكقارا رەڭلەرنى ئۇچرىتىمىز. كىلاسىك تۈرك فىلىملىرىدە فەنەرباھچە ئوبرازلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك. مەسىلەن، مەشھۇر ساياھەتچى ئۆمەر فەنەرباھچىلىكتۇر. جىلالى ئىبراھىممۇ مۇشۇنداق.... خەلقنىڭ قەلبىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغان فىلىم قەھرىمانلىرى بولغان ھابابام سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىمۇ شۇنداق... ئۇلار مەكتەپتىن قېچىپ فەنەرنىڭ مۇسابىقىسىگە بېرىشىدۇ. بۇ گۈزەل فىلىملەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ياش ئەۋلادلارمۇ بۇ رەڭلەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ناھايىتى تەبىئىيدۇر.
بۇ پۇتبول كوماندىسى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تۈركىيە بويىچە ئەڭ كۆپ تەرەپدارى بولغان پۇتبول كوماندىلىرىدىن بىرىدۇر. فەنەرباھچە تەرەپدارلىرى پۇتبولنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپ پۇتبول مۇسابىقە مەيدانلىرىدىكى «مەدەتچىلەر»نىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولغان.
فەنەرباھچە تەرەپدارلىرىنىڭ كوماندا سۆيگۈسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى تولىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى پۇتبول كوماندىسىغا قىلغان ماددىي ئىئانىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە «مابەد» دەپ ئاتىلىدىغان پۇتبول مەيدانلىرىدا كۆرسىتىدىغان نومۇرلىرىنى ھەقىقەتەن كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. ئۇلار پۇتبول كوماندىسىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىكى: «دار مەيدانىدا بولساقمۇ فەنەرباھچە ئاشقىدىن يانمايمىز» دېگەن گەپلەرنى قىلىشىدۇ.
...................كەچىش..........
تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ تەرەپدارى بولغان يەنە بىر پۇتبول كوماندىسى فەنەرباھچەنىڭ مەڭگۈلۈك رەقىبى گالاتاسارايدۇر. بۇ ئىككى پۇتبول كوماندىسى ئۆز-ئارا مۇسابىقىگە چۈشكەندە تۈركىيەدە تۇرمۇش گويا توختاپ كېتىدۇ، چۈنكى ھەممىنىڭ دىققىتى بۇ مۇسابىقىگە مەركەزلىشىدۇ. بۇ كۈندە كوچىدا، ئىشتا، ئۆيدە، قەھۋەخانىدا، باغچىدا، ئاپتوبۇستا بۇ مۇسابىقە ئۈستىدە گەپ بولىدۇ. فەنەرباھچە بىلەن گالاتاساراينىڭ مۇسابىقىلىرى ھاياجان ۋە خوشاللىق بىلەن تولغان بايرام كۈنلىرىنى ئەسلىتىدۇ.
گالاتاساراي بولۇپمۇ ياۋروپادا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن تونۇلغان. بۇ جەھەتتىن تۈرك پۇتبولچىلىقىنىڭ پاراۋۇزلۇق رولىنى ئوينايدۇ.
گالاتاساراينىڭ ئەڭ چوڭ تەرەپدار گۇرۇپپىسى ئۇلتراسلاندۇر. ئۇلتراسلانلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەشكىللەنگەن كۈچلۈك تەرەپدار گۇرۇپپىسى بولۇپ، پۇتبول كوماندىسى گالاتاساراينىڭ ياۋروپادىكى ئۇتۇقلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، گالاتاساراينى يېگانە مەشۇقى دەپ ئېلان قىلىشىدۇ. ئۇلار گالاتاسارايغا بولغان سۆيگۈسىنى مۇنۇ شېئىر بىلەن تولىمۇ جانلىق ئىپادىلىگەن:
«دېمىسمۇ ئاشىقلار يالغاندۇر،
ئاقىۋىتى جەۋر-جاپادۇر.
بىزگە ھەر سەۋدادىن ئېشىپ قالغان
پەقەت گالاتاسارايدۇر.»
تۈركىيەدە پۇتبول ۋە پۇتبول «مەدەتكارلىرى» دېگەندە تۇنجى بولۇپ خىيالغا كېلىدىغىنى بەشىكتاشنىڭ دۇنياغا مەشھۇر بەشىكتاش چارشسى گۇرۇپپىسىدۇر. چارشى گۇرۇپپىسى ئىجتىمائىي ۋەقەلەردىكى ئۆكتىچى مەيدانى ۋە نوپۇزلۇق ئورنى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان گۇرۇپپىدۇر. بۇ گۇرۇپپا بىر مەھەللە كوماندىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، كېيىنچە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پۇتبول كوماندىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بەشىكتاشقا بولغان مۇھابىتىنى بەشىكتاش ۋە ئاشىق كەلىمىلىرىدە يۇغۇرۇپ، روھىي دۇنياسىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىغا «بەشىكتاش» دەپ ئىسىم قويۇشقان.
..........كەچىش..........
بۇ ئۇچ چوڭ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ پۇتبول تەرەپدار گۇرۇپپىلىرى بولغاندىن باشقا، ئانادولۇدىكى باشقا پۇتبول كوماندىلىرىنىڭمۇ پۇتبول تەرەپدارلىرى مەۋجۇت. مەسىلەن، ئىزمىر كوماندىسىنىڭ گۆزتەپە تەرەپدارلىرىمۇ مەشھۇر.
گۆزتەپە 1969-يىلى تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە توپ ئوينىغان بولۇپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىگىچە ئويناپ كۆرىنەرلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن پۇتبول كوماندىسىدۇر. گۆزتەپە پۇتبول كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرى ئۆزىدىنمۇ كۆپ بولغان پۇتبول كوماندىلىرىغا قارىغاندا مۇنداق روشەن بىر پەرقى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھەر مۇسابىقىدە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بارلىق پۇتبول تەرەپدارلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆزتەپەگە مەدەت بېرىشىدۇر.
چۈنكى، باشقا پۇتبول كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشكەندە بىر غوللۇق مەدەتچى گۇرۇپپىسى بولىدۇ. بۇلار باشقا تەرەپدارلارنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ. بىراق گۆزتەپەدە بۇنداق ئەمەس. سىكىنۇتتا بىر مەدەتلەر يېغىپ تۇرىدۇ، تاكى مۇسابىقە ئاخىرلاشقۇچە مۇشۇنداق ئۆتىدۇ. ياشىنىپ قالغان گۆزتەپە تەرەپدارلىرىمۇ ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي توختىماي مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ.
ئىشنىڭ ئەجەپلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، گۆزتەپە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولسىمۇ تۈركىيە بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىغا كىرەلمەيۋاتىدۇ. ھەتتا ئۈچىنچى گۇرۇپپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىغا چۈشۈپ قالدى. بىراق تەرەپدارلىرى گۆزتەپە كوماندىسىنى قەتئىي يالغۇز تاشلاپ قويمىدى. گۆزتەپە تەرەپدارلىرى كوماندىسىنىڭ ئەھۋالىدىن تولىمۇ كۆڭلى يېرىم. گۆزتەپە تەرەپدارلىرى تولىمۇ ئىجادكارلىق روھىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كوماندىسى ئۈچۈن يېزىپ چىققان شېئىر تولىمۇ تەسىرلىك. شېئىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
«1925تە ئاپىرىدە بولدۇڭ،
شانلىق گۆزتەپىمىز.
بىپايان بۇلاڭلاردىن،
ئەلۋەتتە بىر كۈن قايتىمىز.»
ئادانا دەمىرسىپور پۇتبول كوماندىسىنىڭ «شىمشەك» (چاقماقچىلار» گۇرۇپپىسىمۇ كوماندىسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىدۇ. شىمشەكلەر ئىتالىيەنىڭ لىۋورنو پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەدەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى قېرىنداش ئېلان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تولىمۇ يېقىن.
يەنە كۈچلۈك ئانادولۇ پۇتبول كوماندىلىرىدىن بولغان بۇرساسىپور بىلەن تىرابزونسپىور تەرەپدارلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بۇلارنىڭ مۇسابىقىدىكى كوماندىلىرىغا بەرگەن ھاياجانلىق مەدەتلىرى كىشىنىڭ قەلبىنى ھەقىقەتەن لەرزىگە سالىدۇ.
ئاخىرىدا 50-60 كىشىلىك «مەدەتچىلەر» گۇرۇپپىسى بولغان بوزبايكۇشلار ھەققىدە توختىلىمىز. تۈركسەل دەرىجىدىن ھالقىغانلار بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە توپ ئوينايدىغان ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت كوماندىسىنى قوللايدىغان بۇ گۇرۇپپا، ئىنتېرنېت ۋاستىسى بىلەن ئۇچرىشىپ تەشكىللەنگەن ياشلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق پۇتبول «مەدەتچىلەر» گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار يازغان شوئارلار ۋە لوزۇنكىلاردۇر. بۇلاردىن بىرسى مۇنداق:
تىرابزونسىپور پۇتبول كوماندىسىغا خاس قىلىپ: ‹بىزگە ھەر يەر تىرابزونسىپور›دېگەن شوئارغا ماس ھالدا جاۋاب بېرىپ: بىزگە ھەر يەر قارشى تەرەپتۇر.»
ئۇلارغا نىسبەتەن ھەر يەر قارشى تەرەپتۇر، چۈنكى ئۇلار 80مىڭ كىشىلىك پۇتبول مەيدانلىرىدا شوئار توۋلىغاندا سانلىرى ئاران 50-60 ئەتراپىدا بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر