چاناققەلئە ئۇرۇشى نۇقتىسىدىن ياخشى، يامان ۋە يىرگىنىشلىك

تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

258236
چاناققەلئە ئۇرۇشى نۇقتىسىدىن ياخشى، يامان ۋە يىرگىنىشلىك

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى – 122
«چاناققەلئە ئۇرۇشى نۇقتىسىدىن ياخشى، يامان ۋە يىرگىنىشلىك»


چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 100 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆرسەتكەن پوزىتسىيەلىرى ئۆزگىچە ئەخلاقىي بىر مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارى. بىز بۇ پوزىتسىيەلەرگە 1966 - يىلى ئىشلەنگەن «ياخشى، يامان ۋە يىرگىنىشلىك» ناملىق فىلىمنىڭ ئىسمى ۋە مەزمۇنىدىن ئىلھام ئالغان شەكىلدە باھا بەرمەكچىمىز.
سېرگىئو لون رېژىسسورلۇقىنى قىلغان، كېلىنت ئېستۋۇد، ئېلى ۋاللاچ ۋە لى ۋان كىلېف رول ئالغان بۇ فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا، يەرگە كۆمۈلۈپ قالغان ئەمما ئورنى نامەلۇم ئالتۇنلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن 3 نەپەر كالا باققۇچى چېۋەندازلارنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى مەزمۇن قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقەلەرنى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا كۈندىلىك تۈرمۈشتا، خۇسۇسىي قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. چۈنكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرمۇ ئومۇمەن بىلىنگىنىگە ئوخشاش مەنپەئەت ۋە كۈچ تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئەخلاق ۋە مەردانىلىقنىڭ تىرىچانلىقىدۇر. مەسىلەن 2015 – يىلى 23 – ئاپرېلدىن 25 – ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 100 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆرسەتكەن پوزىتسىيەلىرىنى مۇشۇ نۇقتىدىن باھالاشقا بولىدۇ.
دەرۋەقە، 1915 – ۋە 1916 – يىللىرىدىكى چاناققەلئە ئۇرۇشلىرى باشقا بارلىق ئۇرۇشلارغا ئوخشاش «ياخشى، يامان ۋە يىرگىنىشلىك»لەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بىر ئۇرۇش ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئىتتىپاقدىشى رۇسىيەگە ياردەم يەتكۈزۈش پىلانى بار ئىدى. يەنە بىر تەرەپتە رۇسىيە ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسا، ئىستانبۇلنى ئالقىنغا كىرگۈزۈپ، ئورتودوكىس خرىستىئان دۇنياسىنىڭ رەھبىرى بولۇشنى ھەمدە شەرقىي ئانادولونى ئىشغال قىلىپ، بىر ئەرمېنىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. مانا بۇلار خەلقئارا سىياسەتنىڭ «يامان» تەرىپى ئىدى. بىراق بۇنىڭدىن تېخىمۇ ناچار بولغىنى رۇسىيە ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ يېرگىنىشلىك تاكتىكىلارنى ئىشقا سېلىشى بولدى. ئوسمانلى خەلىپىلىكى پۇقراسى ھېسابلىنىدىغان ئەرمەنلەرنى ۋە كوماندىرلارنى ئوسمانلى دۆلىتىگە قارشى تەشكىلاتلاندۈرغانلىقى بولدى. بۇ «يامان ۋە يىرگىنىشلىك» پوزىتسىيەلەرگە قارشى ئوسمانلى خەلىپىلىكى مۇنداق ئىككى خىل قەدەم تاشلىدى.
بىر تەرەپتە چاناققەلئەدە ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەگە قارشى ئۆز ۋەتەنلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئانادولۇدا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قوغدىنىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەنى يولغا قويدى. بۇ تەدبىرلەر ئەمەلىي سىياسەت جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىنتايىن توغرا ئىدى. بىراق ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەقسەتتە ئەرمەنلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۇسلۇبى ۋە قاتتىق قوللۇقى «يامان» بولغان ئىدى. تېخىمۇ يامان يېرى، ئۇرۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا ئوسمانلى خەلىپىلىكى تەۋەلىكىدە يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان ئۆزئارا گىرەلىشىپ ھايات كۈچۈرگەن ئەرمەنلەر، تۈركلەر، ئەرەبلەر، كۇردلار ۋە رۇملارنىڭ بىر بىرسىگە قورال تەڭلەيدىغان بولۇپ قېلىشى ئىدى. يۈ مىڭلىغان خەلقنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى بىردىنلا ئۈزۈپ تاشلىشى نەقەدەر «يامان» بولغان بولسا، يەنە شۇ خەلقتىن بەزىلەرنىڭ بۇ ھۇجۇملارغا قارشى بىر - بىرنى مۇداپىئە قىلىشى، شۇ قەدەر مەدھىيەلەشكە تېگىشلىك «ياخشى» پوزىتسىيە بولغان ئىدى.
تۆۋەندە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزان گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
*** ** ***** ***** **** **** ****
چاناققەلئە ئۇرۇشى يىللىرىدا يۈز بەرگەن بۇ ئېچىنىشلىق ۋە ئۆبجەش مەنزىرىنىڭ ئوخشىشى شۇنىڭدىن 100 يىل كېيىن 2015 – يىلى 23 – ۋە 24 - ئاپرېلدا كۆرۈلدى. تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 100 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا چاقىرغان «ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر تىنچلىق يىغىنى» ۋە چاناققەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملىرى ئىنتايىن «ياخشى» بولدى. بۇنىڭدىن تېخىمۇ «ياخشىسى» ۋە ھەتتا كامالەتكە يەتكىنى، 100 يىل ئىلگىرى چاناققەلئە ئۇرۇشىدا ئۇرۇش قىلغان ئانزاقلاردىن تۈركلەرگىچە بولغان نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان ئىدى. ئۇرۇشنىڭ ئازابلىق ئەسلىمىلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە دوستلۇق ۋە تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش مۇھىم ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭدەك 100 يىل ئىلگىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەرمەنلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ۋە باشقا يەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىشمۇ ياخشى بىر ئەھۋال. بىراق ئوخشاش ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان، كىملىكلىرى باشقا مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بۇنداق ئالاھىدە خاتىرلەنمەسلىكى ھەقىقەتەنمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان «يامان» ئەھۋال ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ مۇراسىمغا قاتناشمىغانلارغا ئوخشاش بۇ يىغىلىشنىڭ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق چاقىرىقلىرىغا ئېتىبار بەرمەسلىك ۋە 100 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشمۇ شۇنچە يىرگىنىشلىك بولدى. پاپانىڭ ۋە ياۋوپا پارلامېنتىنىڭ شۇنداقلا رۇسىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ 100 – يىل مۇناسىۋېتى بىلەن پەقەت ئەرمەنلەرنىڭلا ئازابلىرىنى تىلغا ئېلىشلىرى ئەمما باشقىلارنىڭ ئازابلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشى «يامان» بولدى. بولۇپمۇ ئاتالمىش ئەرمەنلەر مەسلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلەشلىرى تېخىمۇ «يىرگىنىشلىك» بولدى. پاپانىڭ بۇ چارە ئارقىلىق خرىستىئانلارنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر قارارى بىلەن ئەرمەن لوبىلىرىغا ياخشىچاق بولۇشقا تىرىشىشى، رۇسىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئەرمەنلەر مەسلىسى ئارقىلىق كاۋكاز رايونىدا كۈچ تالاشماقچى بولۇشى ئاجابىپ يىرگىنىشلىك بولدى.
شۇنىڭدەك يەنە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدىغان بۇ خىل پوزىتسىيەلەرنىڭمۇ خۇددى «ياخشى، يامان ۋە يىرگىنىشلىك» ناملىق فىلىمدىكىگە ئوخشاش ئەڭ ئاساسلىق مەسلىسى، ئومۇمىي ئىنسانىيەتنىڭ ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە شەخسىي ھېسابلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىۋالغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. فىلىمدىكى «ياخشى، يامان ۋە يىرگىنىشلىك» روللار ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە (ئالتۇنلارنى ئالقانغا كىرگۈزۈشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە) پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنىڭ بايلىق ۋە نامراتلىق كۈرىشى قىلىۋاتقنانلىقىنى ئەكىس ئەتتۇرۈپ بېرەتتى. يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر شەكىلدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئاساسىلىق كۆپ قىسمى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، (مەسىلەن سۈرىيەدە شۇنچە ئېغىر ئىنسانىي ترادېگىيەلەر يۈز بەرمەكتە) يەنە بىر قىسمى چاناققەلەئە ئۇرۇشىنىڭ 100 – يىلى مۇناسۋىتى مەزگىلىدە سىياسىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قەستىدە بولۇپ يۈرمەكتە.
خۇلاسىلاپ ئۇچۇق ئېيتقاندا، ھەر يىلى 24 – ئاپرېلدا ئاتالمىش «ئەرمەنلەر قىرغىنچىلىقى» ئىغۋاگەرچىلىكلىرى «يامان»لىق ۋە بەزى دۆلەتەرنىڭ بۇ ئېغىۋاگەرچىلىك ئارقىلىق مەنپەئەت كويىدا يۈرىشى «يىرگىنىشلىك» بولىۋاتقان بولسا، بۇلارغا قارشى ئۆتمۈشنىڭ ئورتاق ئازابلىرىنى ۋە مەسىلىلىرىنى ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار ھەمدە تىرىشىۋاتقانلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقانلار «ياخشى»لىقنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقىرىدا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت بىلىملىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامىزاننىڭ گۆزەننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر