جان ۋە ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرى

بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە جان ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن.

381295
جان ۋە ئۇنىڭ ئويۇنچۇقلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەردە جان ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن. جان ئويۇنچۇقنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۆيگە لىق كەلگىدەك ئويۇنچۇقلىرى بار ئىكەن. نۇرغۇن ئويۇنچۇقلىرىنىڭ پېچىتىمۇ ئېچىلمىغان ئىكەن. ئويۇنچۇق ماگېزىنىدىكى ئويۇنچۇقلارنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بار ئىكەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى دوستىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن يېرىم ئىكەن. چۈنكى ئويۇنچۇقلار خوجايىنى ئوينىسا خۇش بولىدىكەن. جان ھەم ئويۇنچۇقلىرى بىلەن ئوينىمايدىكەن، ھەمدە ھېچكىمگە بەرمەيدىكەن. ئويۇنچۇق ئۆيىدىكى ئويۇنچۇقلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىچى كۆپ سىقىلىدىكەن. ئۇلار نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئۇلار ھەر كۈنى يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ئويۇنچۇقلار بىلەن تونۇشۇپ، ۋاقىت ئۆتكۈزىدىكەن. ئەمما، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىچى يەنە سىقىلىشقا باشلايدىكەن.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئويۇنچۇق ئۆيىگە يېڭىدىن كەلگەن بىر پادىچى ئويۇنچۇق ئېتىغا مىنگەن ھالدا:
-بۇرادەرلەر، ئەمدى بۇنداق ئۆتۈۋەرسەك بولمايدۇ، - دەپتۇ. ئويۇنچۇقلار بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھاياجانلىنىپتۇ. ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ئۇنىڭدىن:
- بۇ ئەھۋالدىن قانداق قۇتۇلىمىز، - دەپ سوراپتۇ. پادىچى ئويۇنچۇق:
- مەن دېرىزىنىڭ يېنىغا قويۇلغانلىقىم ئۈچۈن سىرتنى كۆزىتىمەن. يان تەرەپتىكى باغچىدا بىر بالىلار باغچىسى بار. بالىلار باغچىدا ئوينايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى كۆپ ئەمەس. بىز ئۆيدە ھېچكىم يوق ۋاقتتا ئاستاغىنە سىرتقا چىقايلى ۋە بالىلار باغچىسىدىكى باشقا ئويۇنچۇقلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلايلى، - دەپتۇ. پادىچى ئويۇنچۇقنىڭ بۇ مەسلىھەتى ئويۇنچۇقلارغا يېقىپ كېتىپتۇ. ئويۇنچۇقلار ئەتىسى ئۆيدە ئادەم يوق ۋاقتتا يان تەرەپتىكى بالىلار باغچىسىغا كىرىپتۇ ۋە باغچىدىكى ئويۇنچۇق سېلىنغان قۇتىغا كىرىۋاپتۇ. ئويۇنچۇقلار ئارىدىن ئازىراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپتۇ ۋە قۇتىلارنىڭ ئىچىدىكى ئويۇنچۇقلار بىلەن ئويناشقا باشلاپتۇ. بالىلار باغچىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بۇ ئويۇنچۇقلارنى كۆرۈپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياخشى نىيەتلىك كىشى ئېلىپ كەلدى، دەپ ئويلاپتۇ.
ئەتىسى ئويۇنچۇقلىرىنى تاپالمىغان جان باغچىغا چىقىپتۇ ۋە ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆرۈپتۇ. بالىلار ناھايىتى خۇشال ئىكەن. بالىلار جاننى ئارىسىغا ئاپتۇ. جان تۇنجى قېتىم بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئويناشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىپتۇ. بالىلار باغچىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جانغا:
-بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ بۇ يەرگە قانداق كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، - دەپتۇ. جان بۇ ۋاقىتتا:
-بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئويۇنچۇقلىرىم ئىدى، ئەمدى بۇ يەردىكى دوستلىرىمغا ھەدىيە قىلىمەن، - دەپتۇ. جان شۇ كۈندىن باشلاپ بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنىڭ ئاكىسى بوپتۇ. چۆچىكىمىزمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر