رامىزان مەكتىپىنىڭ بىزگە ئۆگەتكەنلىرى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامىلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى - 29

384153
رامىزان مەكتىپىنىڭ بىزگە ئۆگەتكەنلىرى

قىممەتلىك قېرىنداشلار! رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ: « سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە ‹يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە› قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن.»
مۇنۇ ھەدىسى شەرىفتە بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ ئىزچىل قىلىنغان ئەمەلدۇر.»
بۈگۈن روزا ھېيتنى تەبرىكلىۋاتىمىز! ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، شۇنداقلا ئۇلۇغ جۈمە كۈنىڭلارغىمۇ مۇبارەك بولسۇن، ئەدەبىي بايراملىرىمىزنىڭ خوش خەۋەرچىسى بولغان بۇ بايراملاردىن رەببىم بىزنى مەھرۇن قىلمىغاي.
قېرىنداشلىرىم! بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى رامىزان مەكتىپىگە بىرلىكتە تىزىمغا ئالدۇردۇق، بىر ئاي بويىچە بۇ مەكتەپتە بىرلىكتە ناھايىتى ياخشى تەلىم-تەربىيە ئالدۇق. بۇ مەكتەپنىڭ ھۇزۇر ۋە بەرىكەت بىلەن تولغان زوھۇرلىرى، شۇنداقلا بىزنى ئېزىز قىلغان، شۇنداقلا خوشاللىق بىلەن تولغان ئىپتارلىرىدىن بەھرىمان بولدۇق. بەدەنلىرىمىزنىلا ئەمەس، قەلبلىرىمىزنىمۇ ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تەراۋىھ نامىزىنى ھەر كۈنى كەچتە ھاياجان بىلەن ئوقۇدۇق. رامىزاندا مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن قايتىدىن دېدارلىشىپ، قۇرئانغا بولغان ئىشقىمىزنى ۋە ئېڭىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتۇق. ھىراغا بارغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەردى بىلەن دەردلەندۇق. ۋەھىينىڭ ئوبىكىتى بولغان مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغا يولداش بولدۇق.
فىتىر سەدىقىلەر ۋە زاكاتلىرىمىز بىلەن كىرىملىرىمىزنى، زىنھىنىمىزنى، قەلبىمىزنى، تىلىمىزنى پاكلىدۇق. ئىبادەتلىرىمىز، ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن رەببىمىزگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن كۈچىدۇق.
ئېزىز مۆمىنلەر!
رامىزان مەكتىپىدە ئىرادىمىزنى تەربىيەلىدۇق. بۇ مەكتەپ يامان ئادەتلەرنى تەرك قىلىپ گۈزەل خىسلەتلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىزگە تېپىلغۇسىز پۇرسەت يارىتىپ بەردى. تۈرلۈك بەد قىلىقلار بىلەن كىرلىنىپ كەتكەن زىھىنلىرىمىز بۇ مەكتەپتە قايتىدىن پاكلاندى. خىلمۇ خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن نەپىسلىرىمىز قايتىدىن روھلاندى. ھەر خىل ئىشلار ۋە مەشغۇلاتلار بىلەن ھېرىپ كەتكەن كۆڭۈللىرىمىز بۇ مەكتەپتە قايتىدىن ئارام تاپتى.
رامىزان مەكتىپى بىز ئۈچۈن مۇستەھكەم قورغان بولدى. غەۋغالارغا، پاسكىنىچىلىقلارغا، سەت گەپلەرگە، گۇناھ ۋە ئىسيانلارغا قارشى ئىچكى دۇنيارىمىزنى ئېتىۋەتتۇق. مۇشۇنداق سەلبىيلىكلەرگە قارشى پەقەت ئاشقىزىمىزغىلا ئەمەس، تىلىمىزغا، قولىمىزغا، كۆڭلۈمىزگە ۋە پۈتكۈل ئەزالىرىمىزغا روزا تۇتتۇردۇق. تىلىمىزنىڭ ئىپتىرى گۈزەل سۆزلىرىمىز، كۆڭلۈمىزنىڭ ئىپتىرى گۈزەل ھېسسىياتلىرىمىز بولدى. ئەقلىمىزنىڭ ئىپتىرى ئىنسانلارغا ھۇزۇر بېرىدىغان ئىلىم ۋە چۈشەنچىلەر ۋۇجۇدقا چىقىرىش بولدى. قولىمىزنىڭ ئىپتىرى خەيىرلىك ئىشلىرىمىز بولدى. كۆڭلىمىزنىڭ ئىپتىرى گۈزەللىكلەرگە نەزەر سېلىپ رەببىمىزنىڭ قۇدرەت ۋە قۇۋۋىتىنى تەپەككۇر قىلىش بولدى.
قېرىنداشلار!
رامىزان مەكتىپى بىز ئۈچۈن سەۋر ۋە شۈكۈر تەربىيەسىگە ئايلاندى. ئەڭ ئۇزۇن كۈنلەردە تۇتقان روزىمىز بىلەن سەۋىرنى ئۆگەندۇق. زېمىندا ئاچلىق ۋە سۇسىزلىق گىردابىدا ياشاۋاتقان مىليونلارچە كىشىنىڭ قايغۇسىنى، ئازابىنى ۋە قىيىنچىلىقىنى بىر ئاي بويىچە قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ھېس قىلدۇق. ھېس قىلغانسېرى قولىمىزدىكى نىمەتلەرگە شۈكۈر قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر نىمەتنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى، بىر كۈنى چوقۇم قولىمىزدىن ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكرار-تەكرار ئەسلەپ ئۆتتۇق.
رامىزان مەكىتىپى بىزگە ئىلكىمىزدىكىلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشغانسېرى بىزگە تېخىمۇ كۆپ خوشاللىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىغا شاھىت بولدۇق. ئىپتار داستىرخانلىرىدا پەقەت كۆرۈپ باقمىغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن دېدارلاشتۇق. خوشاللىقلىرىمىزغا شىرىك بولدۇق. « ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ‹يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغۇچە› ھەرگىز ياخشىلىققا ‹يەنى جەننەتكە› ئېرىشەلمەيسىلەر» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۇق. ۋاقىت ياخشىلىق قىلىدىغان ۋاقىتتۇر، دېيىش ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى يېتىم-يىسىرلارغا، مۇھتاجلارغا، غېرىپ-غۇۋالارغا، دۆلىتىمىزدىن پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىرلارغا قەلبىمىزنى ۋە قوللىرىمىزنى ئاچتۇق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامنىڭ «ھەر ياخشىلىق سەدىقىدۇر» دېگەن ھەدىسىنىڭ روھى بويىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئاخىرەت يۇرتىغا تەييارلاندۇق.
قىممەتلىك قېرىنداشلار؟
رامىزان مەكتىپى بىزگە كېيىنكى كۈنلەردە پۈتۈن بىر ئۆمۈرگە بەدەل بولغان قەدىر كېچىسىنى سوۋغا قىلدى. پەرىشتىلەر ئامان-ئىسەنلىك، تىنچلىق ۋە ھۇزۇر سىگناللىرى بىلەن بىزگە چۈشكەن قەدىر كېچىسىدە بىزمۇ نامازلىرىمىز، سالات ۋە سالاملىرىمىز، زىكىر ۋە نىيازلىرىمىز بىلەن رەببىمىز دەرگاھىدا مۇكاپاتلىرىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانىيەتنىڭ يولىنى يورىتقان ئاخىرقى ۋەھىيگە سەھنە بولغان بۇ كېچە قۇرئان بىلەن بولغان ئالاقىمىزغا ماس ھالدا روھىي بايلىققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ياكى روھىي بايلىقتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىمىزنى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى.
پۈتكۈل بۇ گۈزەللىكلەر بىلەن بىزنى زىننەتلىگەن رامىزان مەكتىپى ناھايەت روزا ھېيتنى بىزگە سوۋغا قىلدى. بىر ئايلىق تەلىم-تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە رەببىمىزنىڭ بىزگە بولغان بۇ لۇتۇف ۋە ئىكرامىغا ئېرىشتۇق. ئەمدى خوشاللىق ۋاقتىدۇر، خوشاللىقىمىزنى، ھۇزۇرىمىزنى بىر-بىرلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ۋاقىتتۇر.
ھەم قەلبلىرىمىزنى جانلاندۇرغان رامىزان ھەمدە كۆڭۈللىرىمىزگە خوشاللىق ئاتا قىلغان بۇ ھېيت بىزگە ناھايىتى مۇھىم سىگناللارنى بېرىدۇ. بۇ قۇتلۇق كۈنلەر ھەققىي بايراملارغا يېتىشنىڭ رامىزاندا ئىگە بولغان مەنىۋى كۈچ ۋە بايلىقلارنى سىجىل قوغداپ پۈتكۈل ھايات مۇساپىلىرىمىزغا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغان تەقدىردە، رامىزان مەكتىپىمىز ھەر بىر كۈنىمىزنىڭ بىر بايرام ۋە ھېيت بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا رامىزانىڭمۇ بىزدىن رازى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ.
ئېزىز قېرىنداشلار!
قېنى مۆمىنلەر ! رامىزاننىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسىغا ئىگە چىقايلى. پۈتكۈل ھاياتىمىزنى رامىزان قىلايلى. پۈتۈن ھاياتىمىزنى يامانلىقلارغا، ھاراملارغا، بولمىغۇر ئارزۇ-ئىستەكلەرگە روزا قىلايلى. ئون بىر ئايدىن بېرى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ۋە سېغىنغان رامىزانمۇ بىزنى سېغىنىدىغان بولسۇن. بۇ بەرىكەتلىك مېھمان پۈتكۈل سېخىيلىقى بىلەن بۇرۇنراق كەلگەي. ئىشىكىمىزنى قاققاي، قەلبلىرىمىزنى قايتىدىن ئارام تاپقۇزغاي.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر