19 ـ ماي بايرىمى

19 ـ ماي ئاتاتۈركنى خاتىرلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى كۈنى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

283709
19 ـ ماي بايرىمى
  • 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ يېڭىلىشى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان موندروس كېلىشىمى ئارقىلىق ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە نىسبەتەن ئۇرۇش داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. كېلىشىم ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېرروتېرىيەسى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغانىدى. ئەمما كېيىنچە پارىژدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە موندروستا بېرىلگەن ۋەدىلەر توڭلىتىپ قويۇلدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىزمىر گىرېتسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلغا كەلگەن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش پاراخوتلىرى توپ ئوقلىرىنى پادىشاھ ياشاۋاتقان دولماباھچە سارىيىغا قاراتتى. ئۇدا بىرقانچە ئەسىردىن بۇيان مۇستەقىل ياشاپ كېلىۋاتقان، 3 قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تۈرك مىللىتى ئۈچۈن ھەممە ياقتا بوران – چاپقۇنلۇق كۈنلەر ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. پادىشاھ ۋاھدەتتىن چاناققەلئە ئۇرۇشى قەھرىمانلىرىدىن مۇستاپا كامال پاشانى خان سارىيىغا تەكلىپ قىلىپ، ئارمىيە تەپتىشى قىلىپ تەيىنلەپ ئانادولۇغا ئەۋەتتى. 1919 – يىلى 19 – ماي كۈنى سامسۇندا قۇرۇقلۇققا چىققان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك مىللىتىنىڭ ئەسىر مىللەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمايدىغانلىقىنى بارلىق دوستلار ۋە دۈشمەنلەرگە نامايەن قىلىپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىنى كەڭ قانات يايدۇردى.
    :::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
    ئاماسيادا خىتابنامە ئېلان قىلىپ، بارلىق ۋەتەنسۆيەر زاتلار ۋە گۇرۇپپىلارنى ئىشغالىيەتكە قارشى كۈرەشكە چاقىرغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، سىۋاس ۋە ئەرزۇرۇم قۇرۇلتايلىرىدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەنگلىيە قوشۇپ تارتىپ ئىستانبۇلدىكى مەجلىسنى تارقىتىۋېتىش ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئىشغال ئاستىدىكى ئىستانبۇل سىرتىدا مىللىي مەجلىس قۇرۇش تەكلىپىنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى. ئەرزۇرۇمدا ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن ئەنقەرەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىل بىر مىللەت مەجلىسىنىڭ قۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلدى. ئارقىدىنلا 1920 – يىلى 23 – ئافرېل كۈنى ئەنقەرەدە مىللىي مەجلىس يىغىن چاقىردى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قوشۇنىنىڭ ھايات – ماماتلىق كۈرىشى نەتىجىسىدە ئىشغالىيەتچى قوشۇنلار يېڭىلدى، 1922 – يىلى 30 – ئاۋغۇست كۈنى مىسلىسىز زەپەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
    :::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
    مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ سامسۇندا قۇرۇقلۇققا چىقىشىنى ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ باشلانغۇچى دېيىش مۇمكىن. ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تۇنجى قېتىم 1935 – يىلى 24 – ماي «ئاتاتۈرك كۈنى» نامى ئاستىدا تەبرىكلەندى. تۇنجى قېتىملىق 19 – ماي ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى كۈنى بەشىكتاش تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئالدىدىكى فەنەرباھچە تەنتەربىيە زالىدا گالاتاساراي كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1938 – يىلى 19 – ماي كۈنى ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىش قارارلاشتۇرۇلدى. 1980 – يىللاردا «ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» قىلىپ بېكىتىلدى. ھەر يىلى 19 – ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق تەبرىكلەنمەكتە. «ئاتاتۈركنى چىن سۆيىدىغان ياشلاردىن جۇمھۇر رەئىسكە يالقۇنلۇق سالام» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋە «سۆيگۈ بايرىقى» دەپ ئاتالغان مىسلىسىز چوڭلۇقتىكى تۈركىيە بايرىقى سامسۇندىن ئەنقەرەگىچە تەنھەرىكەتچىلەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلىدۇ. بايراق بۇ يىلمۇ ئەنقەرەدىكى 19 – ماي مۇراسىملىرىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەقدىم قىلىنىدۇ.
    :::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
    بايرام بىر تەرەپتىن ئازادلىق ئۇرۇشنىڭ قوماندانى غازى مۇستاپا كامال پاشانى خاتىرىلەش، يەنە بىر تەرەپتىن، ياشلار ۋە تەنتەربىيەگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچۇسى، مىللىي ئاڭ ۋە گۈللىنىشنىڭ يېتەكچىسى ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى كۈنىمىز قۇتلۇق بولسۇن.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر