ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ مەنبەسى

تۆۋەندە مارمارا ئۇنېۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

284917
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ مەنبەسى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 125
«ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ مەنبەسى»

«ئوتتۇرا شەرق» دېگەن ئۇقۇم 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى نەتىجىسدە ئوتتۇرىغا چىقتى. «ئوتتۇرا شەرق» دېگەن ئاتالغۇ تۈنجى بولۇپ 1902 يىلى ئەنگلىيە ھۆججەتلىرىدە ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. ياۋروپا ئېمپىرىيالىزمىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئوتتۇرا شەرق، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە بولسا، ئامېرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە كۆرە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلدى. ئاساسەن دېگۈدەك ئوتتۇرا شەرق خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ئەتراپىدا ۋە تەسىرىدە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقكە غەرب كۈچلىردىن باشقا يەنە خىتايغا ئوخشاش شەرق كۈچلىرىنىڭمۇ كىرىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرىمىز. بولۇپمۇ خىتاي ھەم ئىقتىسادىي كۈچى، ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىچىدىكى سىياسىي كۈچى سەۋەبىدىن رايوندا مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۈرۈشقا باشلىدى.
دەرۋەقە، ئوتتۇرا شەرقكە پەقەتلا رايون سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ تەسىرى نۇقتىسىدىن نەزەر سېلىشمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ. «پۈتۈن مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى چەت ئەل كۈچلىرى» دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ئەسلىدە بارلىق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىلىرىنىڭ بۇنداق ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى كۈچلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بولۇپمۇ 19 – ئەسىردە نامايان بولۇشقا باشلىغان چوڭ كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. چۈنكى ياۋروپا ۋە غەرب دۆلەتلىرى 17 - ۋە 18 – ئەسىردە ئىشقا ئاشۇرغان زامانىۋېلىشىش ئىنقىلاۋى نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەنگەندە، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ تاكى بۈگۈنكى دەۋرگە قەدەر ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى تېزلا يوقۇتۇپ قويۇشىغا ئەگىشىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ نوپوز كۈرىشىنىڭ گىردابىغا دۇچ كەلدى. بۇ باسقۇچ غەربنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن تەڭ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۈچتىن قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن ئوتتۇرا شەرق مەسلىسىنىڭ مەنبەسىدە رايون خاراكتېرلىك ئاكتىيورلار ۋە ئامىللارنىڭ رولىنىمۇ چوقۇم ھېسابقا قېتىش لازىم.
دەرۋەقە، ئوتتۇرا شەرق رايونى 7 – ئەسىرنىڭ يېرىمىدا ئىسلامنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن تارتىپ، 19 – ئەسىرگە قەدەر رايوندىكى دىنامىكلار تەرىپىدىن شەكىللەنگەن ئىدى. رەت بويىچە، ئۇمەۋىيلەر، ئابباسىيلار، سەلجۇقىيلار ۋە ئوسمانلى قاتارلىق كاتتا ئېمپىراتورلۇقلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىددىئولوگىيە - پىكرلىرى ئوتتۇرا شەرقنى 14 ئەسىر بويىچە ھەم بىر پۈتۈلۈككە ئىگە قىلغان، ھەم تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغداپ كەلگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن سەفەۋىيلەر ۋە بابۇرلار، ھېندىستان ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ كاتتا ئىمپېرىيەلەر ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئىلغار ئۈلگە ۋە پىكىرلەرنى ياراتقان ھەمدە بۇلارنى ئۇتۇغلۇق بىر شەكىللەندە تەشكىللەش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىجرا قىلىپ، بۈيۈك ئىسلام مەدەنىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. 14 ئەسىر بويىچە داۋاملىق مەۋجۇت بولغان تاشقى تەھدىتلەرنى ۋە ھۇجۇملارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىشتا ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىپ كەلگەن ئىدى.
بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال سوراشقا توغرا كېلىدۇ: «ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقنى ئىدارە قىلغان رايوندىكى شانلىق ئىپېرىيەلەر 19 – ۋە 20 – ئەسىرگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن تەسىرىنى يوقۇتۇپ قويدى؟»
تۆۋەندە مارمارا ئۇنېۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** **** *** **** *** ***
بۇ سۇئال ئۆتمۈشتىمۇ مىڭلىغان قېتىم سورالغان ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن جاۋاپ بېرىلگەن ئىدى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى مەقسەت قىلغان سان – ساناقسىز لايىھەلەر، مىڭلارچە كىتاپ ۋە ماقالىلار مەۋجۇت. بۇ بارلىق لايىھەلەرگە قارايدىغان بولساق، مۇنداق 3 خىل قاراش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بەزىلەر ئېمپىرىيەلىرىمىز شان – شەرەپ قۇچقان دەۋرلەردىكى دۆلەت مودېلى ۋە پىكىر – قاراشلىرىنى بۈگۈنكى دەۋرگە يۆتكەش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، بەزىلەر ئۆتمۈشنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، زمانىۋېلىشىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى دەۋردىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئىنتايىن پەرقلىق مودېل ھەم قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنى «كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش ۋە نورماللىشىش» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بىراق ئەڭ ئەجەپلىنەرلىك تەرىپى بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىنىڭ تۈپكى سەۋەپلىرى ئارىسىدا، بۇ ئوخشاش بولمىغان، كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش پوزىتسيەنىڭ سىياسىي رىقابەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىدۇر. ئەپسۇسكى، نورمالدا ئىنتايىن مۇناسىپ كۆرۈنىدىغان كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلىش پىكرى ۋە مۇدېللىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ نېگىزلىك سەۋەبىگە ئايلىنىپ قىلغان ھالەتتە تۇرماقتا. كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، بەزىدە دىنىي ياكى مەرھەبىي خاراكتېرگە ئىگە، بەزىدە سىياسىي ياكى ئىدىئولگىيەلىك خاراكتېرگە ئىگە، يەنە بەزىدە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە خاراكتېرىگە ئىگە مودېللار ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇلماقتا. بۇلارنى ھەتتا بەزىلەر ئۆزلىرىچە، تۈرك مودېلى، ئىران مودېلى، سەئۇدى ئەرەبىستان مودېلى دەپ ئاتېۋىلىشماقتا.
دېمەك، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بارلىق رايوننى ئۆز قوينىغا ئالالايدىغان، پۈتۈن رايوندا ئىناۋەتكە ئىگە ۋە تەسىرى كۈچلۈك بىر مودېل ياكى پىكىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدۇر. رايوننىڭ ئاساسلىق كۈلتۈرى ۋە ئېتىقادى بىرلا ئىسلام تۇرۇغلۇق، رايوندا بۇ خىل مەسلىنىڭ شەكىللىنىشى ھەقىقەتەن ئەجەپلىنەرلىك تۇيىلىشى مۇمكىن. ئاساسلىق مەسىلىمۇ دەل مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىقماقتا. دېمىسىمۇ رايون ۋە رايوندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلا ئىزاھات ئەتراپىغا توپلىيالايدىغان بىرەر مودېل مەۋجۇت ئەمەس. مەسىلەن بارلىق ياۋروپا رايونىنى بىر يەرگە توپلىيالىغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى» دېگەن پىكىر ياكى مودېل ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇت ئەمەس. ئەجىبا يۈزلىگەن يىللارغىچە بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ياۋروپالىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان مەسىلىلىرىنى بىر يولىلا ھەل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى»غا ئوخشاش بىر مودېلنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىشقا ئېشىسى مۇمكىنمىدۇر؟
بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇڭا بۇ يەردە بىرەر جاۋاپ تېپىپ چىقىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئورنىغا رايون خاراكتېرلىك بىر مودېل ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ياكى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇش تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مەيلى قايسى مودېل بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر بىر ھەرىكەت چوقۇم تۆۋەندىكى ئامىللارنى نەزەردە تۇتىشى لازىم.
1 – رايوندىكى دىنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بۆلۈنۈشلەرنى قانداق قىلىپ تۈگەتكىلى بولىدۇ؟
2 – رايوندىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن رايون سىرتىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قانداق ۋە قايسى يۆزنىلىشتە ئىلگىرىلىشى لازىم؟
3 – رايون سىرتىكى ئاكتىيورلارنىڭ رايوندىكى ھاكىمى – مۇتلەقلىكىگە ۋە مەنپەتلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟
4 - رايوندىكى خەلقلەر دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا قانداق ئۇتۇققا ئېرىشىشى لازىم؟
5 – رايوننىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلىرى (يەنى ئىسرائىلە بىلەن پەلەستىن، دېكتاتورلۇق، باي - كەبەغەل ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ... ۋەھاكازالار)نى قايسى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىغى بولىدۇ؟
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇنلىغان سوئاللارغا ئايرىم - ئايرىم ئەمەس، بەلكى ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك بىر مودېل دائىرىسىدە، بىر پۈتۈن شەكىلدە جاۋاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكولتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر