كۈتاھيا شەھىرى ۋە دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە - 1

ئۇپۇق سىزىقى ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە كۈتاھيا شەھىرى ۋە دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە توختىلىمىز.

311898
كۈتاھيا شەھىرى ۋە دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ھەققىدە - 1

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە گۈزەل شەھەر كۈتاھيا بىلەن بۇ شەھەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى دۇلمۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كۈتاھيا تۈركىيەدە ئەگە رايونىنىڭ ئىچكى غەربىي ئانادولۇ قىسمىغا جايلاشقان. چىنە-قاچىلىرى مەشھۇر بولغان بۇ شەھىرىمىز قول ھۈنەرۋەنچىلىككە قىزىقىدىغان كىشىلەر ۋە بۇ ساھەدە تەلىم-تەربىيە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تولىمۇ جەلپ قىلارلىق شەھەردۇر. بولۇپمۇ 14-ئەسىردىن قالغان چىنە-قاچىلار بىلەن «كۈتاھيا چىنە مۇزېيسى» بىلەن ئىچى ۋە سىرتى چىنىلەر بىلەن بېزەلگەن ساپلا جامەسى شەھەرنىڭ سىمۋولىدۇر. تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن بولغان بۇ شەھەرنىڭ تۇنجى ئىگىلىرى فىرىگلېردۇر. كېيىنچە، رىم، ۋىزاتىنىيە، گەرمىيانئوغۇللىرى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگەن كۈتاھيا نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇلاردىن بىرى فىرىگ ۋادىسى دەپ ئاتىلىدىغان رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان شەھەرلەردىن بىرى ئايزانوي قەدىمىي شەھەردۇر.

دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەندە خىيالىمىزغا تۇنجى كېلىدىغان سوئال مۇنداق: دۇلمۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى نامى قەيەردىن كېلىدۇ؟ باش قوماندانلىق مەيدان ئۇرۇشى ياكى دۇملۇپىنار مەيدان ئۇرۇشى، كۈتاھياغا قاراشلىق دۇلمۇپىنارغا يېقىن جايدا 1922-يىلى 30-ئاۋغۇستتا مەيدانغا كەلگەن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتۇر. باش قوماندان مۇستافا كەمال تەرىپىدىن قوماندانلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن باش قوماندانلىق مەيدانغا ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. تۈرك ئىستىقلال ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىشدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بۇ ئۇرۇشنىڭ خاتىرە كۈنى «زەپەر بايرىمى» نامى بىلەن، تۈركىيەدە مىللىي بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ.
ئەمدى دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور رەمزى گۆرەن بىلەن بۇ ئالىي بىلىم يۇرتى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. مەكتەپ مۇدىرى رەمزى گۆرەن دۇلمۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇلمۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيەنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۈلگە بولالايدىغان، سەلچۇقىيلار-ئوسمانلى ۋە زامانىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرى مۇجەسسەملەشكەن بىنكارلىققا ئۇسلۇبىغا ئىگە، ئىچىدىكى سۈننىي كۆللەر، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەللىكلىرى بىلەن كىشىلەرنى مەست قىلىدىغان كۆرۈنۈشكە، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدىغان شارائىتلىرى، ئىلغار ئۈسكۈنىلىك تەجرىبىخانلىرى بار، شۇنداقلا ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان تۈرلۈك شارائىتلىرىغا ئىگىدۇر.»
مەكتەپ مۇدىرىدىن دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا قانداق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «گېرمىيان قورويىمىزغا يېقىن جايدا 2514 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرى، ئەۋلىيا چەلەبى مەكتەپ قورۇسىدا 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخاندەك راھەت بولغان 1200 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، 500 كىشىلىك دوكۇزلار ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، شۇنداقلا ئالىي مەكتىپىمىزگە تەۋە 500 كىشىلىك قىز ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى بار. ئالىي مەكتىپىمىز چەتئەلدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار قونالغۇ جەھەتتىن قەتئىي قىينالمايدۇ. خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىنالىرىنىڭ باھاسى قىممەت ھېسابلانمايدۇ، شۇنداقلا ئۆي ئىجراسى تۆۋەن.»

مەكتەپ مۇدىرىدىن ئوقۇغۇچىلارغا يارىتىپ بېرىلگەن ئىجتىمائىي شارائىتلار ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: « دۇلمۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە كۇلۇپلىرى بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار قۇرۇپ چىققان ‹قېرىنداش ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى›دۇر. ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە، ساياھەتلەرگە قاتنىشالايدۇ. تاغچىلىق ۋە يامىشىشقا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس يامىشىدىغان چوققىلار بار. ۋان ۋە سىماۋدىكى يەر تەۋرەشلەردە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان دۇلمپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئۇيۇشمىسى بۇ ساھەدە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە.
ئالىي مەكتىپىمىزدە ھەر خىل تەنتەربىيە ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن شارائىتلار تولۇق مەۋجۇت. پۇتبول، ۋاسكىتبول ۋە ۋالىبول مەيدانلىرىمىز بار. بۇ مەيدانلاردا ئىزچىل مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە. مۇھىم مۇسابىقىلار ۋە پائالىيەتلەر 2500 كىشىلىك ۋە 1000كىشىلىك يېپىق تەنتەربىيە زاللىرىمىز بار. ئوقۇغۇچىلىرىمىز يېپىق تەنتەربىيە زالىمىزدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەشىق قىلالايدۇ. مەكتىپىمىزدە ئارشاڭ سۇلىرى ئىشلىتىلگەن ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، تېرمال سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، تۈرك ھاممىدىن ئوقۇغۇچىلار خالىغان ۋاقتىدا پايدىلىنالايدۇ.
كۆل بويىدىكى رېستورانىمىزدا لەززەتلىك تاماقنى يېگەچ ھەم كۈتاھيانى ھەمدە كۆل ۋە ياپيېشىل تاغ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز، شۇنداقلا ئۆزۈڭىزنى بىرەر ساياھەت ئورنىدا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىسىز. مېھمانخانلىرىمىزدىن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پايدىلانسا بولىدۇ. دۇلمۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ھەر خىل پائالىيەتلەر ۋە ئاكادېمىك خىزمەتلەر جەھەتتىن تولىمۇ ئاكتىپ. ھەر يىلى ئالىي مەكتىپىمىزدە نۇرغۇن ئىلمىي لېكسىيە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، كۆرگەزمە، خىزمەت يىغىن ۋە فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە. 2014-يىلى جەمئىي 293 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. يەنە 2014-يىلى ئالىي مەكتىپىمىزدىكى ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن 195 خەلقئارا ماقالە ئوقۇلدى، 7 خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يىغىن، 11 خەلقئارالىق ئىلمىي لېكسىيە، شۇنداقلا 233 خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
شۇنداقلا بىزگە لايىق كۆرۈلگەن ئونلارچە خەلقئارالىق مۇكاپاتتىن بىرى بولۇپمۇ ياشلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان، كارتون فىلىم-ھەرىكەتلىك فىلىم ئىشلەش ساھەسىدە بولدى. ئانىمېكىس 2015 ھەرىكەتلىك فىلىم ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرى خەلقئارا فېستىۋالدا ئەڭ ياخشى ئوبراز ھەرىكەتلىك فىلىم مۇكاپاتى دۇلمۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىغا لايىق كۆرۈلدى.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر