تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تىنچلىق پىرىنسىپى

ىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز.

321447
تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تىنچلىق پىرىنسىپى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 129
«تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تىنچلىق پىرىنسىپى»


ھەر بىر دۆلەتتە بولغانغا ئوخشاش تۈركىيەنىڭ ئىچكى تاشقى سىياسىتىدىكى بەزى پىرىنسىپلىرىمۇ، قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ مەۋجۇت بولغان پىرىنسىپلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا «يۈرت تىنچ بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ» پىرىنسىپى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئاتاتۈركنىڭ ئەقىل ئۈنچىلىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سۆز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كومپاسى بولۇپ كەلدى. بۇ پىرىنسىپ قانداقتۇر، تۈركىيەنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقى ۋە مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بەلكى مەجبۇرلانمىغۇچە ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق سىياسىي كۆز قارىشى، ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەرنى دەسلەپتە قەتئىي ھالدا تىنچلىقپەرۋەر يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىيەنىڭ پۈتۈن تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ئومۇمىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىنغان ياكى ئاياق ئاستى قىلغان بىرمۇ مىسالنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. تۈركىيە تارىخى بويىچە ھېچبىر دۆلەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ باققان ياكى بىرەر رەسمىي ئۇرۇشنىڭ تەرىپى بولۇپ باققان ئەمەس.
بىراق تۈركىيەنىڭ كورىيە ئۇرۇشىغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى، قىبرىس ھەرىبي ھەرىكىتى، سۈرىيە سىياسىتى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى «PKK»غا قارشى كۈرەشلىرىنى يۇقىرىقى پىرىنسىپقا قارشى مىساللار سۈپىتىدە كۆرسىتىكە ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن.
دەرۋەقە، بۇ خىل مىساللار تەخمىنەن بىر ئەسىردىن بۇيان ئىنتايىن ئاز كۆرۈلگەن بولۇپ، ھەتتا ئومۇمىي پىرىنسىپقا بىۋاستە خىلاپ كەلمەيدۇ.
توغرا، تۈركىيە كورىيە ئۇرۇشى، قىبرىس، سۈرىيە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى «PKK» مەسىلىسىدە ھەربىي كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچ بىرسى «يۈرت تىنچ بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ» پىرىنسىپىغا رەسمىي يوسۇندا خىلاپلىق قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز.
** *** ***** ***** *** *** **** *** ***
مەسىلەن تۈركىيەنىڭ 1951 – يىلى كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى بىر ئۇرۇش ئېلانى ئەمەس، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 1950 – يىلى 3 - نويابىردا ماقۇللىغان 337 - نومۇرلۇق «تىنچلىق ئۈچۈن بىرلىك سەپ قۇرۇش» قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قاتناشقانلىقىدۇر. تۈركىيە بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق ئىتىپاقداشلىرىنىڭ سىپىنى تاللاپ، سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە خىتايغا قارىشى مەيدانىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن ئىدى. بىراق تۈركىيەنىڭ بۇنداق مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكى ھەرگىزمۇ مەزكۇر دۆلەتلەردىن بىرەرسى بىلەن بىۋاستە ئۇرۇشقا كىرگەنلىكى بولمايدۇ.
2 - تۈركىيەنىڭ 1974 – يىلىدىكى قىبرىس ھەربىي ھەرىكىتى نە قىبرىس رۇملىرىغا، نە ئۇلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن گىرېتسىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلانى ئەمەس ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى رۇملارنىڭ بىسىمى ئاستىدا قالغان ۋە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدى. تۈركىيە بۇ ھەربىي مۇداخىلىنى 1960 - يىلىدىكى لوندون كېلىشىمىدە كاپالەتچى دۆلەت بولۇپ بەلگىلەنگەنلىكىگە ئاساسەن بىر مەسئۇلىيەت قاتارىدا ئېلىپ بارغان ئىدى.
3 - تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى «PKK»غا قارشى ھەربىي مۇداخىلىسى ماھىيەت جەھەتتىن بۇ تەسكىلاتنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى نۇقتىسىدىن گەرچە تۈركىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئوخشاش بولمىغان ھەتتا قارشى پىكىرلەر ماۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ھەممەيلەن دېگۈدەك بۇنىڭ بىر تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا «PKK»غا قارشى ھەربىي كۈرەش رەسمىي ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى تېرولۇققا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بىر ئىستراتېگىيەدىن ئىبارەتتۇر. ئاخىرىدا بۇ ئىستراتېگىيەمۇ ئۆزگىرىپ، چارە باسقۇچى ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلدى.
بۇ بارلىق مىساللار ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر تاشقى سىياسىتى جەھەتتىن ئەڭ كۆپ تالاش - تارتىش قىلىنغىنى سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتى بولدى. تۈركىيەنىڭ بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى خالايدىغان سۈرىيەلىك قوراللىق قوزغىلاڭچلارنى قوللاش سىياسىتى، بەزىلەرگە نىسبەتەن تۈركىيە گويا سۈرىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەيدىغان ۋە توغرا چىقىرىدىغان بەزى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن تۈركىيە «ئۇرۇشخۇمار سىياسەت تۇتتى» دېگەن قاراش ئىلگىرى سۈرۈلىشىمۇ مۇمكىن. بىراق بۇ قاراشلار قەتئىي توغرا ئەمەس. چۈنكى تۈركىيە سۈرىيە بىلەن رەسمىي بىر ئۇرۇشقا كىرگىنى ياكى سۈرىيەگە قارشى رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغىنىمۇ يوق. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ رەسمىي ئاساسىدا، ئۆز پۇقرالىرىنى قىرغىن قىلىۋاتقان بەششار ئەسەدكە قارشى كۈرەش ۋە بۇ مەقسەتتە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى نىشان قىلىنماقتا. گەرچە بۇ سىياسەتنىڭ دائىرىسى ۋە چەك – چېگرالىرى تالاش – تارتىشقا ئوچۇق بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قارشى رەسمىي ئۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەتئىي توغرا بولمايدۇ.
يۇقىرىقى بۇ بىرقانچە مىسالدىن باشقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخى بويىچە تاشقى سىياسەتتە تىنچلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن مىساللارنى كۆرسىتەلەيمىز.
مەسىلەن ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدىن كېيىن تۈركىيە شۇنچە كۆپ زېمىنىنى قولدىن بېرىپ قويغىنىغا قارىماي، زېمىننى قايتۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان سىياسەت تۇتۇپ باقمىدى. تۈركىيە ئاساسلىق ھۆججەتكە ئىگە «مىساقى مىللى چېگراسى» دائىرىسىگە كىرىدىغان زېمىنلارنىڭ (يەنى كەركۈك، مۇسۇل، غەربىي تراكيا قاتارلىق جايلارنىڭ) دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى سىرتىدا قالغىنىغا قارىتا، بۇ زېمىنلىرنى قۇتقۇزۋېلىش ئۈچۈن بىرەر سىياسەتنى يولغا قويۇپ باققىنىمۇ يوق. ھەتتا تۈركىيە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئەھۋالدىكى گېرمانىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇرۇش يولىنى تالاپمۇ باقمىدى. دەل ئەكسىچە لوزان كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن جوغراپىيەۋى ۋە سىياسي شەرتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلدى. بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى «تۈركىيە ھېچبىر دۆلەتنىڭ بىر غىرىچ زېمىنىغا كۆز تىكمەيدۇ» دېگەن سۆزنىڭ تەكرالانغانلىقىدۇر. يەنە كېلىپ تۈركىيە ئەتراپىدىكى بارلىق رايونلاردا يەنى، بالقان، ئوتتۇرا شەرق، كاۋكاز، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلدى. بۇ نۇقتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى باشقا بارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قارارلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ بىرسىمۇ تىنچلىقنىڭ تەرەققى قىلىشىنى قوللاپ - قۈۋۋەتلەشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئارقىلىق بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىشنى خالايدۇ. بولۇپمۇ گىرېتسىيە، قىبرىس ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ئۆتۈشنى خالايدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر