تەۋبە - ئىستىغپار قەلبنى پاكلايدۇ ۋە نۇرلاندۇرىدۇ

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (18)

258235
تەۋبە - ئىستىغپار قەلبنى پاكلايدۇ ۋە نۇرلاندۇرىدۇ

تەۋبە - ئىستىغپار قەلبنى پاكلايدۇ ۋە نۇرلاندۇرىدۇ

ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، «ئۇلار ناۋادا شەھۋانىي بىر ئىشنى ياكى باشقا گۇناھنى سادىر قىلىپ سالسا ۋە ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا، شۇ ھامان ئاللاھنى ياد ئىتىدۇ ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھدىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلالىسۇن؟ ھەمدە ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرىۋەرمەيدۇ» دەيدۇ. (سۈرە ئەلئىمران 135 - ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە تەۋبە – ئىستىغپارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بەندە بىر خاتالىقنى سادىر قىلغىنىدا قەلبىگە قارا بىر داغ چۈشكەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ گۇناھنى تاشلاپ، ئەپۇ - مەغپىرەت تىلىسە، تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا يۈزلەنسە، قەلبى پاكلىنىدۇ. ناۋادا ئۇنداق قىلمىسا، گۇناھ ۋە خاتالىقنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ قارا داغ بارغانچە چوقىيىشقا باشلايدۇ ۋە نەتىجىدە پۈتۈن قەلبىنى قاپلاپ كېتىدۇ» دەيدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
ئاللاھنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى ھەر دائىم ياخشىلىققا، گۈزەللىككە ۋە خەيرىلىك ئىشلارغا يۈزلەنگەن ھالدا ھايات كەچۈرۈشىمىز، جۈملىدىن ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتلىرىغا، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە تۇلۇق رىئايە قىلغان ئاساستا ھايات كەچۈرۈشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتىگە ئېرىشىشىمىزنى خالايدۇ. بىراق شۇنداقتىمۇ ھەممىمىز ئاجىز ئىنسان بولغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ھەر دائىم گۇناھقا ئىتتىرىلىش خەۋپىگە ئۇچراپ تۇرىمىز. دەل مۇشۇ ۋەجىدىن بىز ئاللاھنىڭ رەھىم -شەپقىتى ۋە كاتتا نېئمىتى بولغان تەۋبە - ئىستىغپارغا مۇھتاج بولىمىز.
تەۋبە ۋە ئىستىغپار، ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىدىن ئەپۇ - مەغپىرەت تىلىشىنى ۋە ئاجىزلىقىنى تىلغا ئېلىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئىنساننىڭ مېھرى - شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. تەۋبە ۋە ئىستىغپار، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن، تېلىمىزدىن، كۆزىمىزدىن، قىسقىسى پۈتۈن ئەزالىرىمىزىن سادىر بولغان گۇناھلاردىن پاكلىنىشىنىڭ ۋەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەۋبە ۋە ئىستىغپار گويا ھاياتىمىزنى يېڭىدىن باشلىشىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزگە ئاچقان رەھمەت ۋەنېمەت ئشىكىدۇر. (ئىبنى ماجە)
ئاللاھنىڭ بىر سۈپىتى «تەۋۋاب»دۇر يەنى، تەۋبىلەرنى ئىنتايىن كۆپ قوبۇل قىلغۇچىدۇر. يەن بىر سۈپىتى «ئەفۇۋ»دۇر، يەنى چوڭقۇر رەھىم - شەپقىىتى بىلەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. «غەفۇر»دۇر، تىلىگەننى ۋە ئۆزى خالىغاننى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۆزىگە يۈزلەنگەن ئاڭ – ئىدراكلارنى، ئۆزىگە سوزۇلغان قوللار ۋە مۇراجىئەت قىلغان يۈزلەرنى بوش قايتۇرمايدۇ. چىن يۈرەكتىن سىغىنغانلارنى خىجالەتتە قويمايدۇ. ئۇلارغا پايانسىز رەھىم شەپقىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان سەمىمىي بىر شەكىلدە ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغانلا بولسا، چىن يۈرەكتىن يالۋۇرۇپ، تائەت - ئىبادەت ۋە ئەڭ گۈزەل زىكىرلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىدىغانلا بولسا، كۇپايە قىلىدۇ.
ئەزىز قېرىناشلار!
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز قۇرئان كەرىمدە تۈنجى يارىتىلغان ئىنساننىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە تەۋبە - ئىستىغپارنى تەلىم بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. يەنى ئادەم ئاتىمىز بىلەن ئايالى ھاۋا ئانىمىز ئۆتكۈزگەن بىر خاتالىقتىن كېيىن دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىدۇ، «ئى پەرۋەردىگارىمىز بىز ئۆز -ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق. ئەگەر بىزنى ئەپۇ قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېيىش ئارقىلىق مەغپىرەت تىلەيدۇ. ئاللاھمۇ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. (سۈرە بەقەرەنىڭ 35 - ۋە 38 ئايەتلىرىگە ھەمدەسۈرەئەئرافنىڭ 19 - 23 - ئايەتلىرگە قارالسۇن)
ئىنسانىيەتنىڭ بۇ تۈنجى ئىمتىھانىدا رول ئالغان ئاكتىيورلاردىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان شەيتان بولسا، مۇتەكەببىرلىك قىلىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىدۇ. خاتاسىنى قوبۇل قلىشىنىڭ ئورنىغا، ئۇنى توغرا كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى بولىدۇ. مانا بۇ ئىككى مۇھىم مىسال ئارقىلىق ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا «خاتالىق ۋە گۇناھلار تەۋبە قىلغان ئەھۋالدا ئىنساننى ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر گۇناھ ۋە خاتالىقتا مەھكەم تۇرىۋالغان تەقدىردە ئىنسان شەيتانغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۇزاقلىشىدۇ» دەپ تەلىم بېرىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلار!
تەۋبىنىڭ ئىشىكى ئاداققىچە ئوچۇقتۇر. تاكى ئەجىلىمىز كەلگەنگە قەدەر ئوچۇق تۇرىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تەۋبە ئىشىكىنىڭ ئىچىدە تۇرۇش، ئاللاھنىڭ رەھىم ـ شەپقەت دەرياسىدىن قانغۇچە ئېچىۋېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش، ھەر دائىم سەمىمىي پۇشايمانلىق ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئاللاھنىڭ مېھرى ـ شەپقىتىگە سىغىنىش، كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدىكى قېيىنچىلىقلار تۈپەيلى بىتاب ياتقان قەلبلىرىمىزنى، ھەر تۈرلۈك ئىددىئىلوگىيلەرگە گىرىپتار بولغان ئاڭ ـ پىكىرلىرىمىزنى، خىلمۇ خىل سۆزلەر بىلەن ئىسراپ قىلغان تىللىرىمىزنى، تەۋبە ـ ئىستىغپار، زىكىر ئارقىلىق قايتىدىن پاكلاپ تېرىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
قېنى ئەمىسە ئۇنداقتا كېلىڭلار! بۇ مۇبارەك 3 ئايلارنى پۇرسەت بىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى دەريا كەبى بىز تەرەپكە ئېقىۋاتقان بۇ قۇتلۇق كۈنلەردىن ياخشى پايدىلىنايلى! تائەت ـ ئىبادىتىمىز، تەسلىمىيىتىمىز ۋە سالىھ ئەمەللىرىمىز بىلەن قەلبىمىز چتەكتىدىن چىقىۋاتقان تەۋبىلىرىمىز، ئەپۇ ـ مەغپىرەت - تىلەكلىرىمىز بىلەن پەقەتلا ئاللاھقا يۈزلىنەيلى! قۇتلۇق 3 ئايدىن كېيىن پاك ـ پاكىز، گۇناھسىز ھالغا كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلىگەن بىر بەندىسىگە ئايلىنىشقا تىرىشايلى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە تەلىم بەرگەن بۇ تەۋبە ئىستىغپار دۇئاسىنى ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيلى!!
«ئى ئاللاھ! سەنلا مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭ. مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ۋە سېنىڭ بەرگەن ۋەدەڭكە ئۇيغۇن يول تۇتۇپ مېڭىشقا تىرىشىمەن. قىلمىشلىرىمنىڭ شەررىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى ۋە ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. مېنى مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى گۇناھلارنى سەندىن باشقا ئەپۇ قىلغۇچى يوقتۇر» (تىرمىزىن دەۋەت باباى 15 – ھەدىس)

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر