تاتارىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە

270941
تاتارىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە قىسمەن ئەركىنلىككە ئىگە بولغان تاتارىستان بۇ ھوقۇقىدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلانماقتا. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، ئالدى بىلەن تاتارىستاننىڭ يېقىندىن بۇيانقى چەت ئەل دۆلەتلىرى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان دىپلوماتىك زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلىرىغا بىر قۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى!
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
2015 – يىلى 2 – مارت كۈنى تاتارىستان پىرېزىدېنتى رۈستەم مىننىخانوۋ قىرغىزىستاندا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. مىننىخانوۋ زىيارىتى دائىرىسىدە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، باش مىنىستىرى ئوتوربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە قىرغىزىستان – تاتارىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. مىننىخانوۋ قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان تاتارلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.
مىننىخانوۋ 8 – مارت كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى سورەنا ساتتارى ۋە بىرقانچە ئىرانلىق مىنىستىر بىلەن كۆرۈشكەن مىننىخانوۋ، تەبرىزدە ئىران – تاتارىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
2015 – يىلى 27 – مارت كۈنى قازاندا تاتارىستان – تۈركىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتناشتى.
مىننىخانوۋ 30 – مارت كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولدى. مىننىخانوۋ بۇ يەردە خەلقئارا يىللىق سېلىنما مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى.
تاتارىستان پىرېزىدېنتى رۈستەم مىننىخانوۋ 6 – ئافرېل كۈنى رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىللە ۋېيتنامدا زىيارەتتە بولدى. 8 – ئافرېل كۈنى تاتارىستان ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى سوفيان جەلىل ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولدى. رۇسىيە – ھىندونېزىيە سودا – ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جەلىل، 9 – ئافرېل كۈنى قازاندا چاقىرىلغان رۇسىيە – ھىندونېزىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى رۇسىيە – ھىندونېزىيە سودا - ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى.
9 – ئافرېل كۈنى ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېتر سزىججارتو تاتارىستاندا زىيارەتتە بولدى. 10 – ئافرېل كۈنى قازاندا ۋېنگىرىيەنىڭ باش كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى يەنە رۇسىيە – ۋېنگىرىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلدى.
تاتارىستان پىرېزىدېنتى رۈستەم مىننىخانوۋ 13 – ئافرېل كۈنى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى. مىننىخانوۋ باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ياقۇب ئەييۇبوۋ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى كەمالەددىن ھەيدەروۋ بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى. 14 – ئافرېل كۈنى مىننىخانوۋ گەنجە شەھىرىدە ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مىننىخانوۋ 15 – ئافرېل كۈنى ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەببۇ، ئىران پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالائەددىن بورۇجەردىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قوبۇل قىلدى.
16 – ئافرېل كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك تاتارىستاندا زىيارەتتە بولدى. بۇ زىيارەت تارىخ سەھىپىسىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تاتارىستانغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاتارىستان دۆلەت كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.
مىننىخانوۋ 17 – ئافرېل كۈنى خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ سۇسانى قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشتا خىتاي تەرىپىدىن قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى پىلانلانغان قازان – موسكۋا تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
21 – ئافرېل كۈنى كۇبا باش مىنىستىرى رىكاردو كابرىكاس تاتارىستاندا زىيارەتتە بولدى. 22 – ئافرېل قازاندا رۇسىيە – كۇبا ھۆكۈمەتلەر ئارا سودا – ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلدى.
مىننىخانوۋ 25 – ئافرېل تۈركمەنىستاندا 2 كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى. مىننىخانوۋ زىيارىتى دائىرىسىدە ئاشخابادتا تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى. نۆۋەتتە 1000 ئەتراپىدا تۈركمەن ئوقۇغۇچى تاتارىستاندا ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇماقتا.
29 – ئافرېل مىننىخانوۋ ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى بىلەن كۆرۈشكەن مىننىخانوۋ، 30 – ئافرېل تۈركىيە – تاتارىستان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. 2014 – يىلى تۈركىيە – تاتارىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 508 مىليون دوللارغا يەتتى. زىيارەت جەريانىدا تاتارىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتىش قارارى ئېلىندى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ھەممىگە مەلۇمكى، تاتارىستان يېقىندىن بۇيان ناھايىتى ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. مىننىخانوۋنىڭ دىپلوماتىك زىيارەتلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئۇچرىشىشلاردا ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى، سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنلىرىنىڭ چاقىرىلىشى، سانائەت رايونلىرى ۋە زاۋۇتلارنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىنىشى، تاتار دىئاسپورا بىلەن ئۇچرىشىشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدۇر.
رۇسىيەنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ تاتارىستان ئىشقا ئاشۇرماقتا. 2009 – يىلدىن بېرى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا چاقىرىلىۋاتقان خەلقئارا قازان باشلىقلار يىغىنلىرى سودا – سانائەتچىلەر ۋە پۇل - مۇئامىلە دۇنياسىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا. مىننىخانوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن «رۇسىيە - ئىسلام دۇنياسى ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى» نىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
تاتارىستاننىڭ دىپلوماتىك زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلىرى بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇلتۇر قازان شەھىرى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانىلىق قىلدى. تاتارىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قويۇق ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇشىغا تىلەكداشمىز.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر